ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

ئىزدەش
ئالپ تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەشغۇلات قىلىڭ
ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تىزىملىك
كۆرۈش: 563|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

چوڭ تىپتىكى مالىيە-ئىقتىساد ھۆججەتلىك فىلىم «شىركەتنىڭ كۈچى»بازار...

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

235

يازما

804

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2351
ئاقچا
325
QQ
640.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم،يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى دىيارىمىزدا شىركەت قۇرۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ بىر دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر ئېھتىياجى بولۇپ، بۇ بىر دۇنيا خاراكتېرلىك ھادىسە. ئەمما شىركەتنى قۇرۇپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ ئەلۋەتتە،شىركەت ھەققىدە نىسبەتەن سىستېمىلىق ، كونكرېت چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ھەربىر شىركەت قۇرغۇچى، شىركەت باشقۇرغۇچى، شىركەت تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرغۇچى چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتلاردۇر. شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىسقىسى شىركەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نۇرغۇن كەسپىي بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ.
گەرچە شىركەت چەتئەللەردىكى نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا ئاللىبۇرۇن تەرەققىي قىلىپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دىيارىمىزغا نىسبەتەن شىركەت ئۇقۇمى، ھازىرقى زامان كارخانىچىلىق ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمى، بازار ئىلمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇقۇملار نىسبەتەن كېيىن سىڭىپ كىرگەن ياكى شەكىللەنگەن.
تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە شۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىدا شىركەتنىڭ ئوينىغان رولى، شىركەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنى، قىممىتى زادى قانچىلىك؟ دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا شىركەت يەنە قانداق رول ئوينايدۇ؟ شىركەتنىڭ كۈچى زادى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟ بۇ سوئاللارغاجاۋاب بېرىش ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلايدىغان، دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋەمىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش ئىستىكى كۈچلۈك بولغان قېرىنداشلار چوقۇم بىلىشكە، بىلىپلا قالماي بەلكىنى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.
بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:
بىزگە «شىركەتنىڭ كۈچى» فىلىمىنى كۆرۈش زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟نېمە ئۈچۈن مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈشىمىز كېرەك؟ مەزكۇر فىلىم قانداق تارىخى شارائىتتا ۋۇجۇدقا كەلگەن؟ مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق قانداق مەقسەتكە يېتەلەيمىز؟
تۆۋەندە بىز يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقايلى.
بۈگۈنكى كۈندە «شىركەت»ئاتالغۇسى شۇنچە كۆپ قوللىنىۋاتىدۇ ھەم بىز بۇنىڭغا نىسبەتەن ئانچە بەك دىققەت ئېتىۋارىمىزنى سېلىپ كەتمىسەكمۇ، شىركەت ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.بىزنىڭ بايلىق مەنبەيىمىز، ئىگىلىك تىكلەش غايىمىز، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك،يۈرۈش-تۇرۇش، ئولتۇراق-جاي، كىشىلىك ئالاقىمىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىركەت بىلەن زىچ باغلانغان مۇشۇنداق شارائىتتا، شىركەتنىڭ كۈچىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز، ھېس قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر.
كىشىلەر شىركەتنى ھەم ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ. چۈنكى شىركەت بىر تەرەپتىن بارلىق مەھسۇلاتلارنى تاۋارلاشتۇرۇشنىڭ باش جىنايەتچىسى بولۇپ قالسا، يەنە بىر تەرەپتىن شىركەت نۇرغۇنلىغان يېڭى تېخنىكا، بىلىملەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى، يېڭىلىق ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتا ياراتقۇچى كاتالىزاتورىلىق رولىنى ئوينىماقتا.
كىشىلەر ئاپەتنىڭ يىلتىزىنى نەپسانىيەتچىلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىغاندا؛ كىشىلەر بازارنى قۇتقۇزۇشتا باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتە ھۆكۈمەتكە مۇراجەت قىلغاندا؛كىشىلەر كېلەر قېتىم يەنە ئىقتىساد كىرزىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەۋاتقاندا...بىز چوقۇم دىققەت قىلىدىغان ۋە تەپەككۇرىمىزنى بەيگىگە سالىدىغان ئوبيېكتىپ دەل بىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان تەشكىلاتتۇر. بۇ تەشكىلات بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىش تەسىر كۈچىگە ئىگە –شىركەتتىن ئىبارەت.
شىركەت زادى نېمە؟
ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى،جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى ۋە شەخسنىڭ بەختىگە نىسبەتەن، شىركەت نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟...
شىركەت ھازىرغا قەدەر، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئىقتىسادى تەشكىلات شەكلى ھېسابلانماقتا. شىركەتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى «ئىنسانلارنىڭ نەتىجىسى» دەپ قارالماقتا. بولۇپمۇ پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ھەيرانلىق دەرىجىدە قەد كۆتۈرۈشى ۋە ھازىرقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھۆكۈمران ئورنى، ھازىرقى زامان تارىخىدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان بىر ھادىسە دەپ قارالماقتا.
شىركەت كىشىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى ھەر قانداق يەككە ئادەمنىڭ ئىقتىسادى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدىن زورايتىۋەتتى.
شىركەت قانداشلىق، جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىرتىدىكى ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆزئارا ھەمكارلىق پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
شىركەت ئىنسانلار ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ يېڭى بابىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى.
شىركەت ھەتتا ئادەم،قول-پۇتلارنىمۇ باھاسى بىكىتىلگەن تاۋار قىلىپ يېزىۋىتەلەيدۇ.
بىر نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شىركەت ئىقتىساد خاراكتېرلىق تەشكىلات بولۇپلا قالماي، دۆلەت ۋە شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قايسى ساھەلەردە زور تەسىركۈچكە ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كۈچىگە ئىگە تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، ئەركىن-ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇكەممەللىشىشى، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى،جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، دۆلەت ۋە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە رىقابەت شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىركەت كۈچىنىڭ كۈنسېرى زورىيىشى بىزنىڭ چوقۇم مەزكۇر فىلىمنى كۆرۈپ چىقىشىمىزدىكى زۆرۈرىيەت بولۇپلا قالماي، ھەر قايسى ساھەلەردە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە قىسمەن شىركەتنىڭ كەمچىلىكلىرى ياكى تۈزۈم مۇھىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان پاسسىپ تەسىرنى تونۇپ يېتىشىمىزگە تولىمۇ پايدىلىقتۇر.
نەزىرىمىزنى ئۆتمۈشكە تاشلىغىنىمىزدا، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر بىزنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئىستىكىمىزنى قوزغىماي تۇرمايدۇ:
شىركەت زادى قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەن؟ يەنە قانداق تەرەققىي قىلغان؟
شىركەت نېمىنى ئۆزگەرتتى؟ يەنە نېمە شىركەتنى ئۆزگەرتتى؟
نېمە ئۈچۈن شىركەتنىڭ كۈچى بولىدۇ؟ شىركەت كۈچىنىڭ چېكى بارمۇ؟
شىركەتنىڭ جەمئىيەتكە بولغان رولىنى قانداق تونۇش كېرەك؟
شىركەتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى--پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا بايلىقنى تونۇشى، بازارنى تونۇشى، ھاكىمىيەتنى تونۇشى، ئادەم ماھىيىتىنى تونۇشىدىكى تەپەككۇر مۇساپىسى--بازار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ قان تومۇرىدۇر.
شۇڭا، بۈگۈنكىدەك دىيارىمىز ئىقتىسادى كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كەلگەن، نۇرغۇن شىركەتلەر بۇ قېتىملىق ئىقتىسادى زەربىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ياكى قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان شارائىتتا، «شىركەتنىڭ كۈچى» ھەققىدە سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بىلىمگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىدۇر.

