- جۇغلانما
- 1818
UID14669
تىزىملاتقان2013-3-8
ئاخىرقى قېتىم2015-6-4
توردا585 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1818
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن 小米3يانفۇنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم. ئەسلىدە يانفۇننىڭ wifi قوبۇل قىلىشى، ھەم سىمسىز تور تارقىتىشى نورمال ئىدى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا چوڭراق بىر ھۆججەتنى تور دېسكامدىن يانفۇننىڭ سىغىمىغا چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپ قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدىم. ئەتىسى قارىسام يانفۇننىڭ سىغىمى يۇقاپ كېتىپتۇ. ئىچىم پۇشۇپ يانفۇننىڭ كەينىنى ئاچتىم. قارىسام سىغىم كارتا سېلىنغان ئىكەن( يانفۇنۇم ساختا شياۋمى يانفۇنى ئىكەن.). شۇنىڭ بىلەن باشقا بىر كارتىنى سېلىپ ئېچىۋىدىم، سىغىمى ئەسلىگە كەلدى. ئەمما شۇنىڭدىن بۇيان wifi سىگنالى قۇبۇل قىلالمايدىغان، سىمسىز تور تارقىتالمايدىغان بولۇپ قالدى. باشقا ئىقتىدارلىرى ئىنتايىن نورمال. كىيىن يانا بىر ئېچىپ ئانتىنالىرى تىگىشمەي قالغان بولمىسۇن دەپ تەپسىلى تەكشۈردۈم، مەسىلە يوق. ئەمما يەنىلا ئوڭشالمىدى. زاۋۇت ئەسلىگە ئەكەلدىم، recvery دا قوش تازىلىتىپ باقتىم( يانفۇنۇم ساختا بولغان بىلەن recoverسى ھەقىقى ئىكەن)، يەنىلا ئوڭشالمىدى. يەنىلا شۇ wifi ئۈزچات بەلگىسىنى باسسام يورىمايدۇ، سىمسىز تور تارقىتاي دىسەم 出错 دەپ چىقىۋالىدۇ. قايتا سېستىما يازاي دەپ، كومپوتېرغا تۇنۇتۇپ، miflash قۇرالىغىمۇ تۇنتۇپ، ھەممىنى ئۆلچەملىك قىلىپ بولساممۇ سېستىما يازغىلى بولمىدى. بۇيرۇق بەرسەم، 成功دەپ چىققان بىلەن سېستىما يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا، كاشىلىمۇ يەنە با. ئاخىرى بولماي، روت ھۆججەت باشقۇرغۇچ بىلەن سېستىما ئىچىگە كىرسەم، wlan گە مۇناسىۋەتلىك ئەپ ياكى باشقا بىرەر ھۆججىتىنى تاپالمىدىم. خۇاۋېي يانفۇنۇمنىڭكىگە قارىسام يۇقاردا دىگەن ھۆججەتلەر بار ئىكەن. شۇڭا مەسىلە مۇشۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەم، مۇنبەردىكى ئۇستىلاردىن سوراپ باقسام، مەن شياۋمى 3 يانفۇنىنىڭ ئورگان رومىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزۈم كەملەپ قاپتۇ دەپ قارىغان ھۆججەتلەرنى ئاشۇ رومدىن ئايرىپ ئېلىپ، روت ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق يانفۇنۇمنىڭ ئوخشاش ئورنىغا كۆچۈرۈپ قويسام، مەسىلە ئوڭشىلارمۇ؟ قارا قۇيۇقلا قول سېلىشتىن قورقۇپ قالدىم. بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلا. ياكى بولمىسا ئاشۇ كەملەپ قالغان ھۆججەتلەرنى يانفۇنغا ئۆلچەملىك ئۇسولدا قاچىلاش ئۇسولىنى ئۈگىتىپ قويسالارمۇ مەيلى. ئالدىنئالا رەھمەت دىگەچ تۇراي، رەھمەت.
»»»:ئالپ ئاندرويد تېرمىنالىدا يېزىلغان |
|