بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oyunchi12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 23:07
PlayStation ئۇيۇن ماشىنىسى ھەققىدە
PlayStation (قىسقارتىلىپ ئاتىلىشىPS) ئويۇن ماشىنىسى كۆپ قىسىم ئويۇنچىلارغا ناتونۇش ئەمەس، بىراق مۇنبەردە كۆپ قسىم تورداشلارنىڭ بۇنىڭ قانداق ئۈسكىنە ئىكەنلىكىنى سورىغانلىقىنى كۆردۈم، ھەم بىرقىسىم تورداشلارنىڭ بۇ ئۈسكىنە توغرىسىدا چۈشەنچىسىمۇ ئانچە چوڭقۇر ئەمەسكە. شۇڭا بۇ ھەقتە تەپسىلى بىر تېما يېزىشنى لايىق كۆردۈم.
PS بولسا ياپونىيە سونىي (Sony) شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى سونىي كومپىيۇتېر كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى ئېچىش گورۇپپىسى SCE نىڭ تېلېۋىزورغا چىتىپ ئوينايدىغان ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى ئۈسكىنىسى. تۇنجى ئەۋلاد ئويۇن ماشىنىسى 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ دەل ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ھەم بىزگە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن PS1 ئويۇن ماشنىسى . ھازىرغا قەدەر PS ئويۇن ماشىنىسى جەمىئىي 4 قېتىم چوڭ يېڭىلىنىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ 4PS دەۋرىگە قەدەم قويدى. گەرچە 1PS دەۋرىدىن كېيىن ئەتىراپىمىزدىكى PS ئويۇنچۇقخانىلار بارا-بارا يوقاپ كېتىپ ئورنىنى تورخانا ئالغان بولسىمۇ كېيىنكى مەزگىللەردە، يەنى 2010-يىلدىن كيىنكى مەزگىللەردە PS ئويۇن ماشىنىسى ئائىلىمىزدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.
تۇنجى ئەۋلاد ئويۇن ماشىنىسى PS One
بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق ئويۇن ماشىنىللىرىنىڭ بىرى بولغان PS One (كۆپىنچە PS1 دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ قەلبىمىزدىكى ئورىنى ھازىرغىچە ئۆزگەرمىگە بولسا كېرەك، ھازىرغىچە نۇرغۇن تورداشلار شۇ ۋاقىتتىكى گۈزەل مىنۇتلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن توردىن PS1 نىڭ ئويۇنلىرىنى توردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈپ ئويناپ كىلىۋاتىدۇ. بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئەشۇ تۇنجى PS ئويۇن ماشىنىسى 1994-يىلى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭغا ئەينى ۋاقتىدا CD-Rom سەپلەنگەن بولۇپ شۇ ۋاقىتلاردىكى 3D ئۈنىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئويۇن ماشىنىللىرىدىن ئىدى. ۋەكىل خارەكتېرلىك ئويۇنلىرىدىن 烈火战车,合金弹头,007,铁拳,实况足球 قاتارلىق ئويۇنلىرى بار. 2000-يىلىغا كەلگەندە PS1 ئويۇن ماشىنىسىغا بىرقېتىملىق چوڭ يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلىپ، توك مەنبەسى قايتا تەڭشىلىپ ۋە سىرىتقى كۆرىنشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كىچىكلىتىلگەن. ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ ئۇ PS One دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. PS One غا يەنە سىرىتتىن چېتىلىدىغان خىرىستال ئېكران سەپلەنگەن. (ئايرىم سىتىۋېلىپ چېتىلدۇ) بولۇپ، بۇنداق بولغاندا توك مەنبەسىگە ئۇلانغان ئەھۋال ئاستىدىلا ھەرقانداق جايدا ئويۇن ئويناش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى، شۇ مەزگىللەردە PS One ھەتتا شەخىسلەرنىڭ ئوپتومۇبىللىرىدىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان. كىيىن ئۇزاق ئۆتمەي سونىي شىركىتى يەنە Mobile Power One نامدىكى ئۈسكىنىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن PS One غا 1.5 سائەتتىن 3 سائەتكىچە توك بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن PS One قولدا كۆرۈرۈپ تۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇن ماشىنىسىغا ئايلانغان.
ئىككىنچى ئەۋلاد ئويۇن ماشىنىسى
2000-يىلى3-ئايغا كەلگەندە Sony شىركىتى 1PS نىڭ ئورۇن باسار مەھسۇلاتى 2PS نى ئېلان قىلغان (تۇلۇق ئاتىلىشى PalyStation Two) ئېلان قىلغان شۇ كۈنى ياپونىيەدە ئۆچىرەت تۇرۇپ باس-باس سېتىۋىلىش دولقۇنى شەكىللەنگەن بولۇپ، تۇنجى ئائىلە ئويۇن سۇپىسى سىستېمىسى ئىچىدىكى 128 بىتلىق DVD-ROM سەپلەنگەن ئەڭ ئىلغار ئويۇن ماشىنىسى ئىدى. 2004-يىلىغا كەلگەندە سونىي شىركىتى 2PS نىڭ ئەڭ يېڭى نېپىز نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. پۈتۈن يەرشارى بويىچە 1 مىلىيارد 500 مىلىيون نۇسخا 2PS سېتىلغان. 2012-يىلىغا كەلگەندە سونىي شىركىتى 2PS گە بولغان بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى توختاتقان. ps2نىڭ ۋەكىل خارەكتېرلىك ئويۇنلىرىدىن بىئو-خېمىيە كىرزىسى4، ئاخىرقى فانتازىيە 10-12، قېتىشما ئوق بېشى2-3، قوڭغۇراقلىق بىنا3، ئونىمۇسا (鬼武者) يۈرۈشلۈك ئويۇنلىرى، ئۇرۇش ئىلاھى 1-2 قاتارلىقلار بار.
ئۈچىنچى ئەۋلاد ئويۇن ماشىنىسى PS3
PS3 ئويۇن ماشىنىسى 2006-يىلى 11-ئايدا ياپونىيەدە ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىنلار ئامرىكا، ياۋروپا، تەيۋەن، ئەنگىلىيە ۋە شىياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردا تارقىتىلىشقا باشلىغان. PS3 ئويۇن ماشىنىسى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ئوينىغۇچىلارنى پەقەت ئەڭ يېڭى ئويۇن مۇھىتىغىلا ئەمەس بەلكى ئۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى فىلىم، كۆكنۇر دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن. PS3 گە كوكنۇر پىلاستىنكىسىنى ئوقۇشنى قوللايدىغان DVD-Rom ھەمدە قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن، ئەنئەنىۋى ئويۇننى ئوپتىك دىسكىدىن قوزغىتىپ ئويناش شەكلىدىن قاتتىق دسكىغا قاچىلاپ ئويناشقا ئۆزگەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن PS Store (PS تور ماگىزىنى) تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئابونىتلار ئويۇننى تورماگىزىنىدىن سېتىۋىلىپ چۈشۈرۈپلا ئوينىيالايدۇ. ھەمدە سىناق تارقىتىغان ئويۇنلارنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئوينىيالايدۇ. شۇنداقلا بىرقىسىم ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار چۈشۈرۈشنى تەمىنلەيدۇ. گەرچە Microsofr نىڭ Xbox360 ئويۇن ماشىنىسى سونىي شىركىتىنىڭ PS3 مەھسۇلاتىغا رىقابەتچى بولسىمۇ بىراق Microsofr نىڭ ئويۇن سۇپىسى ساھاسىگە كىرىشى Sony قارىغاندا كۆپ كىيىن بولۇپ، تۇنجى ئەۋلاد ئويۇن ماشىنىسى بولغان Xbox360 2005-يىلى بازارغا كىرگەن. ئەمما بۇ دىگەنلىك Xbox360 نى PS3 دىن تۆۋەن تۇرىدىغان مەھسۇلات دىگەنلىك ئەمەس، ئىككىسى بولسا رىقابەتچى مەھسۇلات، ھوقۇم ھەر بىرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بىر مەھسۇلاتنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ياكى مەغلۇپ بولىشىنى ئىستىمالچىلار بەلگىلەيدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە Xbox360 ۋە PS3 ئوخشاشلار تارىختىكى ئەڭ نادىر مەھسۇلاتلار ھېسابلىنىدۇ.
PS4 ئويۇن ماشىنىسى توغرىسىدا كۆپ توختالمايمەن، چۈنكى تېخى يېقىندا بازارغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتقا قارىتا تېخى كۆپرەك دېققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرمىساق بولمايدۇ. بەلكىم ئۇزاققا قالماي PS4 توغۇرلۇق ئايرىم تېما يوللىشىم مۇمكىن. تورداشلارنىڭ نەزىرى داۋاملىق تېمامنىڭ داۋامىدا بولغاي!
ئېلاۋە: مەزكۇر تېمىدا Xbox360 توغۇرلۇق توختالمىدىم، ئەمما ئايرىم تېما قىلىپ يوللاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! ئەمدىكى گەپ نۇرغۇن تورداشلار Xbox360 بىلەن PS3 نىڭ قايسىسىنى ئالساق ياخشى دىگەندەك سۇئاللارنى كۆپ سوراۋاتىدۇ. مۇھىمى سىزنىڭ قايسىسىنى ياقتۇرىشىڭىز. مەيلى قايسىسىنىلا سېتىۋالماڭ، ئوخشاشلا سېتىۋالغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلمايسىز، ھەر ئىككىلىسىنىڭلا ئوخشاش چوڭ قۇرۇقلۇقتا يېشىۋىتىلگەن نەشىرلىرى بار. شۇڭا ئويۇنلىرىنى ھەقسىز قاچىلاپ ئوينىيالايسىز. تەۋىسىيەرىم ناۋادا ئىقتىسادىڭىز ئانچە ياخشى بولمىسا مۇشۇ ئىككى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئويۇن سېتىۋىلىشقا پۇل خەجلىمەيسىز، بىراق ئەسكەرتىدىغىنىم بۇندىن كېيىن ييڭى ئويۇنلىرى كۆپلەپ چىقمايدۇ، چۈنكى ئاللىبۇرۇن PS4 ۋە Xbox One ئېلان قىلىنىپ بولدى، قالدىسى ئىككى شىركەتنىڭ ئالدىنقى مەھسۇلاتىغا قارىتا قوللاشنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرىشىغا باغلىق. شۇڭا ئىقتىسادىڭىز يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا PS4 نى ياكى Xbox One سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئۈسكىنىنى سېتىۋىلىپ كىنو كۆرىدىغان كۈنگە قالىدىغان گەپ.
PlayStationتوغۇرلۇق تىخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز: www.oYunchi.com |