- جۇغلانما
 - 655
 
 UID4281
 
تىزىملاتقان2011-11-21
 
ئاخىرقى قېتىم2014-11-7
 
توردا85 سائەت
 
 
 
ئالىي ئەزا 
  
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 655
 
- ئاقچا
 - 1 
 
 
 
 
 | 
	
    
 
 يېقىندا  خاككېر ئالما iOS سۇپىسىدىكى App Store ئەپ دۇكىنىدىكى  بىخەتەرلىك يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ ،بەزى ئىچكى قىسىمدا سېتىلىدىغان ئەپلەرنى ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدىغان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئالمىنىڭ ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى OS X مۇ  خاككېردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. iOS ئىچكى قىسىمدا سېتىۋېلىشنى يېشىپ چىققۇچى روسىيىلىك ئەپ ئىجادىيەتچىسى (Alexei Borodin) ئەلېكسېي بورودىن  OS X ئابونتلىرىغا ”In-Appstore for OS X“مۇلازىمىتىنى ئېلىپ كەلدى ،بۇنىڭ بىلەن OS X دىمۇ خالىغان ئەپنى ھەقسىز چۈشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
 
 
 
     In-Appstore for OS X مۇلازىمىتى ئارقىلىق ،ئابونتلار پەقەت ئىككى گۇۋاھنامىنى ئورناتقاندىن كېيىن ، DNS ئۈسكۈنىسىنى Mac App Store  مۇلازىمىتېرىغا بۇرىسىلا، ئابونتلار سۇنغان سانلىق مەلۇماتقا بىنائەن يالغاندىن ھەق تۆلىنىپ بولغان تۈسكە كىرىدۇ. بۇ چاغدا“Grim Receiper” ئەپ پروگراممىسى قوزغىلىپ پۈتۈن جەرياننىڭ ئاددىي ھەم ئازادە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 
 
 
 
     بۇنىڭغا قارىتا بورودىن مۇنداق دېدى: "بۇخىل ئالمىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئەپ سېتىۋېلىشىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان سىستېمىدا  8,460,017 قېتىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىندى ،بۇ 8,460,017غا يېقىن ھەق تۆلىنىلىدىغان ئەپنىڭ ھەقسىز چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ" 
ئەسلى مەنبە ئوكيان تورى 
 
بۇ يوچۇق كۆپ قېتىم ئالما تەرپىدىن تاقالغان بولسىمۇ يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 
بونىڭدىن پايدىلىنىپ ئەپنىڭ ئىچىدىكى قۇراللارنى ھەقسىز سېتىۋالغىلى بولدىكەن ،يەنى روسيەلىك بۇ خاكىكىرنىڭ   in-appstore.com توردىن in-appstore.com  گۇۋاھنامىسىنى قاچىلاپ ئاخىردا wifi تەڭشىكىدىن DNS نى ئۆزگەرتىش ئارقىلق ئەمەلگە ئاشۇرغان . 
گەرچە بۇ ھۈنەر بەزى جايلاردا نورمال ئىشلىمىگەن بولسمۇ  ئۈنۈمى خېلى كۆرنەرلىك بولغان. 
قىززىققۇچىلار بولسا بۇئادرىستىن فىلىملىك دەرىسلىكىنى كۆرۈڭ 
http://bbs.weiPhone.com/read-htm-tid-5002687.html 
 |   
 
 
 
 |