ھەر قايسى تورداشلارغا خوش خەۋەر شۇكى، ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى زور ئادەم كۈچى، ئىقتىسادىي كۈچ، زېھنى كۈچ، ۋاقىت سەرپ قىلىپ 10 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى مالىيە-ئىقتىساد ھۆججەتلىك فىلىم «شىركەتنىڭ كۈچى»نى بازارغا سالدى.بۇ فىلىم ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ «مىنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» دىن كىيىن خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر چوڭ سوۋغىسى.
«شىركەتنىڭ كۈچى» ناملىق فىلىمنىڭ بىر تۇتاش باھاسى 168 يۈەن(جەمئىي 10 قىسىم) بولۇپ، توپ سېتىۋالغۇچىلار ياكى كۆپرەك سېتىۋالغۇچىلارغا باھادائېتىۋار قىلىنىدۇ.
كونكرېت باھاسى تۆۋەندىكىچە:
1. بىر بىر يۈرۈش (10 قىسىم) نىڭ بىر تۇتاش باھاسى 168 يۈەن.
2. سېتىۋالغۇچىلار ئەگەر 20تالدىن 40 تالغىچە سېتىۋالماقچى بولسا، %20 ئېتىۋار باھادا بېرىلىدۇ. يەنە 134.4يۈەن\تال بويىچە بېرىلىدۇ.
3. سېتىۋالغۇچىلار ئەگەر 40تالدىن 60 تالغىچە سېتىۋالماقچى بولسا، %25 ئېتىۋار باھادا بېرىلىدۇ. يەنە 126يۈەن\تال بويىچە بېرىلىدۇ.
4. سېتىۋالغۇچىلار ئەگەر 60تالدىن 80 تالغىچە سېتىۋالماقچى بولسا، %30 ئېتىۋار باھادا بېرىلىدۇ. يەنە 117.6يۈەن\تال بويىچە بېرىلىدۇ.
5. سېتىۋالغۇچىلار ئەگەر 80 تالدىن 100 تالغىچەسېتىۋالماقچى بولسا، %40 ئېتىۋار باھادا بېرىلىدۇ. يەنە 100.8 يۈەن\تال بويىچەبېرىلىدۇ.
بىر قىسىم نادىر ئۈزۈندىلەر:
تارىختىكى يېڭىلىق يارىتىشلار شىركەتلەردە بولغان، دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا بولمىغان.
--ھېرمان سىمون (گېرمانىيە-باشقۇرۇش ئىلمىشۇناس)
ھەر بىر ئادەمدە يېڭى بولغان ئوي-پىكىر بولۇشقا بولىدۇ، ئەمما يېڭى بولغان ئوي-پىكىرنى تاۋارلاشتۇرۇپ، قىممەتكە ئايلاندۇرۇپ جەمئىيەت قوبۇل قىلىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇشتا، شىركەتنىڭ كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
--جاڭ ۋېييىڭ (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتۇتى مۇدىرى)
بازار ئىگىلىكىدە ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلگەندە، بىر ئادەمنىڭ يىراققا نەزەر تاشلاپ،كەلگۈسىنى كۆرۈشكە ئېھتىياجلىق بولىمىز. مانا مۇشۇنداق سەۋىيەگە ئىگە بولغان ئادەم كارخانىچى بولىدۇ.
--جاڭ ۋېييىڭ (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىلمى ئىنىستىتۇتى مۇدىرى)
مېنىڭچە، ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نۇقتا شۇكى، كۆپچىلىك تەدرىجىي ھالدا شىركەت پايچېكلارنىڭ ئەمەس، تىجارەتنىڭمۇ ئەمەس، بەلكى خىزمەتچىلەرنىڭ دېگەن قاراشقا كەلگەن. بۇ ياپونىيە كارخانىچىلىقى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى.
--ۋۇتىيەن چىڭرېن (توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك ئىلمى پىروفېسسورى)
ياخشى شىركەتنىڭ بولۇش بولماسلىقى، سىزنىڭ كەلگۈسىدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىدارىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر كەلگۈسىدە ئۇدا ياخشى شىركەت دەپ قارالغۇڭىز بولسا، چوقۇم جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولالىشىڭىز كېرەك.
--بو چېڭيۈ (جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىتلىكى باش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى)
فىلىمنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ تېمىسى:
بىرىنچى قىسىم: شىركەت، شىركەت، شىركەت!
ئىككىنچى قىسىم: بازارنىڭ چېكى يوق
ئۈچىنچى قىسىم: بايلىققا ئېرىشىش دەۋرى
تۆتىنچى قىسىم: ئىلگىرىلەشتىكى ئازابلار
بەشىنچى قىسىم: كىرزىسقا ئۇچرىغان ۋاقىت
ئالتىنچى قىسىم: ھوقۇقنى كىم يۈرگۈزىدۇ؟
يەتتىنچى قىسىم: ھەر قايسى ساھەنىڭ ئەدەبىياتى
سەككىزىنچى قىسىم: يېڭىلىق ياراتقۇچى ئاۋانگارت
توققۇزىنچى قىسىم: ئۆز زېمىندىكى ئۇلۇغ جاسارەت!
ئونىنچى قىسىم: يەر شارى چەكسىز
ئىشلىگۈچى: ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
نەشر قىلىپ تارقاتقۇچى: شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى
مەھسۇلات سانى چەكلىك، پۇرسەت غەنىيمەت! كەڭ خېرىدارلارنىڭ تېزدىن ھەرىكەتلىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مال زاكاس قىلىشىنى
ئۈمىدقىلىمىز. پۈتۈن مەملىكەت ئىچىگە ھەقسىز يەتكۈزىلىدۇ،
زاكاس قىلىش تېلفۇنى : 13201346596         ،           18199880640
ئۈندىدىدار: zaptatlik



ئەلى

4

تېما

341

يازما

792

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3662
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2015-7-25 20:08:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ،،، ئۆزەم بىرنى سېتىۋالمىسام...

11

تېما

235

يازما

804

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2351
ئاقچا
325
QQ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-26 02:13:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ كارخانىچىلار،سودىگەرلەر، ئىگلىكىك تىكلىگۈچىلەر، چوڭ-كىچىك تىجارەتچىلەر شۇنداقلا بارلىق ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە ئىقتىسادقا قىزىققۇچى دوستلار !!!  ئۈرۈمچى ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى  زور ئادەم كۈچى، ئىقتىسادىي كۈچ، زېھنى كۈچ، ۋاقىت سەرپ قىلىپ 10 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى مالىيە-ئىقتىساد ھۆججەتلىك فىلىم «شىركەتنىڭ كۈچى»نى بازارغا سالدى.بۇ فىلىم ماياك مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ «مىنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىم» دىن كىيىن خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر چوڭ سوۋغىسى . مەزكۇر فىلىم شىركەتنىڭ كىلپ چىقىشىدىن تارتىپ تەرەققي قىلپ يۈكسىلشى ،سودا قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۆزگىچە سودا ماھارتلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق سىزنىڭ ئىقتىسادنى چۈشۈنىشىڭىزگە زور ياردەم بېرىدۇ،سىزگە شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ.ئىقتىساد ساھەسىدە شىركەتنىڭ كۈچىگە سەل قارىماڭ،شىركەت سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى قىممىتى يوق نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇپ ساتالايدۇ.ھەتتا ئىدىيە،ئادەم،قول-پۇتلارنىمۇ باھاسى بىكىتىلگەن تاۋار قىلىپ يېزىۋىتەلەيدۇ،كارخانىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئويلايدىغان،ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغان،كىچىككىنە دۇككان ،يايما، ئۈندىدار سودىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تىجارىتى كەڭەيتمەكچى بولغان ۋە ئىقتىسادنى چۈشىنىشنى خالايدىغان بارلىق قېرىنداشلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە شۇكى مەزكۇر فىلىمنى چۇقۇم بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ.ھەقىقەتەن بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشقا ئەرزىگۈدەك فىلىم .مەزكۇر فىلىمنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر تۇتاش يەككە سېتىلىش باھاسى 168يۇەن/دانە،توپ ئالىدىغانلارغا باھادا ئىتىبار قىلىنىدۇ.مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئىشىك ئالدىغىچە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بىرىمىز،زاكاس قىلىش تېلېفونى:13201346596  ، 18199880640  ،ئۈندىدار:zaptatlik
ئەلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

alip uyghur it web site |

Powered by Discuz! X3.1

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش