ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

ئىزدەش
ئالپ تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەشغۇلات قىلىڭ
ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تىزىملىك
كۆرۈش: 16381|ئىنكاس: 32
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

295

تېما

2405

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
18
جۇغلانما
252433
ئاقچا
4592

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

1. يۇنىكودنى قوللايدىغان دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كېرەك
2. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى يۇمشاق دېتالدا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، چۈشىنىشلىك، ئىخچام قىلىشقا كۈچىشىمىز لازىم.
3. چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە لۇغەتتىكىسنى، تىل-يېزىق كومېتىتى تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرغان ئاتالغۇلارنى ئاساس قىلىمىز. ئومۇملاشقان، ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئىشلەتسەك بولىدۇ. مەسلەن: كومپىيۇتېر، دېسكا دېگەندەك؛ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ياسىلىپ، كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان ئاتالغۇلار بولسا ئۇنىمۇ ئىشلىتىمىز. مەسلەن: غەملەك، تىزگىنەك، ئارخىپ، ئې خەت، ساندان... دېگەندەك
دۇنيادا 100 پىرسەنت ساپ تىل يوق. ھەممىنى چوقۇم ئۇيغۇرچە قىلىمىز دەپ تۇرۋالساقمۇ بولمايدۇ. باشقا تىلدىن مۇۋاپىق سۆز قوبۇل قىلىش تىل تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان قەدەم. ئېنگىلىز تىلى، خەنزۇ تىلى قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تىللاردىمۇ نەچچىلىگەن سۆزلەرنى باشقا تىلدىن قۇبۇل قىلىپ تۇرىدۇ.
4. ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىدە زادىلا يوق سۆزلەر بولسا گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن كېڭىشىپ يېڭى ئاتالغۇ ياسىساق ياكى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن قوبۇل قىلساق زادى بولمىغاندا ئېنگىلىزچىسنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشتا ئاۋال ئۆزبېكچىدىن، ئاندىن تۈركچىدىن... قوبۇل قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ.  (مەن يىغىپ قويغان ئۆزبېكچە، تۈركچە يۇمشاق دېتال ئاتالغۇلىرى بار)
5. ئېنگىلىزچە خەت بىلەن ئۇيغۇرچە خەت بىر قۇردا كەلسە ئورنى ئالمىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئۇچىرايدۇ. يۇمشاق دېتالنىڭ يۆنىلىشنى ئوڭدىن سولغا توغرىلىساق ئوڭشىلدۇ. شۇڭا تەرجىمە جەريانىدا ئېنگىلىزچە بىلەن ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسا توغرىلايمەن دەپ ئاۋارە بولماي شۇ پېتى قويۇپ قويساڭلار بولىدۇ.
6. پېئىللارنى ئىشلىتىشتە مۇقىم ئۆلچەم بېكىتىۋالماي ئەھۋالغا قاراپ قىلساق بولىدۇ. مەسلەن: بىز كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بېردىغان تىزىملىك دېگەندەك يەرلەردە كۆچۈر، ئۆچۈر، يۆتكە... دەپ ئىككىنچى شەخىس تىلىدا ئېلىپ، كومپىيۇتېردىن بىزگە كۆرۈندىغان كۆرسەتمە ئۇچۇر، خاتالىق ئۇچۇرلىرىدا كۆچۈرۈڭ، ئۆچۈرۈڭ دەپ ئالساق يۇمشاق دېتال تېخىمۇ ئادىمىيلىشىدۇ، ئۇ سۆزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىشلىتىلدىغانلىقىنى بىلمىسەك كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش دەپ ئۈچۈنچى شەخىس تىلىدا ئالساق بولىدۇ.
(مېنىڭچە بولسىغۇ پېئىللارنىڭ ھەممىسنى بىر خىللا ئېلىپ بىرلىككە كەلتۈرۋەتسەك بولاتتى. ئەمما بىلىكتە مۇزاكىرلەشكەندە مۇشۇنداق بىرلىككە كېلىنگەن، شۇڭا بىزمۇ بىرلىككە بويسۇنايلى)

بۇلار مېنىڭ ھازىر ئېسىمگە كەلگەنلىرى، كام قالغان، تولۇقلايدىغان، خاتا يەرلىرى بولسا كۆپچىلىك ئەركىن-ئازادە پىكىر بەرسە بولىدۇ.

ساھران ئەپەندىنىڭ پىكىرى

يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللاردىكى تېز كۇنۇپكىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان يۇمشاق دېتاللاردا خەنزۇچە ۋە ياپونچىغا ئوخشاش تەرجىمىدىن كېيىن تىرناق ئىچىگە ئىنگىلىزچىدىكى ماس تېز كۇنۇپكىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. تىرناق ئىچىدىكى ئېنگىلىزچە ھەرپ چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلدۇ. ئادەتتە Windows سۇپىسىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى & بەلگىسى كېلىدۇ، Linux سۇپىسىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى _ (ئاستى سىزىق) بەلگىسى كېلىدۇ، يەنە بىر قىسىم مەشغۇلات سۇپىسى تاللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى ~ (تەخمىنەن) بەلگىسى كېلىدۇ. مەسىلەن:
مەشغۇلات سۇپىسى    ئىنگلىزچە    ئۇيغۇرچە
Windows سۇپىسى    &File     ھۆججەت (&F)
Linux سۇپىسى   _File     ھۆججەت (_F)
OpenOffice دېتالى File~     ھۆججەت (~F)
يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدە بەزى ئىنگلىزچە سۆزلەر(مەسىلەن، مەھسۇلات ئاتى، تاۋار ماركىسى ۋە باشقا تەرجىمە قىلىنمايدىغان ئىنگىلىزچىدىكى مەخسۇس ئاتالغۇلار شۇ پېتى ئېلىنىدۇ، Windows, Linux, Gnome, GTK قاتارلىق) شۇ پېتى ئېلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئىنگىلىزچە ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار ئارىلاش كەلگەندە تەرجىمە يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا تەرجىمە قىلىنىدۇ، تەرجىمە دېتالىدا ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە سولدىن ئوڭغا كۆرۈنگەندە تەرجىمە ئۇچۇرلار ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما سىستېما كۆرسىتىش يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلانغاندا تەرجىمە ئوڭدىن سولغا تەرجىمە قىلىنغاچقا توغرا كۆرۈنىدۇ.
مەسىلەن:
Load additional GTK+ modules
قوشۇمچە GTK+ بۆلىكىنى يۈكلە
Embed GhostScript fonts only
GhostScript خەت نۇسخىنىلا سىڭدۈر
Linux console
Linux تىزگىن سۇپىسى
يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى ئەسلى پېتى تەرجىمە جۈملىسىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز.
مەسىلەن:
%d hour ago
%d سائەت ئىلگىرى
‫"%s" is busy.
"%s" ئالدىراش.
Add '%s' to %s Dictionary
'%s' نى لۇغەت %s غا قوش
Saving document to %s
پۈتۈكنى %s غا ساقلاۋاتىدۇ


2

تېما

27

يازما

237

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
558
ئاقچا
4
ۋاقتى: 2011-3-31 14:36:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن.ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئىشلىتىشكە بولسا مۇشۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرسەك.پەقەت ئامال بولمىغاندا ۋاقتىنچە باشقا تىللاردىكى سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك،مەن قېرىنداش تىللاردىكى ئۆزبىك.تۈرك تىللىرىدىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئىنگىلىزتىلى ۋە باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇلارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.گۇرۇپتىكى بالىلار بىلەن بەزى ئاتالغۇلارغا سۆز ياسىساقمۇ بولىدۇ.

295

تېما

2405

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
18
جۇغلانما
252433
ئاقچا
4592

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-31 14:55:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turan يوللانغان ۋاقتى  2011-3-31 14:36
قوللايمەن.ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك ...

مەقسىتىمىزمۇ ئۇيغۇر تىلىغا پايدىلىق بولۇش، يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش.
دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق.

2

تېما

27

يازما

237

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
558
ئاقچا
4
ۋاقتى: 2011-3-31 17:01:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر مەسىلە كىرگۈزگۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسى،بەزىلەر ئويغان كىرگۈزگۈچنى،يەنە بەزىلەر ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىمىز.شۇڭا گۇرۇپپىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئويغان كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.شۇنداقلا يەنە كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-3-31 17:15  

295

تېما

2405

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
18
جۇغلانما
252433
ئاقچا
4592

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-3-31 17:23:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغان، ئەلكاتىپ 4.1 دىن يۇقىرىسى، ۋىندوۋىس 7 نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ھەممىسى ئۆلچەملىك. بىر-بىرىگە ماس كېلىۋېرىدۇ. قايسسىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.

16

تېما

147

يازما

697

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1856
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2011-4-3 18:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىزمۇ ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ ماس ھالدىكى سۆزلەرنى ئىجاد قىلساق بۇلىدۇ  ،بۇرۇن ئىلىم -پەن قەرەققى قىلمىغان ۋاقىتتا ئىنگىلىز تىلى،ياپۇن تىلى،خەنزۇ تىلىدىمۇ بۇ ئاتالغۇ لار يوق ئىدى ئۇلارمۇ ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شۇ يېڭى شەيئىنىڭ تاشقى كۈرۈنىشى،ئالايدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىجاد قىلغان ،شۇڭا بىزمۇ شۇ دىتال ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى باشقىلاردىن ئەينەن كۈچۈرۈپ قۇبۇل قىلماي ،پاساھەتلىك ئانا تىلىمىز بىلەن ئىپادىلىسەك تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە ئىپادىلەش كۈچى ئاشىدۇ   

6

تېما

207

يازما

910

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2513
ئاقچا
2
QQ
ۋاقتى: 2011-4-12 11:49:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشاڭلار بۇرادەرلەر، سىلەردىكى قىزغىنلىق مېنى خېلى ئەسلىمگە كەلتۈردى، ئەمما بۇلار بىر پاراڭ بوپ قالمىسۇن!!!
ئى رەببىم ئۆزەم بىلمەي قىلىپ قالغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن!!!

295

تېما

2405

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
18
جۇغلانما
252433
ئاقچا
4592

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-4-12 12:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما بۇلار بىر پاراڭ بوپ قالمىسۇن!!!

ھازىر گۇرۇپپىدا 32 ئادەم بار، مەن ئۆزۈممۇ بۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئاخىرغىچە گۇرۇپپىدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشىغا ئىشەنمەيمەن. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ساماندىن دان ئايرىلىپ چىقىدۇ. ھېچ بولمىسا مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر ئادەم قالساممۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرىمەن.

9

تېما

45

يازما

1106

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2530
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2011-4-12 23:53:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئىشقا   مەنمۇ  قىزىقىمەن مىنىڭمۇ يامان ئەمەس  ساۋادىم با  بوسا بۇ گۇرۇپپىغا مىنىمۇ قۇشاپ قويساڭلا ،يانا   بىر  گەپ مىنىڭ تەكلىپىم تەرجىمە دىتالنىڭ تىزىمىلك قۇرىنى ئامال  بار  ئوڭدىن  سولغا تىزىلىدىغان قىلىپ  تەرجىمە  قىلساق بۇلاتتى  يەنە  تىزىملىك  قۇرى  دىتالنىڭ  ئوڭ تەرىپەدە  تۇسا بۇلاتتى  بۇ  بىزنىڭ  ئۇيغۇر  تىلىمىزغا ماس  كەگەن بۇلاتتى مۇشۇنداق قىلغىنى بۇلادمدىغاندۇ  بوسا  ماڭا تەرجىمە  ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان دىتالنىڭ ئەڭ  نوچىللىرىدىن  بىر نەچچىنى ئەۋەتىپ  بەسەڭلا بەزى دىتاللانى پاسسولودا تەرجىمە قىلغىنى بوممايدىكەن  ئامال  بار  بۇ  گۇرۇپپىغا مىنىمۇ  قۇشاپ قويساڭلا

0

تېما

2

يازما

9

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
25
ئاقچا
6
ۋاقتى: 2011-5-21 17:30:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللانغان ۋاقتى  2011-4-12 12:47
ھازىر گۇرۇپپىدا 32 ئادەم بار، مەن ئۆزۈممۇ بۇلارنىڭ ھەم ...

روھىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم !!!

3

تېما

49

يازما

264

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
650
ئاقچا
6
ۋاقتى: 2011-8-25 19:36:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىدە ئىشلىتىدىغان ياخشىراق قۇراللار بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن،رەھمەت

295

تېما

2405

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
18
جۇغلانما
252433
ئاقچا
4592

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-8-25 19:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەرزان يوللىغان ۋاقتى  2011-8-25 19:36
تەرجىمىدە ئىشلىتىدىغان ياخشىراق قۇراللار بولسا يوللا ...

/forum.php?mod=forumdisplay&fid=63

باھا سۆز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپكا! بۇ ئۇلىنىشتىكى دېتاللارنىڭ ئۇلىنىشىنى يېڭىلاپ قويسىڭىز بۇپتىكەن  ۋاقتى: 2013-7-10 02:54

7

تېما

81

يازما

232

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
646
ئاقچا
2
QQ
ۋاقتى: 2011-11-29 13:12:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر ھەممىمىز  قوللايمىز
مىللىتىمنى سۆيىمەن

0

تېما

5

يازما

5

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
15
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2011-12-20 03:18:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8错8错,支持~~~






















祛斑产品

0

تېما

5

يازما

5

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
15
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2011-12-20 03:21:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
顶起来,受教了,支持支持























祛斑产品排行榜10强
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

alip uyghur it web site |

Powered by Discuz! X3.1

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش