- جۇغلانما
- 629
UID53367
تىزىملاتقان2015-2-24
ئاخىرقى قېتىم2015-3-29
توردا79 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 629
- ئاقچا
- 0
|
ئالدىنقى بىر ئەۋلاد بايراقدار دەرىجىلىك يانفونى Galaxy S5 دىن زور تەجرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلىگەن سامسۇڭ شىركىتى, بۇ يىللىق كۆچمە ئالاقە چوڭ يىغىنىدا, يېڭىچە لايىھەلەنگەن يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفونى بولغان Galaxy S6 نى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقاردى. قارىماققا ناھايىتى نەپىس ۋە ئېسىل تۇيغۇ بېرىدىغان مېتال گەۋدىلىك ۋە كۈچلۈك سەپلىمىگە ئىگە بۇ يانفون سامسۇڭنىڭ سەمىمىيىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىپ بەرگەن. بىراق, Galaxy S5 بىلەن سېلىشتۇرغاندا, Galaxy S6 يانفونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش زادى نېمە؟ ئەگەر سىز ئاللىقاچان Galaxy S5 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز, ئۇنداقتا ئۇنى زادى Galaxy S6 گە ئالماشتۇرۇشقا ئەرزىمدۇ-يوق؟
ئېسىل ۋە كۆركەم لايىھە
نىسبەتەن ئاددىي بولغان لايىھە ۋە قارىماققا ئانچە ئېسىل كۆرۈنمەيدىغان سۇلياۋد گەۋدە Galaxy S5 نىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفون بازىرىدا پۇت دەسسەپ تۇرالماسلىقىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب, بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سامسۇڭ شىركىتى يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قۇتۇلالماي كەلگەن ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق بولۇپ قالغان. بىراق, سامسۇڭ شىركىتى بۇلتۇردىن باشلاپ, لايىھە ئۇسلۇبىغا زور ئۆزگىرىش كىرگۈزۈشنى باشلىغان. سامسۇڭ Galaxy Alpha يانفونىنىڭ گىرۋەك قىسمى دەل مېتالدىن ياسالغان بولۇپ, بۇ خىل لايىھە ئۇسلۇبى داۋاملىق تۈردە Galaxy Note 4 ۋە Galaxy Note Edge يانفونلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مانا يۇقارقىدەك نەچچە خىل مېتال (ئاليۇمىن قېتىشمىسى) ماتىرىيال ئىشلىتىلگەن يانفونلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كىيىن, Galaxy S6 مۇ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەكلا, بىر گەۋدىلەشكەن مېتال قاپلىق ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىققان, ئالدى ۋە ئارقا يۈزىگە «گورىللا 4-ئەۋلاد» ئەينەك ماتىرىيال قىلىنغان بۇ يانفون تاشقى شەكىل جەھەتتە يېڭى بىر پەللە ياراتقان.
رەڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ جايىغا چۈشكەن سېزىمچان ئېكران
نۆۋەتتىكى يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفونلارغا QHD ئېكرانى سەپلەش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان بولۇپ, سامسۇڭ شىركىتى Galaxy Note تۈرىدىكى يانفونلارغا دەل مۇشۇ خىلدىكى ئېكراننى ئىشلەتكەن, Galaxy S6 گە كەلگەندە بولسا, سامسۇڭ ئۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى 2560×1440 سەۋىيەسىگە كۆتۈرگەن, پىكسىل زىچلىقىمۇ 577ppi گە يەتكەن (Galaxy S5 نىڭ پىكسىل زىچلىقى 432ppi گە يېتىدۇ) بولۇپ, كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە, تېخنىكا ساھەسىدە يانفونغا QHD ئېكران سەپلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە تالاش-تارتىشلارمۇ يوق ئەمەس, بىر قىسىم كىشىلەر QHD ۋە 1080P ئېكراننىڭ كۆرسىتىش ئۈنۈمىدىكى پەرقنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىنى, شۇنداقلا QHD ئېكراننىڭ يانفون باتارىيەسىگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتسا, يەنە بىر قىسىم كىشىلەر QHD ئېكراننىڭ ھەقىقەتەن سۈزۈك, رەڭ ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى, ھەتتا كەلگۈسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان يانفونلارغا 4K لىق ئېكران سەپلەش كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
Galaxy S6 دىكى Super AMOLED تىپلىق ئېكران ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى, خۇددى Galaxy Note 4 ۋە Galaxy Note Edge يانفونلىرىغا ئوخشاشلا, Galaxy S6 دىكى رەڭ تۇيغۇسى ۋە كۆرسىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ئېنىق, تېخىمۇ جايىغا چۈشكەن.
«ئورۇقلىتىلغان» TouchWiz ئۇسلۇبى
گەرچە سىستېما ئۇسلۇبىنىڭ قانداق بولۇشى يانفوننىڭ سېتىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ, بىراق, نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆزگىرىپ باقمىغان TouchWiz كۆرۈنمە يۈزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا, ئۇنىڭغا يېڭىچە ئۇسلۇبلارنىڭ قوشۇلۇشى شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىغا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزى بىر ياخشى ئىش, قىسقىسى, يېڭىدىن لايىھەلەنگەن TouchWiz ئەمدى بىزنى ئۇنچە بىزار قىلمايدۇ.
ھەددىدىن زىيادە چوڭ سىغىمنى ئىگەللەيدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئالدىن قاچىلانغان ئەپلەر TouchWiz دىكى ئىستېمالچىلار ئىزچىل نارازى بولۇپ كەلگەن بىر نۇقتا, بۇ ئۆز نۆۋىتىدە TouchWiz سىستېمىسىنىڭ ئاسانلا قېتىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ئامىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە, بۇ سىستېمىدا ئابونتلار ئىشلەتمەيدىغان ھەتتا بىلمەيدىغان ئارتۇقچە ئىقتىدارلار كۆپ. بىراق, Galaxy S6 گە كەلگەندە, سامسۇڭ شىركىتى ئابونتلارنىڭ ئىنكاسىنى قوبۇل قىلىپ,ئۇنىڭدىكى TouchWiz گە قارىتا زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىش ۋە «ئورۇقلىتىش» ئېلىپ بارغان, كۆرۈنمە يۈزى ئاددىي بولۇپلا قالماي, بەلكى تېخىمۇ راۋان مەشغۇلات ئۈنۈمىگە ئىگە قىلىنغان.
يېڭى بىر ئەۋلاد بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ
يانفون كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا, سامسۇڭ شىركىتى يانفوندىكى ھالقىلىق زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان «بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك» ئاشۇ بىر نەچچە كارخانىنىڭ بىرى. Galaxy S6 گە كەلگەندە, كۇۋالكوم 810 بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ ئاسان قىززىپ كېتىش مەسىلىسى ۋە مال بىلەن تەمىنلەش يېتىشمەسلىكتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن, سامسۇڭ بۇ قېتىم كۇۋالكوم بىر تەرەپ قىلغۇچىسىدىن ۋاز كېچىپ, ئۆزى ياساپ چىققان Exynos 7420 تىپلىق 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەتكەن, بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى, توك سەرپىياتى تېخىمۇ تۆۋەن.
ساقلىغۇچ قىسمىغا كەلسەك, Galaxy S6 يانفونى micro SD كارتا سېلىشنى قوللىمىسىمۇ, بىراق, ئۇنىڭ ئاساس ساقلىغۇچ سىغىمى 32 گىگابايتقا كۆتۈرۈلگەن, ئۇندىن باشقا 64 ۋە 128 گىگابايتلىق نۇسخىسىمۇ بار.
Galaxy S6 يانفونىغا 16 مىليون پىكسىل ئېنىقلىقىغا ئىگە كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ, سونىي IMX240 تىپلىق نۇر سېنىزورى ئىشلىتىلگەن, بۇ خىل كامېرانىڭ كېچىدىكى رەسىم تارتىش ئىقتىدارى ۋە سۈرئىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولغان.
باتارىيە ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس
2800 مىللىئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن Galaxy S5 گە نىسبەتەن ئېيتقاندا, Galaxy S6 يانفونىغا سەپلەنگەن باتارىيە سىغىمى ئاران 2250 مىللىئامپىر. بىراق, تېخىمۇ توك تېجەيدىغان بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە توك سەرپىياتى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان QHD ئېكرانى سەپلەنگەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا, Galaxy S6 نىڭ ھەقىقىي توك سەرپىياتىنىڭ قانداقلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئۇندىن باشقا, Galaxy S6 يانفونى سىمسىز ھالەتتە ۋە تېز سۈرئەتتە زەرەتلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ, بۇلار ئۇنىڭ باتارىيە سىغىمى كىچىك بولۇشتەك كەمچىلىكىنى تولۇقلىغان.
بېسىلىدىغان شەكىلدىكى بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى
ئەلۋەتتە, Galaxy S5 گىمۇ بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان, بىراق, ئۇنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى سىيرىلما شەكىلدە بولغاچقا, ئۈنۈمى دىگەندەك ياخشى بولمىغان. Galaxy S6 يانفونىغا بولسا, خۇددى ئالما Touch ID گە ئوخشاش بېسىلىدىغان شەكىلدىكى بارماق ئىزىنى تونۇش سېنىزورى سەپلەنگەن, شۇڭا بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
خۇلاسە شۇكى:
Galaxy S6 يانفونىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلەردىكى ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان. تاشقى شەكلى تېخىمۇ چىرايلىق, كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى تېخىمۇ ئېسىل ۋە نەپىس, كۆرسىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان ئېكران ۋە تېخىمۇ سۈزۈك كامېرا قاتارلىقلار Galaxy S6 نى ئاجايىپ قالتىس بىر بايراقدار دەرىجىلىك يانفونغا ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن, ئەگەر سىز يانفون ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىڭىز, ئۇنداقتا Galaxy S6 سىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر تاللاش بولالايدۇ!





|
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان
|