- جۇغلانما
- 2594
UID13398
تىزىملاتقان2013-2-1
ئاخىرقى قېتىم2015-3-15
توردا698 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2594
- ئاقچا
- 0

|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئالىپايدا ئادەتتە ئالىپايدىن بانكا كارتىسىغا پۇل يۆتكىسىڭىز ئىككى خىل بولۇپ ،بىرسى 2سائەت ئىچىدە كىرىپ بولىدۇ.يەنە بىرسى ئەتىسى كەچ سائەت 10دىن بۇرۇن كىرىدۇ .
2سائەت ئىچىدە كىرىپ بولىدىغان بانكىلار :
خەلق تۇرمۇشى بانكىسى ،سودىگەر چاقىرىش بانكىسى مۇلازىمەت ۋاقتى(00:00~23:59)،سودا سانائەت بانكىسى (10:00~18:00)،گۇئاڭدا بانكىسى (00:00~22:00)،نىڭبو بانكىسى (00:00~21:00)،جۇڭگو بانكىسى (04:00~20:00)،يىزا ئىگىلىك بانكىسى (09:00~19:00،دىققەت :ھازىر ۋاقتىنچە توختىتىلدى.)قاتناش بانكىسى (06:00~20:00)،قۇرلۇش بانكىسى (06:00~20:00)ۋەھازاكالار.
ئەسكەرتىش ؛مەن يۇقىردا پەقەت شىنجاڭدا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان بانكىلار توغرىسىدا توختالدىم،پۇچتا پۇل ئامانەت بانكىسى بىلەن يىزا ئامانەت قارز كوپىراتىپىغىمۇ 2سائەت ئىچىدە يۆتكىگىلى بولمايدۇ.ئەگەر باشقا بانكىلارنى كۆرمەكچى بولساڭلار مىنى بېسىپ كۆرۈڭ
ھەق ئېلىش ئۆلچىمى :كومپىتىردا مەشغۇلات قىلسىڭز 2يۈئەن .يانفۇن ئەپ دېتالىدا مەشغۇلار قىلسىڭىز ھەقسىز.
2. يىزا ئامانەت قارز كوپىراتىپى كارتىسىغا پەقەت ئالىپايدىن پۇل يۆتكىيەلەيسىز .يەنى بۈگۈن يۆتكىسىڭىز ئەتە كەچ 10دىن بۇرۇن كىرىدۇ.لىكىن پۇل تولۇقلىيالمايسىز.بۇ كەسىپ تۈرى تېخى ئېچىلمىدى.ئەمدى بۇنداق سوئاللارنى سوراپ يۈرمەڭلار.
3.ئالىپايدىن كىملىكنى دەلىللەش توغۇرلۇق:
بۇ يىلدىن باشلاپ قارىغۇلارچە ئالىپايغا تىزىملىتىپ قويۇپلا ھەممە ئىشنى قىلىمەن دېمەڭ .ئەگەر سىز كىملىكنى دەلىللەشتىن ئۆتكۈزمىگەن بولسىڭزكۆپ ئىشلارنى قىلالمايسىز.مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
رەسىمنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچىلا تەرجىمە قىلىپ ئۆتەي:
1.ئەگەر سىز ھېچقانداق كىملىك دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن بولسىڭىز،پەقەت تور بانكىسى ئارقىلىقلا پۇل تۆلىيەلەيسىز،لىكىن پۇل تاپشۇرۋالالمايسىز ،مەسىلەن سىز كىملىك دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن بولسىڭىز،مەن سىزگە ئالىپايدا پۇل ئۇرسام سىز تاپشۇرۋالالمايسىز.پەقەت ھەق تاپشۇرۇش ،كارتىغا پۇل يۆتكەش قاتارلىق ئىشلارنىلا قىلالايسىز،
2.ئەگەر باش تىزىملىتىش باسقۇچىدا سىز كىملىك ئىسىملارنى توغرا تولدۇرۇپ قىلغان بولسىڭىز،10مىڭدىن تۆۋەن پۇللارنى ئۆلەپ تاپشۇرۋالالايسىز ، ھەق تاپشۇرۇش ،كارتىغا پۇل يۆتكەش قاتارلىق ئىشلارنىلا قىلالايسىز،
3.ئەگەر باش تىزىملىتىش باسقۇچىدا سىز كىملىك ئىسىملارنى توغرا تولدۇرۇپ قىلغان بولسىڭىز ھەم بانكاكارتىسى باغلىغان بولسىڭىز،10مىڭدىن تۆۋەن پۇللارنى ئۆلەپ تاپشۇرۋالالايسىز ، ھەق تاپشۇرۇش ،كارتىغا پۇل يۆتكەش قاتارلىق ئىشلارنىلا قىلالايسىز،
4.ئەگەر باش تىزىملىتىش باسقۇچىدا سىز كىملىك ئىسىملارنى توغرا تولدۇرۇپ قىلغان بولسىڭىز ھەم بانكاكارتىسى باغلىغان ھەم كىملىكنى دەلىللىگەن بولسىڭىز،پۈتۈن ھەممە ئىشلارنى بىمامال قىلالايسىز ،ئۇندىن باشقا ، ھەق تاپشۇرۇش ،كارتىغا پۇل يۆتكەش،قەرز ئېلىش ،سۇغۇرتا سېتىۋېلىش ،تاۋباۋ دۇكان ئېچىش دىگەندەك.
ئالىپايدا كىملىكنى قانداق دەلىللەيمەن دەپ سورىماڭ ،مەن بۇنى بۇلتۇرلا مۇنبەرگە تىما قىلىپ يوللاپ بولغان ،شۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ.
ئەگەرزادى ھېچقانداق قىلالمايتتىم دېسىڭز مەن قىلىپ بېرىمەن ھەقلىق!ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىمنى تېمىلىرىمنى ئاختۇرسىڭىز بىلىسىز.
ئەسلى كوپ توختالماقچىتىم ،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىكلا سۆزلىدىم .ئالىپاي توغرىسىدا بىلىملەر ئۈزۈلمەيدۇ.
2015.3.10.چاقىلىق .نىجات.
|
|