- جۇغلانما
- 945
UID2370
تىزىملاتقان2011-8-15
ئاخىرقى قېتىم2015-2-16
توردا122 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 945
- ئاقچا
- 23

|
يانغون 9100نىڭ ياۋروپا نەشىرى، ROM ئالىپ تورى تارقاتقان 2.3.5لىك ئۇيغۇرچە ROM (ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ) ،روم نەشىرى :Alip.Biz_V1_20111025
تۈنۈگۈن كەچ يانفوندا پەقەتلا توك تۈگەپ، ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ قالغان. بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن توككا چاتقاندا، يانفون دەسلەپتە باتارىيە كۆرۈنىشىدە توك قاچىلاۋاتقان ھالەت چىقىپ (5سېكونت ئەتىراپىدا)، يانفون قوزغىلىش قونچىقى سالام قىلدىيۇ، ئارقىدىنلا يەنە ئۆچۈپ قالدى. كەينىدىن يەنە باتارىيە كۆرۈنىشىدە توك قاچىلاۋاتقان ھالەتتىن كېيىن ، يانفون قوزغىلىش قونچىقى سالام قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە ئۆچۈپ ئوخشاش ھالەت تەكرارلىنىۋەردى...زەرەتلىگۈچنى يانفوندىن تارتىۋىتىپ، بىرەر سائەتتىن ئۇزۇن ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە توككا چاتتىم. 2-3قېتىم يەنە ئوخشاش ھالەت تەكرارلانغاندىن كېيىن، يانفون ئېچىلدى. ئېچىلىشى بىلەن تەڭلا ئىكراننى ئۆچۈرۋەتتىم(باتارىيەدىكى توك بەك تۆۋەنمىكى دەپ). بىردەم توك قاچىلىۋالغاندىن كېيىن، يانفوننى ئېچىپ قارىسام، يانفون يەنە تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن ھالەتكە قايتىپ قاپتۇ ، يەنى- تەڭشەك يىتەكچىسى ئاستىدا ئوڭ تەرەپتە تىل ئۆزگەرتىش، سولدا يەنە بىر نىمە...( ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولغان، ئۇ چاغدا يانفوننى بىرنەچچە كۈن ئىشلەتمەي قويۇپ قويۇپ، توك قاچىلىسام ئېچىلغان، رومنى بىر يېڭىلىۋەتكەندىن كېيىن ئوڭشالغان ئىدى. ). ھازىر يانفون ئوچوق، ئەمما يانفوننى قايتا قوزغاتساملا يەنەشۇ تەڭشەك يىتەكچىسى ھالىتىدە قوزغىلىدۇ. يەنە بىرسىگە يېڭى كەلگەن ئۇچۇرنىمۇ قوبۇل قىلالمايۋاتىدۇ، «سىغىمىم يوشۇپ كەتتى يېڭى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلالمايمەن» دەمدۇ... تۈنۈگۈن يانفون قوزغالغاندىن كېيىن SD كارتىنى فورماتلىۋەتلكەن، يانفوننىڭ ئىچىدىمۇ شۇ ROM دا بار بولغان ئەپلەرلا قاچىلاغلىق...(تەڭشەڭ ئىچىدىن سىغىم ئەھۋالىنى تەكشۈرسەم، ئىچكى سىغىم ئەھۋالى: جەمئىي بوشلۇق0 ، ئىشلەتكىلى بولىدىغىنى 0 دەپ چىقىدۇ)
بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبىنى، ئوڭشاش ئامالىنى بىر بىلسەم. ئۇيغۇرچەROM دىن باشقا ROMغا ھازىرچە ئالماشتۇرغۇم يوق. 4.0نى ساقۋاتقىلى ئۇزۇن يىللا بولدى، بىلىكتىكى بىر تېمىدىكى ئىنكاسقا قارىسام بىرى قاچىلاپتۇ، بىلمىدىم نەدىن قاچىلىدىكىن.
بىلىدىغانلار ئۆزۈڭلارنى قاچۇرماي بىر تەلىم بېرىۋەتسەڭلار... |
|