ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1091|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مائارىپنىڭ غەلبىسى ۋە ھالاكىتى (3)

11

تېما

19

يازما

130

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
310
ئاقچا
6
3. تەقسىمات ۋە تەقدىر
مائارىپتا سۇ بېشىدىن لاي......
   ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئايلا قالغاندا، «شەھەردە قېلىش»تىن بىشارەت بەرگەن ساۋاقداشلىرىمىز پالچىدەكلا شەھەردە ئىشقا چۈشتى. يېزىمىزدا ئانچە مۇنچە ئەمىلى، پۇلى، يۈزى بارلارنىڭ بالىلىرى يېزىمىزغا قايتىپ كەلدى. نامراتلار تىلەپ تاپىدۇ دېگەندەك، مەن ۋە يەنە بىر ساۋاقدىشىم ئاغزىمىزدىن «سائەت» چىققاندەك، باشقا يېزىنىڭ بىر كەنت مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ قالدۇق.
ياخشى ئوقۇغان، تالانتلىق، ئىقتىدارلىق، كۆپكە قادىر نامرات پۇقرا بالىلىرى ئەنە شۇنداق تەقسىماتقا دۇچ كەلگەن ئىدۇق.
كېيىن قانداق بولدىكىن، تەقدىرىمىز ئۆزگىرىپ، يەنىلا ئۆز يېزىمىزغا تەقسىم قىلىنىپ، ھەر كۈنى بېرىپ كېلىش ئۈچۈن 24 كېلومېتىر يولنى ۋەلسىپىت بىلەن باسىدىغان كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە يول ئالدۇق.
  ھېلىھەم تۇنجى مەكتەپكە بارغان كۈنۈم مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمىسا كېرەك.
تەقسىمات بويىچە بىزنى ئالغىلى كەلگەن مەكتەپ مۇدىرى ۋەلسىپىتىنى مىنىپ ئالدىمىزدا كېتىپ باراتتى.مەن  ئارقىدىن ۋەلىسپىتىمنى  مىنىپ ، ناھايتى ھاياجانلىق ۋە  يۈرىكىم قېپىمىزدىن چىقىپ كېتىدىغان خوشاللىق بىلەن ئارقىدىن كېتىپ باراتتىم.
تۇنجى خىزمەتكە چۈشكەن شۇ دەقىقىلەردە ، جاھان ئاجايىپ گۈزەل ، ھاۋا ئىنتايىن خۇشپۇراق تۇيۇلماقتا ئىدى. چۈنكى ئەمدى ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندىكى ئۆچرەت تۇرۇپ تاماق ئالىدىغان جاپالىق قورساق ئۇرۇشىدىن، تاماق بېلىتىمىز تۈگەپ كېتىپ، ياتاقداشلىرىمىزدىن پارچە نان قەرز ئالىدىغان قەرزدارلىق كۈنلىرىمىزدىن، ئەڭ مۇھىمى ئىنتايىن قورقۇنچلىق ئايلىق، چارەكلىك، ماۋسۇملۇق ئىمتىھانلاردىن، ئەڭ خوشاللىقى ھەر كۈنى دەرسكە كىرگەندە «مۇئەللىم نومۇرۇمنى چاقىرىپ سۇئال سوراپ قالارمۇ » دەيدىغان دەككە دۈككە ئەندىشىدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدىم.
ئالدىمدا، مەكتەپ مۇدىرىمىز ۋەلسىپىتىنى مېىنىپ كېتىپ باراتتى.
مەكتەپكە يېقىن قالغاندا، ئۆستەڭ بويىدىكى بىر ئەسكى كەپە ئالدىدا توختاپ، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئىككىمىز بۇ كەپىگە كىردۇق. بۇ كەپە شۇ يەردىكى بىردىنبىر تاماق مەنبەسى ئىكەن. بىز 4 تال سامسىنى 2 دىن  يىگەندىن كېيىن مەكتەپكە كىرىپ كەتتۇق. شۇ كىرىپ كەتكەنچە بۇ كۈندە 24 كىلومېتىر يولنى ۋېلسىپىتتە ماڭىدىغان بۇ مەكتەپتە 5 يىل ئىشلەپ كەتتىم.
تۇنجى قەدەمدە ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىگە كىرىشىمگە ، ئىش ئۈستىلى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىۋاتقان، سوغۇق سۇ بىلەن نان يەۋاتقان، مۈگدەپ ئولتۇرغان ساناقلىق بىر قانچە مويسپىت ئوستازلار كۆزۈمگە چېلىقتى.
گەرچە ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن، خىزمەت مۇھىتىدىن بەكمۇ مەيۇسلەنگەن، بايامقى خوشاللىقلىرىم ئاللىقاياقلارغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دەل شۇ پىشقەدەملەرنىڭ تەربىيەسى ، مېنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.

