- جۇغلانما
- 732
UID7605
تىزىملاتقان2012-3-11
ئاخىرقى قېتىم2015-2-9
توردا127 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 732
- ئاقچا
- 1

|
iPhoneنىڭ ئەلا بولغان سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق سىز خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يەردە يۇقىرى سۈپەتلىك رەسىم ۋە سىنلارنى ئالالايسىز، لېكىن بەزىدە رەسىمگە تارتىدىغان ئورۇندىكى نۇر ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن رەسىمنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يىتىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر بىر چاقماق چىراغ بولىدىغان بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .
Paparazzoبولسا ئاددىي بولغان iPhone غا سىرتتىن ئۇلىنىدىغان چاقماق چىراغ بولۇپ ، سىز رەسىمگە تارتقان ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى بولغان يورۇتۇش شارائىتىغا ئىگە بولالايسىز. 300 ليۇمېن( يورۇقلۇق مىقدارى بىرلىكى) LEDلامپا ئورنىتىلغان Paparazzoئادەتتىكى كەسپىي چاقماق چىراغلاردىن قېلىشمايدۇ.
[attachimg]6674[/attachig]
بۇ iPhoneنىڭ ئۆزىنىڭ چاقماق چىرىغى بىلەن Paparazzo چاقماق چىرىغىنىڭ رەسىمگە تارتقاندىكى ئۈنۈم سېلىشتۇرمىسى
Paparazzoئىنتايىن ئاددى قولايلىق ، لېكىن ئۈنۈمى كەسپى چاقماق چىراغلاردىن قېلىشمايدۇ ، پۈتۈنلەي قاراڭغۇ مۇھىتتىمۇ رەسىمگە تارتىش سىنغا ئېلىشقا بولىدۇ.
Paparazzo نىڭ iPhone نىڭ توكىنى خورىتىۋېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ،Paparazzo گە ئىككى دانە CR 123باتارىيىسى سەپلەنگەن ، ھەمدە ئۆلچەملىك ئۈچ پۇتلۇق جازىنى قوللايدۇ.
Paparazzo نىڭ ئۈچ خىل خىزمەت مۇھىتى بار بولۇپ ، ئايرىم-ئايرىم رەسىمگە تارتىش، سىنغا ئېلىش ۋە يورۇقلۇقنى تەڭشەش دېگەندەك . ھازىرچە بۇلار ئايلانما كۇنۇپكا ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ، كېيىنچە ماس ئەپلەر ئارقىلىق چاقماق چىراغنى iPhoneئارقىلىق تەڭشەش ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن.
http://news.karwan.cn/show.php?mid=2827.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Never_Say_Never تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-24 01:44
|
|