ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 762|ئىنكاس: 24
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

(كۆچۈرۈلمە) پەخرىيە ئەشرەپ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىندى

18

تېما

254

يازما

839

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
4063
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

MSM ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى

تاشپولات روزى


مەن بۇلتۇر ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە «ئامېرىكىدىكى 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلغان قارا تەنلىك ئوقۇغۇچى» ناملىق بىر تېما يازغانىدىم. بۇ قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىش روھىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردىمۇ كەينى - كەينىدىن تەشۋىق قىلىنغانىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، تىرىشچان سىڭلىم پەخرىيە ئەشرەپنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. پەخرىيە ئۈندىدارىمغا: «تاشپولات ئاكا، مەن يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغانىدىم، مانا ئەمدى ئامېرىكىدىكى خارۋارد (Harvard) ئۇنىۋېرسىتېتى، يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتى، ستانفورد (Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى،  بېرىكلىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Berkeley)، لوس ئانجېلېسدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Los Angeles) قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق بەش ئالىي  مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىم توغرىسىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالدىم» دېگەن خۇشخەۋەرنى قالدۇرغانىدى. پەخرىيەنىڭ قازانغان بۇ نەتىجىسىدىن خەۋەر تېپىپلا دىلىم ئالەمچە سۆيۈندى، قەلبىم ئىپتىخارانە ھاياجانغا تولدى. بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھازىرغىچە پەخرىيە كەبى بىرلا ۋاقىتتا دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىغا بىرلا ۋاقىتتا ئېرىشەلىگەن يەنە بىرەيلەن چىقىپ باقمىغان. «ئاتىسى ئاتالمىغان قۇڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ تۇڭگۇزنى» دېگەن شۇدە. پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە يىراق تەكلىماكان گىرۋەكلىرىنى بويلاپ كارۋان تارتىپ دۇنيانى كەزگەن ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ روھىيىغا ۋارسلىق قىلىپ، باشقىلار قىلالىغاننىمۇ قىلالىدى، باشقىلار قىلالمىغاننىمۇ قىلالىدى. ئۇ بىزگە «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. ئەينى يىلى پەخرىيە ئەشرەپ، جۇڭگونىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر(150) غا ئېرىشىپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى، شۇ چاغدا باشقا مىللەتلەردىن «ئۇيغۇرلار تۇغما ئەقىللىق مىللەت، تىرىشسىلا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دەپ ماختىغانلار كۆپ بولغانىدى. بەلكىم «بىر ئادەم بىر مىللەت» دېگەن شۇ بولسا كېرەك. پەخرىيە شۇ چاغدا بىزنىڭ كىرلىشىپ، رەڭگى ئۆڭۈپ قالغان ماتېماتىكىدىكى بەترەڭ يۈزىمىزنى پاكىز يۇيىۋەتكەنىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرلىرىم ئارىسىدىن نەچچە يۈزلىگەن پەخرىيەلەر چىقىپ، مىللىتىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يۈزىمىزنى يورۇق قىلغان بولسا، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساقلا ئۆزىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ، دىلىمىز يايرىغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم.

ئەجىبا ئۇيغۇرلار ئاشۇ ياپونلار ۋە يەھۇدىلار قىلالىغاننى قىلالماسمۇ؟ مېنىڭچە، چوقۇم قىلالايدۇ. ياراتقان ئىگىسى تولۇق ئەقلىي قۇۋۋەت بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان ئۇيغۇرلار پەقەت تاشنى تالقان قىلغۇدەك جاسارىتى بىلەن پەن ئىگىلەشكە قارىتىدىغانلار بولسا، يېقىن زامان ئىچىدە دۇنيا مىللەتلىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان مىللەتلەر قاتارىغا كىرەلەيدۇ. شەرت شۇكى، ئۇيغۇرلار مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ ئائىلە مائارىپىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. «دۇنيادا ئادەمدىن ئۆتە رەزىل مەخلۇق يوق، چۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق بىر ھايۋان ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ، پەقەت ئادەملەرلا ھەرخىل باھانىلار بىلەن ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ۋە تەربىيەلىشىگە تاشلاپ بېرىدۇ» مانا بۇ گەپتىنلا بالا تەربىيەسىنى تالادىن كۈتۈشنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز، دېمەك بالا تەربىيەرىمىز تالاغا قاراپ قالماسلىقى كېرەك.

ئەلقىسسە، مەن بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرى پەخرىيە سىڭلىمدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالغانىدىم. ئۇ خېتىدە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ بېقىشىمنى ۋە پىكىر بېرىشىمنى سورىغانىدى. مەن دەررۇ پەخرىيەگە خەت يېزىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ھەمدە ياش نېرۋا ئىلمى ئالىمىمىز ئەلقەم تۇرسۇننىڭ ئۆزگەرتىشى ۋە پىكىر بېرىشى بىلەن ماتېرىياللارنىڭ كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ پەخرىيە سىڭلىمغا ئەۋەتىپ بەردىم. مەن بۇ يەردە ئەلقەم ئۇكامغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە 2011 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر (150) ئالغانىدى. ماتېماتىكىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان جۇڭگودەك بىر دۆلەتنىڭ مەملىكەتلىك ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىش تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. بۇ خىل تولۇق نومۇرغا ئانا تىلىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ئېرىشەلىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشسىلا ھەممە ئىشتا ئەڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كەمىنمۇ ماتېماتىكىچى بولغاچقا، پەخرىيەنىڭ شۇ چاغدىكى نەتىجىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە قارىغاندا بەكرەك پەخرىلەنگەنىدىم. پەخرىيە شۇ ياخشى نەتىجىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىدى. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ قاتتىق تىرىشىپ، ئۇدا تۆت يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولدى. بۇ قېتىممۇ چەتئەللىكلەردىن ئالىدىغان ئىنگلىزچە ئىمتىھانىدىن 113 نومۇر (بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 120) ئالدى. ئاسپىرانتلارنىڭ ئىمتىھانىسىدىن 330 ( بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 340) ئالدى. پەخرىيەنىڭ تولۇق نومۇرغا ئازلا پەرق بىلەن يېقىنلىشى مېنى شۇنچىلىك ھاياجانلاندۇردى، چۈنكى بۇ خىل نەتىجىگە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن ئىمتىھان بەرگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيتتى.

پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيەنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىسى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىدىكى پەم – پاراسەتنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەخرىيە سىڭلىمىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن ئەنداز ئېلىپ، ئۆز كەسپى ساھەلىرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، پەخرىيە سىڭلىمنىڭمۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى غەلبىلىك تاماملاش بىلەن بىللە، ئۆز كەسپىدە دۇنيانى زىل-زىلگە سالغۇدەك كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.

2015 – يىلى 10 – مارت ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا يېزىلدى

2

تېما

380

يازما

281

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1098
ئاقچا
0
Gerip520 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

95

يازما

106

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
376
ئاقچا
0
007oYaNQi ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

127

يازما

165

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
812
ئاقچا
0
QQ
lonely_〃 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ چۇڭ نەتىجىلەرنى قازىنىشىغا تىلەكداشمەن

2

تېما

175

يازما

155

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
666
ئاقچا
0
azrataly ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ،       راسلا ئادەمنى ھاياجانغا سالدىغان خەۋەر ئىكەن ،يەنە بۇيۇك ئۇتۇقلار يار بولغاي

0

تېما

4

يازما

21

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
63
ئاقچا
0
DAWERDAXLAR ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمز  گە  مۇشۇنداق   قالتس  باللا  كىرەك  .پەخرىيە  يارايسز     ...

4

تېما

518

يازما

303

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2454
ئاقچا
0
alihan3 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايدۇ  

5

تېما

103

يازما

211

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
878
ئاقچا
0
dana2013 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ! ھەقىقەتەن تىرىشچان ئىكەن، ئىشلىرىڭز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن........

26

تېما

1128

يازما

950

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

كۈنلەرنىڭ بىردە (^_^)

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4235
ئاقچا
0
QQ
بارى ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس!
♥ زىمىستاننى باھار دىگۈم يوق!         ♥   (^_^)

9

تېما

590

يازما

373

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1841
ئاقچا
0
Ahmetjan88 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ ئەقىللىق مىللەت دېگەن سۆزى يادىمغا كەلدى، پەخرىيەگە ئۇتۇق تىلەيمەن…

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

37

تېما

366

يازما

726

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2588
ئاقچا
0
QQ
uznur ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن يارايسىز قوزام
ھەركىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى

0

تېما

20

يازما

2

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
24
ئاقچا
0
abdukayyum09033 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز پەخىرىيە  قالتىس تېخىمۇ تىرشىڭ

»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان

1

تېما

36

يازما

31

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
147
ئاقچا
0
aaaaaaaaaaassss ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

17

يازما

34

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
119
ئاقچا
0
穿越火线 ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۇمۇقۇم

0

تېما

1

يازما

6

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
15
ئاقچا
0
qeka ۋاقتى: 3 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە پەخېريە سىز بېزنىڭ نەچچەمىىڭ ياللاردىن بېرى ئۇتكەنلەرنىلا يادقا ئالدىغان ھالەتكە خاتىمە بەردىڭىز.بولسا بىزدىن ئۇسۇينايدىغان مىللەتتىن  ئىلىم- مەرىپەتلىك مىللەتلىگىمىزنى ئىسپاتلايدىغان  ماتىماتكا ،بىئو-خېمىيە،فىزىكائالىملىرى كۇپلەپ چىقىپ مىللىتىمىزگە شەرەپ كەلتۇرسىكەن دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش