- جۇغلانما
- 732
UID7605
تىزىملاتقان2012-3-11
ئاخىرقى قېتىم2015-2-9
توردا127 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 732
- ئاقچا
- 1

|
http://news.karwan.cn/show.php?mid=2865.html
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، PSھەۋەسكارلىرى تېزدىن كېلىپ كۆرۈڭلار! ئەگەر سىزدە بىر ئاندرويد يانفونى ۋە بىر PS3ئويۇن تۇتقۇسى بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەقلىيفونىڭىز پۈتۈنلەي بىر ئالقان ئويۇنچۇق ماشىنىسىغا ئايلىنىدۇ. GameKlipئاددىي ھەم قالتىس قۇرۇلما بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئەقلىيفونىڭىز ۋە PS3تۇتقۇسىنى قىسىپ مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا كۆك چىش ياكى USBئارقىلىق ئۇ ئىككىسىنى ئۇلايدۇ. (ئۇلىنىش شەكلى يانفون تىپىغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ).
ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىز ناھايىتى چوڭ، بارماقلىرىڭىز ناھايىتى قوپال بولسا، سېزىمچان ئېكراندا مەۋھۇم كونتروللىغۇچنى ئىشلەتكەندە قولايسىزلىق ھېس قىلىسىز. GameKlipنى ئىشلەتسىڭىز يانفون ئويۇنىدىن ناھايىتى ياخشى ھوزۇرلىنالايسىز.
GameKlipنىڭ لاھىيەلىگۈچىسى ئېكراندىكى مەۋھۇم كونترول قىلىش كونۇپكىلىرىنى ئىشلىتىپ، بىزار بولغاندىن كېيىن PSتۇتقۇسىنى قوشۇش چارىسىنى ئويلىغان. تۈرلۈك كۆك چىش ئىقتىدارى بار ئويۇن تۇتقۇلىرىنى قايتا-قايتا تاللاش ئارقىلىق، ئاخىرى PS3تۇتقۇسىنى تاللىغان.
GameKlipقا ABSقۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ ماتىرىيالى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە سامسۇڭ Galaxy S III ,Galaxy S II ,Galaxy Nexus ,Galaxy Note، HTC Evo 4G LTEۋە HTC One X يانفونلىرىنى قوللايدىكەن. سېتىۋالغۇچىلار 15 دوللارغا USB سىمى يوق نۇسخىسىنى، ياكى 23 دوللارغا قوشۇمچە USBسىمى سەپلەنگەنلىرىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن.
ھەر بىر GameKlipئۈسكۈنىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن ياسىلىدىكەن. ئەگەر تىزىملىكتە سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز بولمىسا، ياسىغۇچىلار كۆپلىگەن ئۈسكۈنىلەرگە ئاساسەن GameKlipsنى بۇيرۇپ ياساتسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بەزى يانفونلار ھېچقانداق ئۈچىنچى تەرەپ دېتالىنى ئىشلەتمەيمۇ PS3كۆك چىشلىق تۇتقۇسىنى بىۋاستە قوللايدىكەن، لېكىن ئەگەر سىزنىڭ يانفونىڭىز بىۋاستە قوللىمىسا، ئۇنداقتا گۇگېلىنىڭ Playدۇكىنىدىن “Sixaxis Controller”دەپ ئاتىلىدىغان ئەپنى چۈشۈرسىڭىز بولىدىكەن. ئەگەر كۆك چىش بىلەن سىمسىز ئۇلىماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا rootھوقۇقىغا ئېرىشىشىڭىز كېرەككەن، دىققەت قىلىڭ، Sixaxis Controllerپەقەت بىر قىسىم يانفونلارنىلا قوللايدۇ.
ئەگەر سىز بۇ ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئويۇنچۇققا قىزىقسىڭىز، سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى “Sixaxis Compatibility Checker”(Sixaxisماسلىشىشچانلىقنى سىنىغۇچ) ئارقىلىق يانفونىڭىزنىڭ Sixaxisتۇتقۇسىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقىنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
|
|