- جۇغلانما
- 39
UID56981
تىزىملاتقان2015-7-14
ئاخىرقى قېتىم2015-8-7
توردا6 سائەت
يېڭى ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 39
- ئاقچا
- 0
|

تۈنۈگۈن مىكروسوفىت شىركىتى Windows10 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى تارقاتقانىدى. بۈگۈن مىكروسوفىتنىڭ جۇڭگودىكى ھەمكارلاشقۇچىسى بولغان 360 ۋە تېڭشۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ, ماسلىشىشچانلىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن, Windows10 سىستېمىسىغا يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقى ياكى يېڭىلاش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
مىكروسوفىت شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىملار مۇنداق دىگەن:
«بىز جۇڭگودىكى ئابونتلارنىڭ Windows10 نى يىقىندىن قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلغانلىقىدىن بەك مەمنۇن بولدۇق. بىز قىسمەن ئابونتلار بىزنىڭ جۇڭگودىكى ھەمكارلاشقۇچىمىز بولغان تېڭشۈن ۋە 360 مۇلازىمىتى ئارقىلىق Windows10 گە يېڭىلىغاندا, ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز نۆۋەتتە تېڭشۈن ۋە 360 بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ, ئابونتلىرىمىزنىڭ بارلىق شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈسكۈنىلىرىنىڭ Windows10 گە ئوڭۇشلۇق ھالدا يېڭىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. »
360 نىڭ بىلدۈرۈشىچە, قىسمەن كومپىيۇتېرلارنىڭ Windows10 بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن, سىستېما يېڭىلىغاندىن كىيىن نورمال قوزغالماسلىق ۋە توختىماستىن قايتا قوزغىلىپ كېتىش مەسىلىسى كۆرۈلگەن.
ئابونتلار ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بولغان سىستېما يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەش ئۈچۈن, 360 نۆۋەتتە Windows10 نى يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى ئاستىلاتقان, پەقەت ئالدىن كىلىشكەن ئابونتلارنىڭ سىستېما يېڭىلىشىغىلا ئىجازەت بەرگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە, مىكروسوفىت بىلەن بىرلىكتە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپقاندىن كىيىن, تېز سۈرئەتتە ئابونتلار ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر, تېخىمۇ مۇقىم بولغان سىستېما يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىكەن.
تېڭشۈن تەرەپمۇ بۇ ئىشقا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ, سىستېما يېڭىلاش ئېلىپ بارغان قىسمەن ئابونتلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا توختىماي قايتا قوزغىلىپ كېتىش ۋە كۆك ئېكران چىقىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر پەيدا بولغانلىقى, بۇنىڭ كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى Windows10 نى دىگەندەك ياخشى قوللىمىغانلىقى سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ ئۈچۈن, تېخىمۇ كۆپ ئابونتلارنىڭ كومپىيۇتېرنى نورمال ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن, تېڭشۈن شىركىتى نۆۋەتتە Windows10 گە بولغان يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختاتقان.
|
|