مائارىپنىڭ غەلىبىسى ۋە ھالاكىتى (4)

4. كونىچە  كىيىم ۋە يېڭىچە كاللا
يېقىنقى بىر قانچە يىللىق تەرەققىياتنىڭ تېزلىكىدىن بەلكىم 1993-يىلىنى سۈرەتلەپ بەرسەم بەزىلەر زېرىكىپ قېلىشى ياكى ئىشەنمەسلىكى مۈمكىن.
  مەن بېرىپ بىر ھەپتە ئىچىدە ھېس قىلىپ، ئېدىيەمگە ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان ئىش،  بۇ مەكتەپتىكى 700 گە يېقىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل تاياقلىرى ئالدىدا ئەمەس، ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئېغىز سۆزىدىنمۇ بەزگەك كېسىلى بار ئادەمدەك تىترەپ تۇرۇشى ئىدى.   ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئۆسۈپ كەتكەن ساقال بۇرۇتلار، كىر كىيىملەر، قىڭغىر شەپكىلەر، رەتسىز كىيىم كېچەكلەردىن كۆرە، ئېتىزلىقتىن ئۇدۇل سىنىپقا كىرىپ كېتىۋېرەتتى. ناۋادا بۇلارنى تەربىيە كۆرمىگەن دېگۈچىلەر بولسا، مەن تۆۋەندىكى ئىككى ماتىريالنى بىزنىڭ ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئانچە مۇنچە مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمىزغا دەلىل سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئىككى پارچە خاتىرىنى ئوقۇرمەنگە سۇنىمەن.
1-خاتىرە: ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى مائارىپ ھەركىتى
ئۇيغۇرلار ئەمگەكچان، باتۇر، پاراسەتلىك مىللەت بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق «تارىم مەدەنىيىتى» بىلەن ئاسىيادىكى «خۇاڭخې-چاڭجىياڭ مەدەنىيىتى»،«ئافرىقىدىكى«نىل دەرياسى مەدەنىيىتى»، ئامېرىكىدىكى «مايا مەدەنىيىتى»، ياۋرۇپادىكى «رىم-يۇنان مەدەنىيىتى» قاتارىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت غەزنىسىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى.
        يېقىنقى زامان تارىخنى ۋاراقلىساقمۇ، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك جاھانغا تونۇلغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرلىرى ۋە ئاماننىساخاندەك ئۇلۇغ مۇقامشۇناس سەنئەتكارلىرى بىلەنمۇ پەخىرلىنىشكە ھەقلىق.
ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى 1934-يىلى ئاقسۇنىڭ ۋالىسى، مەرىپەتپەرۋەر زات نىياز شەرىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاتاقلىق ئالىم ۋە پىداگوك مەمتىمىن قارى ھاجى (سۇپىزادە) نىڭ بىۋاستە تەشكىللىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئۇيۇشما بىر مىللىي، ئىجتىمائىي،مەدەنىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلات بۇلۇپ، كۈرەش نىشانى: مىللەتنى نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتۇپ، مىللى مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن مەدەنىيەت دولقۇنىنى قوزغاپ، يېڭى مائارىپ سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى 1934-يىلدىن 1949-يىلىغىچە بولغان 15 يىللىق تارىخىدا يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاقسۇ رايونىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ۋە ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا  تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.
1. «پۇلى بارلار، پۇل چىقىرىش، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىش»چاقىرىقى ئاستىدا ، قاينام تاشقىنلىق بىلەن شەھەر يېزىلاردا پەننى مەكتەپ ئاچتى.
2. خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى يولغا قۇيۇپ، جەمىيەتتىكى ئىگە-چاقىسىز،يېتىم-يېسىرلارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، دارىلئېتام مەكتىپى قۇردى. دارىلئاجىزىن تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى.
3. مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى يولغا قۇيۇپ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان مىللى مەدەنىيەتنى قۇتقۇزۇش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.
1942-يىلىدىن كېيىن ئۇيۇشما ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە جاللات شىڭ شىسەينىڭ سىياسى جەھەتتىكى زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن،ئۇيۇشما چېكىنىپ، زۇۋاللىققا يۈزلەندى. 1945-يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى، ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى»نىڭ ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ، گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىندى.
1943-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ ئالۋان سېلىقىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى بىلەن، مال باھاسى ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدىكى خادىملار كۈندۈلىك تۇرمۇشىنى قامداشقىمۇ مۈمكىن بولماي، مائارىپ سېپىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.
1945-يىلى 8-ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى 3 ۋېلايەت ئىنقىلابى مىللى ئارمىيىسى ۋە ئاقسۇ خەلقىدىن قورقۇپ، سېپىل ئىچىگە مۆكۈنۈۋېلىش بىلەن ، سېپىل سىرتىدىكى خەلقنىڭ ئۆي-جايلىرى،دەل-دەرەخ،باغۋارانلىرىنى،جۈملىدىن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى بىلىم يۇرتىنىمۇ ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇرۋەتتى.
دېمەك: ئازاتلىقتىن بۇرۇنمۇ بىزدە مەدەنىيەت مائارىپ ھەركىتى بولغان ئىكەن.

2-خاتىرە: ئازاتلىقتىن كېيىنكى مائارىپ ئىشلىرىمىز
1950-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ ناھىيەسىدىكى 22 باشلانغۇچ مەكتەپ تۇنجى قېتىم دەل ۋاقتىدا ئوقۇش باشلىغان. شۇ يىلى قىشتا ناھىيەلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەدەنىيەت مەكتىپى قۇرۇلغان. ھەم دېموكىراتىك ئىسلاھاتقا ماسلاشتۇرۇپ، قىشلىق مەدەنىيەت ئۆگىنىش، ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرى ئېچىلىپ، ئاممىۋى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، مەدەنىيەت ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالغان.
1952-يىلى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەكتەپلەر ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇرۇلدى. ھەم باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇلارنىڭ ئوقۇش تۈزۈمى 6 يىل، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 5 يىل بولدى.
1954-يىلى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش قارارىغا ئاساسەن، دېھقان، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تۆت باشلانغۇچ مەكتەپلەر كۆپەيتىلدى ھەم مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تۈزۈمى تۆت يىل قىلىپ بېكىتىلدى. ئىمتىھاندىكى 100 نومۇرلۇق ئۆلچەم بەش نومۇرلۇق ئۆلچەمگە ئۆزگەرتىلدى.
1957-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دۆلەت ئېلان قىلغان «باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ خىزمەت نىزامى» سىناق تەرىقىسىدە يولغا قۇيۇلۇپ، مىللى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىدا خەنزۇتىلى دەرسى قۇشۇپ ئوقۇتۇلىدىغان بولدى.
1957-يىلى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھازىرقى قۇمباش يېزىسىدا قۇمباش ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئاقسۇ ناھىيەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.
1959-يىلى ھەر قايسى گۇڭشىلار قۇرغان «بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەر»نى باشقۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپلەردە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتى قۇرۇلدى.
مەركىزى كومىتىت 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى تەرتىپكە سېلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش، سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش، ئوقۇغۇچىلا رئىمتىھان بېرىش، سىنىپقا كۆچۈرۈش-قالدۇرۇش ۋە مۇكاپاتلاش-جازالاشتىن ئىبارەت تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملەر بەرپا قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە دۆلەت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇددىتىنى 6 يىل قىلىپ بېكىتتى. مىللى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
