- جۇغلانما
- 1717
UID1440
تىزىملاتقان2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم2015-3-15
توردا483 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1717
- ئاقچا
- 4
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئاددىي ئىشلار ئاساسىدا، بارماق دىسكىنى ۋىروستىن ساقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن،
بارماق دىسكا ئارقىلىق يۇقىدىغان ۋىروسلارنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر خىل ۋىروس بار: ئەگەر بىر كومپىيۇتېر ئاشۇ خىل ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، سىز بارماق دىسكىنى چاتقان ھامان بارماق دىسكا ئىچىدىكى بارلىق مۇندەرىجىلەرنى ئوقۇپ ئېلىپ، شۇ مۇندەرىجىلەرگە ئوخشاش نامدىكى ئوخشاش رەسىمدىكى ۋىروس ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ قويىدۇ… ئەسلىدىكى ھۆججەت قىسقۇچلارنى بولسا، يوشۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر كومپىيۇتېزدا يۇشۇرۇلغان ھۆججەتلەر كۆرۈنمىسە ھەمدە كېڭەيتىلگەن نامى يوشۇرۇلغان بولسا، بۇ ۋىروسنى كۆز بىلەن بايقىماق تەس… ئاندىن بارماق دىسكىنى چىقىرىپ باشقا كومپىيۇتېرغا چاتقان ۋاقتىمىزدا: بەزى كومپىيۇتېرلارنىڭ تەڭشىكىگە ئاساسە ھەمدە بارماق دىسكىدىكى autorun.inf ھۆجىتىدىكى تەڭشەك ئارقىلىق ۋىروسنى ئاپتۇماتىق قوزغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋىروس كومپىيوتېرنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەر قايسى ھۆججەت قىسقۇچلارغا يۇققاندىن باشقا تىزىملاش جەدىۋىلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ۋىروسنى سىستېما بىلەن تەڭ قوزغىلىدىغان قىلىۋالىدۇ. سىستېما ئىچىدىكى ۋىروسلار بىر بىرىگە كاشىلا قىلمىغاچقا ۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ، كومپىيوتېر قوزغالغاندا بارلىق ۋىروسلار تەڭ قوزغىلىدىغان بولغاچقا، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمىنى ئىگەللىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانچە تېخىمۇ ئاستىلايدۇ. بۇ چاغدا ۋىروسخور كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن، بەزى ۋىروسلار ۋىروسخورغا قارشى تۇرالايدۇ، ۋىروسخورنىڭ كومپىيۇتېرغ قاچىلىنىشىغا ئىجرا بولىشىغا يول قويمايدۇ…
گەپ ئۇزىراپ كەتتى. ۋىروسنىڭ يۇقۇىشى ھەققىدە ئازىراق چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈم، ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك:
ئادەتتە نۇرغۇن دىتالنىڭ ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللىمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇيغۇرچە مۇندەرىجىدە ئىجرا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. vb6 نى ئىشلىتىپ باققانلار بىلىشى مۇمكىن، ئۇيغۇرچە مۇندەرىجىدە ئىجرا بولسىمۇ مەلۇم مۇندىرىجە ئىچىدىكى ھۆججەت قىسقۇچلار تىزىملىكى ئىچىدە ئۇيغۇرچە خەت بولسا سۇئال شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، api ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە ۋىروس c ياكى c دا ياسىلىدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ unicode دىگەننى ئويلىشى ناتايىن، ئويلاشمايدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئۇيغۇرچە مۇندەرىجە ئىچىگە ساقلانغان ھۆججەتلەرگە ۋىروس يۇقمايدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. مەن بۇنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشەنچىلىك تەجرىبە. |
|