|
سەركار پەن-تېخنىكا ئېچىش شىركىتىمىز ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان، يۇمشاق دىتال لاھىيلەش،ياساش،ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش،ئورنىتىش،ئاسراشنى بىر گەۋدە قىلغان كەسىپچانلىقى كۈچلۈك شىركەت بولۇپ، شىركىتىمىز تۈزۈپ چىققان بىر قانچە خىل يۇمشاق دىتاللار ئىشلىتىشكە قولايلىقلىقى،مۇقىملىقى ۋە ئىشلىتىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئەۋزەللىكىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قوللىشىغا چە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.
شىركىتىمىز بازارغا سالغان ئاشخانا باشقۇرۇش سېستىمىسى،تاللا بازىرى باشقۇرۇش سېستىمىسى،توپ تارقىتىش دۇكىنى باشقۇرۇش سېستىمىسى، خۇجىلىق باشقۇرۇش سېستىمىسى قاتارلىق يۇمشاق دىتاللار نىگىزىدىن پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تۈزۈلگەن بولۇپ بىر قانچە يىللىق ئىشلىتىش جەريانىدا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ھەرخىل مۇھىتتا كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ سېستىمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق.
ئاشخانا باشقۇرۇش سېستىمىسىنى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى WIFI تور مۇھىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، سىگنالى كۈچلۈك،مۇقىم،باشقا سىگناللار ئارلىشالمايدىغان،كاشىلا قىلالمايدىغان ئايرىم سىمسىز سىگنال سېستىمىسىغا يۆتكىدۇق. بۇنىڭلىق بىلەن سىمسىز تاماق تىزىملىغۇچنىڭ سىگنال قوبۇل قىلىش دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭىيىپ،نەچچە قەۋەتلىك بىنا ياكى كۆلىمى ئون مىڭ كۇۋادىرات مېتىردىن ئاشىدىغان تىجارەت سورۇنلىرىدا سىگنال كۈچەيتكۈچ ئورنىتىش ئارقىلىق سىمسىز سىگنال مۇقىم بولماسلىق مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇمشاق دىتالغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئاشخانىدىكى تىجارەتنى ئىستاتىسكىلاش،كىرىم چىقىمنى ھىساپلاش،خىزمەتچىلەرنى ئارخىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تولۇقلاپ، نوقۇل ھالدىكى تاماق تىزىملاش سېستىمىسىدىن تەرەققى قىلدۇرۇپ بىر يۇمشاق دىتال بىلەن ئاشخانىنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان،بارلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولالايدىغان مۇنەۋۋەر بىر يۇمشاق دىتال قىلىپ چىقتۇق.
تۆۋەندىكىسى ئاشخانا باشقۇرۇش سېستىمىسىدىن كەسمە رەسىملەر.
سېستىما كۆرۈنمە يۈزى
تىجارەت ئەھۋالى
تاماق تىزىملىكى
ھىساۋات قىلىش
زاكاس قوبۇل قىلىش
سېستىمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
ئاشخانا تىجارىتىگە لازىملىق بولغان بارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلانغاندىن سىرت خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. خىزمەتچىلەر خېرىدار بىلەن تاماق چىقىدىغان ئورۇندا تاماق تىزىملىكى توشۇپ ياكى تاماق سۈيلەپ يۈگرەپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. تاماق يوللاش، سۈيلەش،قايتۇرۇش،تاماق قوشۇش قاتارلىق بۇيرۇقلار ئۈچۈن سىمسىز تاماق تىزىملىغۇچتا بۇيرۇق بەرسىڭىزلا بولىدۇ.
ھىساۋات ناھايىتى ئېنىق. ئەتتىگەندە كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ قويۇپ خېرىدارنىڭ قولىدىكى ھىساۋات قەغىزى بۇيىچەپۇل ئېلىپ كەچتە ئاشخانىنى تاقىغاندا ئۇمۇمى ھىساپنى كۆرسىڭىزلا بولىدۇ. ئەگەر خوجايىن دۇكانغا كىلەلمىسە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق شۇ كۈنلۈك ھىساپنى خوجايىننىڭ يانفۇنىغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بىرىدۇ.
كۈنلۈك ياكى ئايلىق سېتىلغان تاماقنى ئىستاتىسكىلاپ قايسى تاماق قانچە قېتىم سېتىلدى. قايسى تاماق كۆپ قايتۇرۇلدى. قايسى رايۇننىڭ سېتىشى ياخىشى دىگەندەك مۇھىم ئۇچۇرلارنى بىر كونۇپكا بىلەن بىلەلەيسىز.
ئوخشاش تۈردىكى يۇمشاق دىتاللار بىلەن پەرقى:
1.شۇنىڭغا ھۆددە قىلالايمىزكى تىجارەت سورۇنىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بارلىق ئورۇنلاررنىڭ سىگنالىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. بۇرۇن ئىشلەتكەن wifiسىگنالىدا دائىرە ئۇزىراپ كەتسە تاماق تىزىملىغۇچنىڭ سىگنالى ئاجىزلاپ كىتىدىغان. سىمسىز يول باشلىغۇچنى كۆپ ئىشلەتسە بىرىنچىسىدىن ئىككىنچىسىگە يۆتكەلگۈچە تور ئۈزۈلۈپ قېلىپ ئىشلەتكۈچىگە قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرگىنى ئۈچۈن wifiدىن قول ئۈزۈپ ئايرىم سىگنال سېستىمىسىنى ئىشلەتتۇق.
2.سېستىما C/S شەكلىدە تۈزۈلگەن يۇمشاق دىتال بولۇپ تاماق تىزىملىغۇچقا ئورنىتىلغان يۇمشاق دىتال ئىزدەش ۋە يوللاش سۈرئىتىنىڭ تىز ۋە راۋان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
3.يۇمشاق دىتالنى نۆلدىن باشلىنىپ ئۆزىمىز تۈزگەن بولغاچقا خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيمىز. ئىشلىتىش جەريانىدا يىتەرسىزلىكىنى بايقىسىڭىز تۈزىتىپ بىرىمىز. يەنە باشقا ئىقتىدارلارنى قوشقۇزماقچى بولسىڭىز باھادا كېلىشەلىسەك دېگىنىڭىزدەك قىلىپ ئۆزگەرتىپ بىرىمىز.
ئەلۋەتتە. بىز ھەممىسىدىن ياخشىسى بولۇشىمىز ناياتىن. بىراق ھەممىسىدىن ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىدىغان ئىرادىمىز بار.
بۇنىڭدىن باشقا مۇنەۋۋەر يۇمشاق دىتاللىرىمىزدىن تاللا بازىرى باشقۇرۇش سېستىمىسى نەچچە يىللىق ئىشلىتىش جەريانىدا خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن بولۇپ ئىھتىياجىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ. خېرىدارلارنىڭ مەسلىھەت سورىشىنى ۋە ئالاقىلىشىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئالاقە تېلىفۇن نۇمۇرى: 18095814233 |
|