1985-يىلى پۈتۈن شەھەر بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك باشلانغۇچ مەكتەپلەر 112 گە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرى 105 گە، ئوقۇغۇچىلار 20مىڭ 796گە، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئۇقۇغۇچىلىرى 17 مىڭ 683 گە ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 1178 گە، بۇنىڭ ئىچىدە مىللى ئوقۇتقۇچىلار 978 گە يەتتى.
1985-يىلىدىن كېيىنكى مائارىپنىڭ گۈللەپ ياشناش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى دېيىش ئارتۇقچە؛
شۇنداق بولغانىكەن، 1934-يىلىدىكى ئۇيغۇر مەەنىى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدىن 1980-يىلىغىچە بولغان دەۋىردە، گەرچە مائارىپچىلارنىڭ بىلىم ساپاسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئادەم تەربىيلەش ئېڭى ناھايتى كۈچلۈك بولغان ئىكەن دەپ ئويلايمەن.
  ئۇنداقتا، «گىرانات كاللا، قاتمال ئېدىيە» يېقىنقى زامان مائارىپچىلىرىمىزغا نەدىن پەيدا بولغان بولغىيدى؟
كىچىكىمدىن ئەلاچى ئوقۇپ، دىگەنلىرىمنىڭ توغۇرلىقىغا قەتئى ئىشنىدىغان ئېدىيە شەكىللەنگەن مەندەك يېڭىچە بىر ياش، دەل مۇشۇ ئېدىيە مەسلىسىدە، ھەش پەش دېگۈچە توقۇنۇشۇپ قالدىم.
سىنىپ مۇدىرى بۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى رەتلىك قىلىش، چاچلىرىنى پاكىز ئالدۇرۇپ، بەزىلىرى يالاڭباش يۈرۈش، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى يەردە ئەمەس، ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ مەشىققە سېلىشتەك ئاددى يېڭىلىق ھەركەتلىرىم بەزى«پىشقەدەم»لەرنىڭ نەزىرىدە، «ئىشەكنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان تەخەي» تۇيۇلۇپ، ئەڭ يېقىنقى زاماندىمۇ، كونىچە كىيىم بىلەن يېڭىچە كاللا ئوتتۇرىسىدا خېلى سۈركۈلۈشلەر بۇلۇپ ئۆتتى.
  بۈگۈنكى كۈندە، ئولتۇرۇپ ھەيران بولىمەن.
ئوقۇتقۇچى-ئىنسان دىلىنى يورۇتقۇچى؛ قارىغاندا، بەزى ئوقۇتقۇچىلار- باشقىلارنىڭ دىلىنى يۇرۇتۇۋېرىپ، ئۆزىدىكى يورۇقلۇقنى يوقۇتۇپ قويىدىغان ياكى ئۆزىدىكى يۇرۇقلۇق تۈگەپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ.
يەنە شۇنداق ئويلاپ كېتىمەن.
ئوقۇتقۇچى- ئەڭ مەلۇماتلىق كىشىلەر؛ لېكىن بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاددى سانى بار، سۈپىتى يوق ئىنساندىن قىلچىمۇ پەرقى يوق.
ئەسلىدە مائارىپ - يېڭىلىقنى بالىلار قەلبىگە، جەمىيەتكە، ئائىلىلەرگە تاراتقۇچى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس.....
مانا مۇشۇ مائارىپتىكى يېڭىلىق ياراتقۇچىلار بىلەن يېڭىلىقنى جاپا ھېساپلايدىغان، گەپنى مىللىتى ئۈچۈن، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزى ئۈچۈن قىلىدىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش- مائارىپىمىزنىڭ قەدىمىگە سانجىلغان بىر تىكەندۇر؛

(داۋامى بار)
مەشئەل تورى


http://www.xjmaxal.cn بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uigur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-4 23:50  

nurhayat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
nurhayat ۋاقتى: 2011-4-16 14:33:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش