|
مەن توردىكى خىلى كۆپ يازمىلاردىن تىلفۇننىڭ libicuuc.soھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىنى نىگىزىدىن تونۇتقانلىغىنى ۋە تونۇيدىغانلىغىنى كۆرگەن ئىدىم ۋە بەزى خىزمەتداشلىرىمنىڭ تىلفۇنىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن نىگىزىدىن ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ بەرگەن.مەن موتۇرۇللا 811تىپلىق تىلفۇن ئىشلىتەتتىم ،يىقىندا ئالىپ تورىدا موتورۇللا 611نىڭ ئۇيغۇرچە رومىنى تارقاتتى 611غا قارىسام سىپىيۇسى TI OMAP3620ئىكەن مىنىڭكى بولسا TI OMAP3630ئىدى كۆزۇمنى يۇمۇپ بۇزۇلسا بۇزۇلا دەپ libicuuc.soھۆججىتىنى قاپلاپ كۆچۇرۇپ قارىسام تىلفۇن نۇرمال (ئىلگىرى ل گ 970نىڭ ھۆججىنى كۆچۇرگەندە بۇزۇلغان )لىكىن ھەرقانداق قىلىپ ئاساسى رايۇندا تونىماي بۇرۇنقىدەك كىڭەيتىلگەن رايۇندا تونۇۋاتىدۇ. 3كۇننىڭ ئالدىدا ئىقتىدار توربىتىگە كىرىپ قالدىم (ئىلگىرى كىرىپ باقماپتىكەنمەن )قارىسام موتۇرۇللا 722نىڭ ئۇيغۇرچە تونۇتۇلغان رومى باركەن ( بۇ تىلفۇننىڭ سىپىيۇسى مىنىڭكى بىلەن ئوخشاش )مەن بۇ رومنى چۇشۇرۇپ libicuuc.soھۆججىتىنى ۋە خەت نۇسقىسىنى كۆچۇرۇپ ئىشلەتسەم يەنىلا بولمىدى .ئۇستازلاردىن سورايدىغىنىم libicuuc.soھۆججىتىنىدىن باشقا ھەل قىلىدىغان مەسىلە بارمۇ؟ ياكى ئارلىقتا دىققەت قىلىدىغان باشقا ئىشلار بارمۇ تەلىم بەرسەڭلار ....( تىلفۇنۇمغا 2.36لىك ئاندىروئىد قاچىلانغان ئىدى.تىلفۇنغا يەنە cm7نىڭ رومىنى چۇشۇرۇپlibicuuc.soھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش ئاساسى رايۇنغا ئۆزگەرمىدى ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تادان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-12 16:22
|
|