ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1528|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

windows phone8 سىستىمىسى andorid ۋە ios سىستمىلىرىنىڭ ھەقىقى رەقىبى بولالامدۇ ؟

10

تېما

78

يازما

423

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1078
ئاقچا
1
    2012-يىلى 6-ئاينىڭ21-كۈنى ئېلىكتىرون ۋە يۇمشاق دىتال ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت مىروسوفىت شىركىتى Windows Phone 8 ئەقىلى ئىقىتىدارلىق تېلىفۇن سىستىمىسىنى ئېلان قىلدى .
     نوكىيا سىمبايىن سىستىمسىدىكى تىلىفۇنلارنىڭ بازىرنىڭ كۈنسىرى ناچارلىشىشى ، ئاندورىيد سېستىمىسنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى شۇنداقلا ئالما شىركىتنىڭ Iphone ماركسىدىكى تېلىفۇنلىرىنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مۇكەممللىشىشىگە ئەگىشىپ ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلفۇن بازىرنى ئاندورىيد سىستىمسىدىكى تىلىفۇنلار ۋە ئالما شىركىتنىڭ تىلىفۇنلىرى ئىگەللەپ كەلمەكتە ئېدى .  يۈز نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە نوكىيا شىركىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى نىسىۋىسىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويدى. ھالقىلىق پەيىتتە نوكىيا شىركىتى سىمبايىن سىستمىسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كىچىپ مىكروسوفىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلقىنى بىلدۈردى . نوكىيا شىركىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشى ياكى تاقىلىپ قېلىشنى پۈتۈنلەي windows phone8 سىستمىسىنىڭ غەلبە قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولىشى مۇناسىۋەتلىك دىيىشكە بولىدۇ.  
     ئۇنداقتا مىكروسوفىت شىركىتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان windows phone8  سېستىمىسىنىڭ ئاندورىيد ۋە ئالما شىركىتىنىڭ ios سېستىمىلرىغا قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار ؟ تۈۋەندە تەپسىلى قاراپ باقايلى.

   windows phone8 نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى.
  
1. ئىچكى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى يوقىرى كۆتۈرلىدى .
      windows phone8 سىستىمىسى قوش يادرولۇق ياكى كۆپ يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچى قوللايدىغان بۇلۇپ سىستىمىنىڭ سۈرئىتىwindows phone7.5 نىڭ يەككە يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچسىغا سېلىشتۇرغاندا windows phone8 غا ئىشلىتىلگەن قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتى خېلىلا تىز. گەرچە باشقا سېستىما قاچىلانغان قوش يادرولۇق تېلىفۇنلار ئاللىقاچان سېتىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ لېكىن windows phone8 نىڭ بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى باشقا سېستىمىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سېستىما كۆپ خىل ئېنىقلىق دەرىسىنى قوللايدۇ.

2. سىستىمىغا سەپلەنگەن تور كۆرگۈچ يېڭىلاندى .
      windows phone8 غا IE10 كۆرگۈچ سەپلەنگەن بۇلۇپ  windows phone7.5  غا سېلىشتۇرغاندا تورغا چىقىش سۈرئىتى ، توردىكى رەسىم ، ۋىدىيولارنى ئوقۇش ئىقتىدارى ۋە سۈرئىتى 5 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
01.jpg
3.ئويۇن ۋە ئەپلەرنى يۆتكەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى.
     windows phone8  سىستىمىسىغا  widows8 بىلەن ئوخشاش ئىچكى يادرو ئىشلىتىلگەن بولۇپ دىتال ياسىغۇچىلار widows8 نىڭ دىتاللىرىغا پەقەت ئازراقلا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسا widows8 نىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەپلىرىنى  windows phone8   دا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، دىمەك  windows phone8  كوپمىيوتىر ۋە تىلىفۇننى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى . بۇنداق بولغاندا  windows phone8   نىڭ ئەپلىرنىڭ سانى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى تىز سۈرئەتتە كۆپەيگۈسى ، بۇنىڭلىق بىلەن  windows phone8  نىڭ ئەپلىرىنىڭ ئاز بۇلۇپ قېلىش مەسلىسى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا ھەل بولىدۇ.

4.windows phone8 سېستىمىسى NFC تېخنىكىسىنى قوللايدۇ.
     windows phone8 غا NFC ئىقتىدارى قۇشۇلغان بۇلۇپ بۇ يېڭى ئىقتىدار ئارقىلىق تېلىفۇن، خاتىرە كومپىيوتىر ۋە تاختا كومپىيوتىر ئارسىدا تىز سۈرئەتتە ماتىرىيال يوللاش ۋە ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
02.jpg
5. كۆچمە پۇل تاپشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
    NFC ئىقتىدارى ئارقىلىپ تىلىفۇننى كۇچا ئاپتۇبۇسى كارتىسى ، تاللا بازىرى ۋە باشقا جايلارنىڭ ئەزالىق كارتىسى ئورنىدا پۇل تۈلەشكە ئىشلەتكىلى بۇلدىغان ھەميانغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.  مىكروسوفىت شىركىتى windows phone8 نىڭ NFC ئىقتىدارىنى  '' ئەڭ مۇكەممەل كۆچمە ھەميان '' دەپ تەرىپلىدى.
03.jpg
6. سىستىمىغا سەپلەنگەن خەرىتە يېڭىلاندى .
     windows phone8 غا نوكىيا تىلىفۇن خەرىتسى سەپلەرنگەن بۇلۇپ نوكيادىن باشقا تىلىفۇن زاۋۇتلىرى ئەگەر windows phone8 سىستىمىسنى ئىشلىتىپ تىلىفۇن ياسىغان تەقدىردىمۇ ھەممسىگە ئوخشاشلا نوكىيا خەرىىتىسى سەپلىندىكەن .  نوكىيا خەرىتىسى تور ھالتىدىن باشقا تورسىز خەرىتە ھالىتى ۋە يول باشلاش ئىقىتدارنىمۇ قوللايدىكەن 04.jpg
7. كۆچمە سوداۋە كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارى.
   windows phone7.5 نىڭ سودا ئۇچۇرلىرى ، كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارى مۇكەممەل بولىمىغاچقا  windows phone8 نىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . شۇنداقلا   BitLocker بىخەتەرلىك قۇلۇپ ، بىخەتەر قوزغۇتۇش، ئۈسكىنە باشقۇرۇش ، كۆچمە Office قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار قۇشۇلغان.
05.jpg
8. تىلىفۇن سىستىما يۈزى يېڭىلاندى .
   windows phone8 نىڭ سىستىما يۈزىدىكى كاتەكچىلەر ( ئەپ ۋە باشقا ئىقتىدارلارغا ۋەكىللك قىلىدىغان كاتاكچە شەكىللىك رەسىم ) نى چوڭ ، ئوتتىرھال ۋە كىچىك ۋە ئوخشىمىغان رەڭلەردە تەڭشىگىلى بۇلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھەر كىشى ئۆزنىڭ ياقتۇرىشى بۇيىچە خالىغانچە تەڭشەپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
06.jpg

windows phone8مىكروسوفىتتىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك شىركەتنىڭ توختىماي ئىزدىنىشى ئارقىسىدا گۇگۇل شىركىتنىڭ Andoridسىستىمىسى  ۋە ئالما شىركىتنىڭ  IOS سىستمىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بۇلۇش ئىمكانىيىتى ناھايىتى زور.
    ئالما شىركىتىنىڭ Iphone ماركىسىدىكى تىلىفۇنلىرى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ۋە يۇقىرى تەبىقىگە ئىتىلدىغانلارنىڭ ئۆلچىمى بۇلۇپ قالدى ، گۇگۇل شىركىتىنىڭ Andorid سېستىمسى بولسا بۇ خىل سىستىمىنى قوللىنىپ ياسالغان تىلىفۇنلارنڭ تىپنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بوپ كىتىش سەۋەبى بىلەن پارچلنىش ۋەزيىتىگە يىتەي دەپ قالدى . مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ  windows phone8 سىستىمىسى ئەگەر راستىنلا شەخسى كومپىيوتىر ۋو تىلىفۇننى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرلالىسا بۇ ىسستىما چۇقۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا Iphone ۋە Andorid  قا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.



   تېما مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى
http://bbs.misranim.com/thread-81882-1-1.html



ئەسكەرتىش : بۇ تېمىنى ئۆزۈم نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا خەنزۇچە تور بېكەتتىن تەرجىمە قىلىپ مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغان ، بەزى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى كەسپى ئاتلىشىنى بىلمىگەچكە تەرجمىدە بەزى خاتالىقلار بار بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرشىنى ئۆمۈت قىلىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +30 يىغىش سەۋەبى
alip + 30

باھا خاتىرىسى

300

تېما

2371

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251069
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip ۋاقتى: 2012-8-18 12:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە windows phone8 نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كومپىيۇتېر نۇسخسىدىكى Windows8 بىلەن بىرلىشەلىشى. مۇشۇ ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتسا چوقۇم ئۈزۈپ چىقىدۇ.

ئەرزات ئەپەندى مۇشۇنداق IT ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

12

تېما

174

يازما

407

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1222
ئاقچا
0
amir ۋاقتى: 2012-8-18 13:36:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Windows Phone سېستىمىلىق تىلفۇننى ئىشلىتىپ باقمىدىم لېكىن تۇتۇپ باقتىم،كۆرۈنمە يۈزى ماڭا يارىدى ئەگەر راستىنلا كومپىيوتىردىكى ئەپلەرگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزپ تېلفۇنغا قوللايدىغان قىلغىلى بولسا كومپىيوتىربىلەن تىلفۇن بىرگەۋدىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلسا مىنىڭچە isoۋەئاندىروئىد Windows Phone نىڭ رەقىبى بولالمايدۇ.

12

تېما

231

يازما

626

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2062
ئاقچا
1
313656868 ۋاقتى: 2012-8-18 15:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ شۇنداق

6

تېما

241

يازما

881

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4068
ئاقچا
1
tekin ۋاقتى: 2012-8-18 15:34:21 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahasi kanqa puldu? tizrak qikarsa bulatti.

9

تېما

454

يازما

6

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
713
ئاقچا
0
ghemkin ۋاقتى: 2012-8-18 18:02:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

1

تېما

126

يازما

635

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1896
ئاقچا
27
ajimks ۋاقتى: 2012-8-22 12:19:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ شۇنداق !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش