ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

Windows 8 نى سىناش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى

18

تېما

93

يازما

630

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
1438
ئاقچا
50
تۆۋەندىكىسى ئالىم ئەھەتنىڭ بىلوگىدا يوللانغان مەزمۇن. ئالپ تورىدىكى تورداشلارنىڭمۇ بۇ قېتىمقى سىناشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

Windows VISTA غا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندا، دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجانلانغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى مەن 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى جىن نىڭ خانىم ئۈرۈمچىگە كەلگەندە خەۋەر تاپقان ئىدىم، شۇ كۈنى كەچتە بۇ خۇشخەۋەرنى ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدە ئېلان قىلدىم، ئارقىدىنلا Windows ئۈچۈن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ياسىغان مۆمىن ساقال دېگەن تورداشلارغا بىراقلا تونۇش بولۇپ كەتتى. بۇ سىستېمىنىڭ سىناق نۇسخىسىنى قاچىلاپ، Uighur (ئۇيغۇر) دېگەن خەتنى تۇنجى كۆرگىنىمدە، بىلىك مۇنبىرىدە Windows VISTA دىكى تەسىراتىمنى ئېلان قىلغان ئىدىم. نۇرغۇن تورداشلارمۇ سىناش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى، تۇنجى قوشۇلغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يەنى Microsoft Uighur ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر يوللاندى. ئاساسلىق تەكلىپ-پىكىر ھەرپلەرنىڭ كىچىك بولۇپ قېلىشى ئىدى، ئەمما، رەسمىي نۇسخىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئۇچۇردىمۇ خاتالىقلار كۆرۈلدى.

Windows 7 نىڭ سىناش خىزمىتى تېخىمۇ كەڭ ئېلىپ بېرىلدى. دىيارىمىزدىكى تور بېكەتلەردە بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بېرىلدى. ئاساسلىقى كىرگۈزگۈچ، چېسلا فورماتى، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش، ئۈرۈمچى ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەر دوكلات قىلىندى. لېكىن، يېڭىدىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن باشقا ئۆزگەرتىش بولمىدى. ئەسلىدىكى خاتا كىرگۈزگۈچ شۇ پېتى ساقلاپ قېلىندى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە سىناشقا قاتناشقانلار 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا ئاشكارلىغاندەك، Windows 8 ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 تىلدا تارقىتىلىدۇ. 2-ئاينىڭ 29-كۈنى Windows 8 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى رەسمىي ئېلان قىلىندى. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت (جۇڭگو) شىركىتىدىكى مەسئۇل خادىم تېلېفون قىلىپ، بۇ يەردىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ۋە كەلگۈسىدىكى بازار ئىستىقبالىنى ئالاھىدە سورىدى. گەرچە مەن نەچچە كۈن بۇرۇن «Windows 8 نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟»-دەپ بىلوگىمدا ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇشۇ بىلوگدىكى تورداشلارنى دەۋەت قىلىپ باقساممۇ، ئەمما، ھېس قىلىشىمچە بۇ قىزغىنلىق ئىلگىرىكى Windows نىڭ سىناق نۇسخىسى تارقىتىلغاندەك، بىرەر يېرىم تال خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقتىن ئانچە يۇقىرى ئەمەستەك بىلىندى. بۇ قېتىم يېڭىدىن قوشۇلغان «ئۇيغۇرچە ئېلېپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش» ئىقتىدارى، ھىجرىيە كالېندارىغا ئائىت بىرەر ئىنكاسنىمۇ كۆرمىدىم. بىز بايقىغان چېسلا فورماتى، ھىجرىيە كالېندارى، قۇلۇپ ئېكرانىدىكى خاتالىقلار دەرھال دوكلات قىلىندى. ھازىر خاتالىقلارنى تۈزىتىش باسقۇچىغا كىردى، ئۇزۇنغا قالماي Windows 8 RTM نەشرى ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە زاكاز بەرگەن داڭلىق ماركىلىق كومپيۇتېرلارغا ئالدىن قاچىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا، كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىش مۇمكىن بولمايدۇ. يەنە نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يەنە پۇرسەت بار، ئىمكانىيەت بار. بۇ قېتىم سىناش دوكلاتىنى تاپشۇرۇش ئىلگىرىكى قېتىمغا پەقەت ئوخشىمايدۇ، بىز ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىناش ئىشلىرىغىمۇ قاتنىشىۋاتقان بولغاچقا، تەكلىپ-پىكىرلەرنى مەسئۇل خادىمغا بىۋاسىتە بېرەلەيمىز، ئۇلار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلالايمىز ھەم تۈزىتىپ بېرەلەيمىز. ناۋادا، بىزمۇ ئالدىدىن نەچچە 10 مىڭ نۇسخا زاكاز بېرەلىسەك، مەخسۇس نۇسخىسىنى ياساپ بېرىشى ئېنىق. ئۆز پىكىرلىرىنى مۇشۇ يەردە قالدۇرسىمۇ، ھەر قايسى تور بېكەتلەردە ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ. ئېكران كۆرۈنۈشى چوقۇم بولۇشى كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىدا پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!


11

تېما

156

يازما

441

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1209
ئاقچا
0
adl2052103 ۋاقتى: 2012-7-6 03:56:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىناشقا  ئاكتىپ قاتنىشىلى   قېرىنداشلا   
http://img2081.poco.cn/mypoco/myphoto/20120305/14/5611163620120305143053092.gif

6

تېما

208

يازما

887

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2445
ئاقچا
2
QQ
ھازىر بۇ تېما يوللانغىلى 15 سائەت بوپتۇ. 120 ئادەم كۆرۈپتۇ. تېخىچە بۇ مۇنبەردە بۇ ھەقتە ھېچقانداق پىكىر بايان قىلىنمىدى. دىمەك ھېچقايسىمىز سىناپ باقمىدۇق دىگەن گەپ. بەزىدە كۆزنەك 8نىڭ گېپىمۇ بولىۋاتقان ئىدى. مەنمۇ سىناپ باققان ئىدىم. كۆزنەك 7 دىن ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. لىكىن خەت نۇسخىسى سەت. ھازىر كۆزنەك 7 ئىشلىتىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى خاتالىقلار ئېسىمدە قالماپتۇ.
ئى رەببىم ئۆزەم بىلمەي قىلىپ قالغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن!!!

301

تېما

2358

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
250875
ئاقچا
4408

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

alip ۋاقتى: 2012-7-6 16:20:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخالىق يوللىغان ۋاقتى  2012-7-6 16:05
ھازىر بۇ تېما يوللانغىلى 15 سائەت بوپتۇ. 120 ئادەم كۆرۈپت ...


RTM نەشىرى چىقمىسا نېمىنى سىناق قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان نەشىرى قاچان چىقاركىن دەپ كۆزىمىزنى سەككىز قىلىپ ئولتۇرىمىزغۇ.
ئىلگىرىكى سىناق نەشىرىنى نۇرغۇنلىرىمىز ئىشلىتىپ سىناق قىلغان. ئۇ ھەقتىكى تېمىلار ھازىرمۇ بار.
بۇ ھەقتە كۆپىنچىمىزنىڭ پىكىرى بىردەك، ئۇيغۇرچە خەت سەت، microsoft uighur خەت نۇسخسى كىچىك.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

1

تېما

20

يازما

125

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
338
ئاقچا
3
toghrak0903 ۋاقتى: 2012-7-7 00:14:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا لېكىن بىزدەك ئېنگىلىزتىلى بىلمەيدىغانلار قانداق سىنايمىز ، مەنمۇ قاچىلاپ سىناپ باققان لېكىن دەسلەپتىلا نۇرغۇن دېتاللارنى ئىشلىتەلمەي يەنە بۇرۇنقى سېستىمىغا كۆچىۋالغانتىم ، ئىش قىلىپ بۇ بىر ياخشى ئىش ئاللاھ ئاسانلىقنى بەرسۇن.

0

تېما

103

يازما

918

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2964
ئاقچا
1
turkzat007 ۋاقتى: 2012-7-7 14:41:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قاچىلىسام قاچىلىسام قاچىلانمىدى ،تىخى بۇ كاساپەت.Ghostنىمۇ قاچىلاپ سىناپباقتىم بولمىسا زادى نەنى خاتا قىلدىمكىن بىلمىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش