|
1. يۇنىكودنى قوللايدىغان دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كېرەك
2. ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى يۇمشاق دېتالدا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، چۈشىنىشلىك، ئىخچام قىلىشقا كۈچىشىمىز لازىم.
3. چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە لۇغەتتىكىسنى، تىل-يېزىق كومېتىتى تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرغان ئاتالغۇلارنى ئاساس قىلىمىز. ئومۇملاشقان، ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىمۇ مۇۋاپىق ئىشلەتسەك بولىدۇ. مەسلەن: كومپىيۇتېر، دېسكا دېگەندەك؛ مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە ياسىلىپ، كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان ئاتالغۇلار بولسا ئۇنىمۇ ئىشلىتىمىز. مەسلەن: غەملەك، تىزگىنەك، ئارخىپ، ئې خەت، ساندان... دېگەندەك
دۇنيادا 100 پىرسەنت ساپ تىل يوق. ھەممىنى چوقۇم ئۇيغۇرچە قىلىمىز دەپ تۇرۋالساقمۇ بولمايدۇ. باشقا تىلدىن مۇۋاپىق سۆز قوبۇل قىلىش تىل تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان قەدەم. ئېنگىلىز تىلى، خەنزۇ تىلى قاتارلىق دۇنياۋى چوڭ تىللاردىمۇ نەچچىلىگەن سۆزلەرنى باشقا تىلدىن قۇبۇل قىلىپ تۇرىدۇ.
4. ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىدە زادىلا يوق سۆزلەر بولسا گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن كېڭىشىپ يېڭى ئاتالغۇ ياسىساق ياكى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن قوبۇل قىلساق زادى بولمىغاندا ئېنگىلىزچىسنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىشتا ئاۋال ئۆزبېكچىدىن، ئاندىن تۈركچىدىن... قوبۇل قىلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ. (مەن يىغىپ قويغان ئۆزبېكچە، تۈركچە يۇمشاق دېتال ئاتالغۇلىرى بار)
5. ئېنگىلىزچە خەت بىلەن ئۇيغۇرچە خەت بىر قۇردا كەلسە ئورنى ئالمىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال ئۇچىرايدۇ. يۇمشاق دېتالنىڭ يۆنىلىشنى ئوڭدىن سولغا توغرىلىساق ئوڭشىلدۇ. شۇڭا تەرجىمە جەريانىدا ئېنگىلىزچە بىلەن ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسا توغرىلايمەن دەپ ئاۋارە بولماي شۇ پېتى قويۇپ قويساڭلار بولىدۇ.
6. پېئىللارنى ئىشلىتىشتە مۇقىم ئۆلچەم بېكىتىۋالماي ئەھۋالغا قاراپ قىلساق بولىدۇ. مەسلەن: بىز كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بېردىغان تىزىملىك دېگەندەك يەرلەردە كۆچۈر، ئۆچۈر، يۆتكە... دەپ ئىككىنچى شەخىس تىلىدا ئېلىپ، كومپىيۇتېردىن بىزگە كۆرۈندىغان كۆرسەتمە ئۇچۇر، خاتالىق ئۇچۇرلىرىدا كۆچۈرۈڭ، ئۆچۈرۈڭ دەپ ئالساق يۇمشاق دېتال تېخىمۇ ئادىمىيلىشىدۇ، ئۇ سۆزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىشلىتىلدىغانلىقىنى بىلمىسەك كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش دەپ ئۈچۈنچى شەخىس تىلىدا ئالساق بولىدۇ.
(مېنىڭچە بولسىغۇ پېئىللارنىڭ ھەممىسنى بىر خىللا ئېلىپ بىرلىككە كەلتۈرۋەتسەك بولاتتى. ئەمما بىلىكتە مۇزاكىرلەشكەندە مۇشۇنداق بىرلىككە كېلىنگەن، شۇڭا بىزمۇ بىرلىككە بويسۇنايلى)
بۇلار مېنىڭ ھازىر ئېسىمگە كەلگەنلىرى، كام قالغان، تولۇقلايدىغان، خاتا يەرلىرى بولسا كۆپچىلىك ئەركىن-ئازادە پىكىر بەرسە بولىدۇ.
ساھران ئەپەندىنىڭ پىكىرى
يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتاللاردىكى تېز كۇنۇپكىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان يۇمشاق دېتاللاردا خەنزۇچە ۋە ياپونچىغا ئوخشاش تەرجىمىدىن كېيىن تىرناق ئىچىگە ئىنگىلىزچىدىكى ماس تېز كۇنۇپكىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. تىرناق ئىچىدىكى ئېنگىلىزچە ھەرپ چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلدۇ. ئادەتتە Windows سۇپىسىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى & بەلگىسى كېلىدۇ، Linux سۇپىسىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى _ (ئاستى سىزىق) بەلگىسى كېلىدۇ، يەنە بىر قىسىم مەشغۇلات سۇپىسى تاللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا تېز كۇنۇپكا ھەرپىدىن ئىلگىرى ~ (تەخمىنەن) بەلگىسى كېلىدۇ. مەسىلەن:
مەشغۇلات سۇپىسى ئىنگلىزچە ئۇيغۇرچە
Windows سۇپىسى &File ھۆججەت (&F)
Linux سۇپىسى _File ھۆججەت (_F)
OpenOffice دېتالى File~ ھۆججەت (~F)
يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدە بەزى ئىنگلىزچە سۆزلەر(مەسىلەن، مەھسۇلات ئاتى، تاۋار ماركىسى ۋە باشقا تەرجىمە قىلىنمايدىغان ئىنگىلىزچىدىكى مەخسۇس ئاتالغۇلار شۇ پېتى ئېلىنىدۇ، Windows, Linux, Gnome, GTK قاتارلىق) شۇ پېتى ئېلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئىنگىلىزچە ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار ئارىلاش كەلگەندە تەرجىمە يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا تەرجىمە قىلىنىدۇ، تەرجىمە دېتالىدا ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە سولدىن ئوڭغا كۆرۈنگەندە تەرجىمە ئۇچۇرلار ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما سىستېما كۆرسىتىش يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلانغاندا تەرجىمە ئوڭدىن سولغا تەرجىمە قىلىنغاچقا توغرا كۆرۈنىدۇ.
مەسىلەن:
Load additional GTK+ modules
قوشۇمچە GTK+ بۆلىكىنى يۈكلە
Embed GhostScript fonts only
GhostScript خەت نۇسخىنىلا سىڭدۈر
Linux console
Linux تىزگىن سۇپىسى
يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى ئەسلى پېتى تەرجىمە جۈملىسىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز.
مەسىلەن:
%d hour ago
%d سائەت ئىلگىرى
"%s" is busy.
"%s" ئالدىراش.
Add '%s' to %s Dictionary
'%s' نى لۇغەت %s غا قوش
Saving document to %s
پۈتۈكنى %s غا ساقلاۋاتىدۇ
|
|