ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 914|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شاھدىيارسوفت تورى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى

30

تېما

187

يازما

651

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
0
جۇغلانما
1759
ئاقچا
6
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شاھدىيار تورى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى.
<<شاھدىيار تورى>> كومپيۇتېر، يۇمشاق دېتال ۋە تېخنىكىنى ئاساسىي نىشان قىلغان تور بېكەت بولۇپ، ھەر خىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار، زامانىم ئەپ بازىرى، تېخنىكىلىق ماتېرىياللار، ھەر خىل پىروگرامما لايىھىلەش تېخنىكىلىرى ... قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان كەسپىي كومپيۇتېر تېخنىكا تور بېكىتى.

شاھدىيار تورى (شاھدىيارسوفت) نىڭ ئىلگىرىكى تور بېكىتىدە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىلا بار بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچىراپ قالغان. يەنە، يۇمشاق دېتاللارغا قارىتا باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز - قاراشلىرىنى، تەكلىپ - پىكىرلىرىنى يېزىشقىمۇ بولمايىتتى. ئۆزىمىز چىقىرىپ قويغان ماتېرىياللارنىلا كۆرۈش بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، تور بېكىتىمىزنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەشنى پىلانغا كىرگۈزگەن ئىدۇق.
شۇنداق قىلىپ <<شاھدىيارسوفت تورى>> نىڭ يېڭى نەشىرىمۇ پۈتۈپ تاماملاندى.
بۇ نەشىرىدە <<شاھدىيارسوفت>> يۇمشاق دېتاللىرىدىن باشقا يەنە زامانىم ئەپ بازىرى مەخسۇس سەھىپىسىمۇ تەسىس قىلىندى.
يەنە، ھەر خىل پىروگرامما تىللىرىدىن پىروگرامما كودىنىمۇ تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پىروگرامما ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياكى پىروگرامما بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە يولۇققانلار ئۈچۈن ھەر خىل پىروگرامما تىللىرىدىن ھەر خىل مەزمۇنلار بويىچە پىروگرامما كودىنىمۇ چىقىرىپ تۇرىمىز. شۇنداقلا يېڭىدىن پىروگرامما ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن ھەر خىل تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ياساش دەرسلىكىمۇ رەسىملىك تېما شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئاستىغا تورداشلار ئەزا بولمايلا بىۋاستە ئىنكاس يوللىغىلى بولىدىغان بولۇپ، مەزمۇنغا قارىتا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ (تور بېكىتىمىزدە ئىنكاس يوللىغۇچىلار چوقۇم مۇنبەردىكى ئەزالىق نامىغا ئوخشاش مۇقىم بىر ئىسىم قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ئىنكاسقا قارىتا جاۋاب بېرىش ۋە بەزى مەسىلىلەر ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن پايدىلىق. مەسىلەن: مەن <<شاھدىيارسوفت>> نامىنى قوللىنىمەن).

سۆز قالدۇرۇش ئورنىدىن ياردەم سورىماقچى بولسىڭىز، تەكلىپ - پىكىر ۋە باشقا دەيدىغانلىرىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
تەپسىلاتىنى تور بېكىتىمىزگە كىرىپ كۆرۈپ باققايسىز.

شاھدىيارسوفت تورىنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ ئادېرىسى:
www.shahdiyar.com

تور بېكىتىمىزگە قارىتا تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا http://www.shahdiyar.com/Soz_Qaldurung.asa بۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.



شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى
Shahdiyarsoft Software Research, Invent Group

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Shahdiyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 18:02  

3

تېما

224

يازما

206

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
763
ئاقچا
0
مەنزىل02 ۋاقتى: 2012-10-5 23:36:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور بەت ئېچىلىشى بىرئاز ئاستىمۇ قانداق

1

تېما

31

يازما

295

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
698
ئاقچا
1
anatilim ۋاقتى: 2012-10-6 00:34:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مۇبارەك بولسۇن ! يېڭى بېكىتىڭىلارنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن !  بېتىڭلار ھەقىقەتەن كۆركەم چىقىپتۇ!

21

تېما

443

يازما

899

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3540
ئاقچا
50

تۆھپە ئوردېنى

QQ
cj038 ۋاقتى: 2012-10-6 15:12:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېسىل كۆركەم چىقىپتۇ. تىرىشىڭ ، قوللايمىز.............  
ئەقىل كۆركى تىلدۇر،بۇتىل كۆركى سۆز،
كىشى كۆركى يۈزدۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش