قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال ھەققىدە
ۋېلى زىرەككەك
1.س:قاتتىق دېتال دېگەن نېمە؟
ج:قاتتىق دېتال دېگىنىمىز ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا يۇمشاق دىيارنىڭ نورمال ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان بىرىككەن زاپچاسلاردىن ئىبارەت .
2.س:ئۇلار قانداق تۈرگە بۆلۈنىدۇ ؟قانداق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ ؟
ج:1.لوگىكىلىق زاپچاسلار :لوگىكىلىق زاپچاسلار بولسا سىستېمىنى ئىجرا قىلىش ۋە ھەرخىل بۇيرۇقلارغا لوگىكىلىق ھۆكۈم قىلىش ھەم ئۇنى ئىجرا قىلىش رولىنى ئوينايدۇ .مەسىلەن :كومپيۇتېر ۋە تېلېفونلارنىڭ يادروسى بولغان مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى ،ئاساسى تاختا .
2.بۇيرۇقچى زاپچاس :كىشىلەرنىڭ پىرگراممىغا بولغان بۇيرۇقنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان زاپچاسلار .مەسىلەن :كۇنۇپكا تاختىسى سىقىملان ئېكران .
3.ئىشلەمچى زاپچاس :ھەرخىل بۇيرۇققا ئاساسەن ئىش ئىشلەيدىغان زاپچاسلار .مەسىلەن :كۆپەيتكۈچ ،نەققاش ئويغۇچ .
4.ياردەمچى زاپچاس تونۇتقۇ زاپچاس :ياردەمچى زاپچاسنى ماشىنىغا تونۇتۇپ نورمال ئىجرا قىلدۇرىدىغان زاپچاسنى كۆرسىتىدۇ .مەسىلەن:كۆرسەتكۈچ كارتا ،ئاۋاز كارتا .
5.ياردەمچى زاپچاس :ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن ياردەمچىلىك رولىنى ئوينايدىغان زاپچاس .مەسىلەن : ئېكران ،ياڭراتقۇ .
3.س:يۇمشاق دېتال دېگەن نېمە ؟
ج:تۇتقىلى بولمايدىغان بىز ئىشلىتىۋاتقان ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىلىق ئىجراچانلىققا ئىگە قىلىپ بېرىدىغان سىستېما بۇيرۇقىنى بىز يۇمشاق دېتال دەپ ئايرىيمىز .
4.يۇمشاق دېتال قانچىگە بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلار قايسىلار ؟رولىچۇ ؟
1.ئەقلىسىز يۇمشاق دېتاللار :قانداق چىققان بولسا شۇ پىتى ئىجرا بولىدۇ ،سىرتتىن باشقا ئىقتىدار قوشقىلى بولمايدۇ .مەسىلەن :ھېسابلىغۇچ ،بۇرۇنقى تېلېفونلار .
2.ئەقلى شىفىرلاشقان يۇمشاق دېتاللار :ئىگە تەرەپ تارقاتقان ئەپتىن باشقىنى قاتقىلى بولمايدىغان يۇمشاق دېتاللار .مەسىلەن :ئالما يۇمشاق دېتالى ،نوكىيا تېلېفون(ۋىندوۋس تىپلىرى) .
3.ئەقلى ئىچىۋەتكەن يۇمشاق دېتاللار :ھەرقانداق تەرەپ ئەپ ياساپ قوللانسا يۇمشاق دېتالغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ياسىسا بولىدىغان يۇمشاق دېتال .مەسىلەن: ئاندىرويد يۇمشاق دېتالى مىكروسوفت كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى .
4.س:پىرقىراتما تىلىنىڭ ئاساسى نېمە ؟پىرىنسىپى چۇ ؟
ج:پىرگرامما تىلىنىڭ ئاساسى بولسا ھۆكۈملۈكتىن ئىبارەت ،يەنى <<راست>> ياكى <<راست ئەمەس>>تىن ئىبارەت ،ھەرقانداق پىرگرامما تىلى بولسۇن ،يۇمشاق دېتال ياساش قانچىلىك ئوخشاش بولماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىسىنىڭ قائىدىسى بىرلا يەنى ھۆكۈم قىلىش پىرىنسىپى.پىرگراممىنىڭ سۇبيېكتىپ پىرىنسىپى ھۆكۈم قىلىش بولسا ،ئوبيېكتىپ پىرىنسىپى بۇيرۇق قوبۇل قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت .
تورداشلار دىققەت ھەممىسى مىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسى بولغاچقا كۆچۈرمەكچى بولساڭلار ئاپتورىنى تاشلاپ قويماي كۆرگەيسىزلەر ئەگەر بۇ قاراشتا تولۇق بولمىغان يەرلەر ياكى مۈجمەل خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرساڭلار مەن چوقۇم تۈزىتىمەن ھەم بىلمىگەننى بىلىۋالىمەن رەھمەت سىلەرگە
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
|