- جۇغلانما
- 406
UID10253
تىزىملاتقان2012-9-21
ئاخىرقى قېتىم2014-6-18
توردا49 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 406
- ئاقچا
- 1
|
بۇ قېتىم مەن بۇرۇنقى ئەقىلسىز تېلىفۇنۇمنى ئەقىللىق تېلىفۇنغا ئالماشتۇراي دەپ، جوڭگۇ كۆچمە تېلىگىرافنىڭ 中兴U885 ماركىلىق تېلىفۇنىدىن بىرنى ئالغان. سېستىمىسى Android 2.3.6 ئىكەن. بۇرۇن مۇشۇ خىل تىپتىكى ئاندىرويىد تېلىفۇن توغىرسىدا كاللامدا ھېچقانداق چۈشەنچە يوق ئىدى. ئىشقىلىپ ئالىپ تورىنى بىر قېزىپ چىقتىم دېسەممۇ بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئانچە مۇنچە بىر نەرسىنى پەرىق ئەتتىم. چۈشەنچەم بويىچە تېلىفۇننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر بولسا زاۋۇتتىن چىققان ھالەتتە ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنگەن، CPU سى مۇشۇ خىلدىكى تېلىفۇن بىلەن ئوخشاش بولغان تېلىفۇننىڭ libicuuc.so دىگەن ھۆججىتىنى تاپسام بولغۇدەك. بۇ قېيىنغا توختايدىغاندەك قىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل: ئاۋال تېلىفۇنغا Root ھوقۇقى ئالسام، ئاندىن مۇشۇ مۇنبەردە ئاندىرويىد 4.0 دىن تۆۋەن نەشىردىكى تېلىفۇنلار ئۈچۈن تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىسىنى قاچىلاپ باقسام بولغۇدەك. شۇڭا مەن مۇشۇ تېلىفۇنغا Root ھوقۇقى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ مۇنبەردە تەۋسىيە قىلىنغان Root لاش قوراللىرىدىن ئىشلەتمىگىنىم قالمىدى. مەسىلەن: 一键Root工具,91, 360,刷机大师,安卓大师,卓大师,UniversalAndroot_v1_6_2_beta6,蘑菇云,安卓一键ROOT权限获取工具,ShuameSetup_0.9.8, unlockroot23-chs,傻瓜root包,z4root , 刷机精灵 قاتارلىقلار. ئەلىۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا تېلىفۇندا تۇرۇپمۇ Root لىغىلى بولىدىغان apk شەكىلىدىكى قوراللارنىمۇ كۆپ ئىشلىتىپ كەتتىم. قانداق ئىشكىن بىلمىدىم. بۇ تېلىفۇننى پەقەت Root لىيالمىدىم. خەنچە تور بەتلەرنى ئاختۇرسام مۇشۇ خىلدىكى تېلىفۇنغا Rom قاچىلاپ باققانلار بار ئىكەن بولمىسا. لېكىن ئۇچۇر قىلسام ئۇ «يولداشلار» ئۇچۇر قايتۇرمايلا قويدى... شۇنداق قىلىپ تېلىفۇننىمۇ USB غا تولا چېتىپ بەك جاپاغا قويدۇم... ئۆزەممۇ ھەم شۇ!
ئەمدىكى سورايدىغىنىم: 1. 中兴U885 نى Root لاپ باققانلار بارمۇ؟ 2. 中兴U885 نى Root لىغىلى بولامدۇ؟ 中兴U885 نى Root لىماي تۇرۇپلا باشقا روم قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ رومىنى ئورگان بېكىتىدىن تاپالمىدىم، مۇشۇنىڭ پاكىز Root لانغان روملىرى بارمۇ؟ 3. Android نىڭ نەشىرىنى Root لىماي تۇرۇپلا بېۋاستە يۇقىرلاتقىلى بولامدۇ؟...
مۇشۇ ھەقتە ئاتامانلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن مەسلىھەت سورايمەن... ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلە! |
|