|
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مىكروسوفىت شىركىتى نۆۋەتتە جۇڭگودىكى كەسپ زەنجىرىنى قايتا تەشكىللەپ، Windows10 سىستېمىسىنى جۇڭگو رايونىدا تېز سۈرئەتتە ئوموملاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. چارشەنبە كۈنى، يەتتە يىل توختاپ قالغان مىكروسوفىت WinHEC يىغىنى ( Windows قاتتىق دېتال كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى) شېنجېندا قايتا ئېچىلغان. يىغىندا مىكروسوفىت شىركىتى مەشغۇلات سىستېمىسى كەسپى تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە لېدىرى Terry Myerson تۇنجى قېتىم Windows10 سىستېمىسىنىڭ بۇ يىل يازدا رەسمىي تۈردە دۇنيا مىقياسىدىكى 190 دۆلەت ۋە رايونغا تارقىتىلىدىغانلىقىنى، جەمئىي 111 خىل تىل-يېزىقنى قوللايدىغان نەشىرى ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان يىغىندا، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ جۇڭخۇا رايونىدىكى باش لېدىرى خې لېفۇ مۇنداق دىگەن: «شېنجېن بولسا بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىمىز، بىز شېنجېنغا نۇرغۇن مەبلەغ سالدۇق.» ئۇنىڭغا قوشۇپ، Terry Myerson يەنە شېنجېننىڭ پۈتۈنلەي يېڭى شەكىلدىكى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە زور ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان.
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگوغا كىرگىلى 20 يىلدىن ئاشقان مىكروسوفىتقا ئوخشاش مۇشۇنداق بىر چەتئەل كارخانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار يالغۇز شېنجېننىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جۇڭگو رايونىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىدىكى مۇھىم بازا دەپ قارايدۇ. مىكروسوفىت ئوتتۇرىغا چىقارغان قىسمەن يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى جۇڭگو رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۆزگەرتىلگەن. يىغىندا Windows10 سسىتېمىسى رەسمىي ھالدا نامايەن قىلىنغان بولۇپ، بارلىق تونۇشتۇرۇش خەنزۇچە ئېلىپ بېرىلغان، «شىياۋنا» دەپ خەنزۇچە ئىسىم قويۇلغان ئاۋازلىق بۇيرۇق ياردەمچىسى Cortana خەنزۇچە ۋە گۇاڭدوڭچە ئىككى خىل بېرىلگەن بۇيرۇقلارنى بىمالال ئىجرا قىلىپ، تۆۋەندە ئولتۇرغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا بىر خىل يىقىنلىق تۇيغۇسى بەرگەن.
مىكروسوفىت شىركىتى يىغىن داۋامىدا يەنە شىركەتنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: مىكروسوفىت ئاسىيا-تېنچ ئوكيان تەتقىقات مەركىزىگە جەمئىي 600 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، ھەر يىلى يەنە جۇڭگو رايونىغا 264 مىليون يۈەن مەبلەغ كىرگۈزىدىكەن، جۇڭگو رايونىدا ھازىرغىچە 20500 دىن ئارتۇق ئاكتىپ ئەپ ئاچقۇچى، شۇنداقلا 17000 دىن ئارتۇق يەرلىك ھەمكارلاشقۇچى سودىگەر قوشۇنىغا ئىگە ئىكەن.
بۇندىن باشقا، مىكروسوفىت شىركىتى يەنە Windows10 سىستېمىسىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بىر قاتار ھەمكارلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇنىڭ ئىچىدە، مىكروسوفىت شىركىتى تېڭشۈن شىركىتى بىلەن سىتراتىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگودىكى ئابونتلار ئۈچۈن قولايلىق، تېز ۋە بىخەتەر بولغان Windows10 سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ھەقسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن. Terry Myerson نىڭ ئېيتىشىچە، QQ دېتالى Windows سۇپىسىدىكى چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان مەھسۇلات ئىكەن.
دېمەك، Win7 ۋە Win8 ئابونتلىرى پەقەت بىر يىل ئىچىدە، تېڭشۈن ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇسۇل بويىچە، سىستېما نەشىرىنى Windows10 گە يېڭىلىسا، مەڭگۈ ھەقسىز ئىشلىتىشتىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
يىغىندا يەنە تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمى QQ دېتالىنىڭ Windows10 سىستېمىسىدىكى ئىجرا بولۇش ئەھۋالىنى نامايەن قىلغان. يېڭى نەشىردىكىQQ دېتالى ئاپتوماتىك ھالدا مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماسلىشالايدىغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلات سۇپىسىدا ئوخشاش بىر كۆرۈنمە يۈزنى نامايەن قىلالايدىكەن.
مىكروسوفىت شىركىتى يەنە تېڭشۈن بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى Windows10 نى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن، بۇ خىل نۇسخىدىكى سىستېمىغا يېڭى نەشىردىكى QQ ، تېڭشۈن كومپىيۇتېر باشقۇرغۇچىسى، تېڭشۈن ۋېدىئوسى قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار ئالدىن قاچىلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تېڭشۈن كومپىيۇتېر باشقۇرغۇچىسى Windows10 سىستېمىسىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن تېز، قولايلىق ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا يېڭىلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
بۇندىن باشقا، مىكروسوفىت شىركىتى يەنە چىخۇ 360 شىركىتى بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىدىكەن. Terry Myerson نىڭ ئېيتىشىچە، مىكروسوفىتنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى دەل ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ، 360 بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقاندا، ئابونتلار توپىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
Terry Myerson نىڭ ئېيتىشىچە، ئابونتلار ئىلگىرى ئىشلەتكەن سسىتېما نەشىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، يېڭى سىستېمىغا دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن. مىكروسوفىت شىركىتى Windows10 سىستېمىسى ئارقىلىق، بارلىق ئابونتلارنى بىر-بىرى بىلەن باغلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىكروسوفىت تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، لىيەنشىياڭ شىركىتى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ، Windows10 سىستېمىسى ئالدىن قاچىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن. لىيەنشىياڭ شىركىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئەۋلاد ئۈستەل ۋە تاختا كومپىيۇتېر مەھسۇلاتى بۇ يىل يازدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن، بۇ مەھسۇلاتلارغا Windows10 سىستېمىسى بىر تۇتاش ھالدا ئالدىن قاچىلىنىدىكەن.
لىيەنشىياڭ گۇروھىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى، جۇڭگو رايونىدىكى باش دېرىكتورى توڭ فۇياۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ كەلگۈسىدە يەنە يېڭى نۇسخىدىكى Windows Phone يانفونىنى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىدىكەن، شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بازارغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىدىكەن.
بۇندىن باشقا، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، Windows Phone نۇسخىسىدىكى شىياۋمى 4 يانفونى Windows10 نىڭ ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيدىكەن.
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
|
-
1
|