|
ئۇنى ئامال تېپش دېمەيمىز، ئۆلچەمنى بۇزۇش دەيمىز. تور بەتنى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئۆزگەرتىۋەتسە ياكى ئۇلانمىغان ھەرپنىڭ كودىنى ئۆزگەرتىۋەتسە ئۇلانمىغان ھەرپ ئۇلىندۇ. ئەمما ئۇ UNICODE ئۆلچىمىگە خىلاپ. 10 نەچچە يىل داۋاملاشقان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىرگۈزگۈچ، كود، فونت قالايمىقانچىلىقى ئەمدى بېسىقاي دېگەندە بىز بولۇپمۇ ئالپ تورى ئۆلچەمنى بۇزۇدىغان ئىشنى قىلمايمىز.
ئالما، سونىي ئېرىكسون قاتارلىق داڭلىق يانفونلار زاۋۇتتىن چىقىشىغا ئۇيغۇرچىنى %100 قوللايدۇ، باشقا يانفونلارمۇ Android4 نى قاچىلسا ئۇيغۇرچىنى %100 قوللايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن يانفونلارنىڭ ئاندرويد2.3 نەشىردىكى ئۇيغۇرچە روملىرى تارقىتىلدى. شۇڭا بۇ زامانغا كەلگەندە ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان ئىككى توك-توك يانفوننى دەپ پۈتكۈل تور بەتنى ئۆلچەمسىز قىلىش ئاخماقلىقتۇر.
بۇنىڭغا قىزىقىۋاتقانلار بولسا ئاۋال UNICODE ، فونت، خەلقئارا ئۆلچەم ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىڭلار. ئاندىن چۈشىنسىلەر. |
|