|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bengbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-21 13:40
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
2-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋېروسخور شىركىتى AVG يىقىندا PowerOffHijack (تاقاشنى كونترول قىلىۋېلىش) دەيدىغان ئاندرويد يامان نىيەتلىك ئەپىنى بايقىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئەپنىڭ ئىجرا بولۇش شەكلى ئالاھىدە ئىكەن. ئۇ تېلېفوننىڭ تاقىلىش جەريانىنى كونترول قىلىۋالىدىكەن. تېلېفونىڭىز تاقالغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەپ تېلېفونىڭىزنىڭ ئىچىدە يامان ئىشلارنى قىلىۋېرىدىكەن. يەنى سىز تاقاش كونۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن، تېلېفونىڭىز ئەمەلىيەتتە تاقالمايدىكەن. سىز گەرچە تېلېفونىڭىزنىڭ تاقىلىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى ۋە ئىكراننىڭ قاپقارا ھالىتىنى كۆرەلىسىڭىزمۇ، ئەمەلىيەتتە تېلېفونىڭىز ياكى تاختا كومپيۇتېرىڭىز ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدىكەن.
بۇ ۋاقىتتا بۇ ئەپ( PowerOffHijack ) تېلېفون ئۇرۇش، رەسىمگە تارتىش ۋە باشقا ئىشلارنى سىزگە بىلدۈرمەي قىلىۋېرىدىكەن.
بۇ ئەپنىڭ يانفوننى كونترول قىلىش ئۇسۇلى:
ئۇ ئاۋۋال روت ھوقۇقىغا ئىرىشىدىكەن. ئاندىن، system_server سىستېمىنىڭ ئىجرا بولۇش جەريانىغا كىرىپ mWindowManagerFuncs نى كونترول قىلىۋالىدىكەن. ئاندىن سىز تاقاش كونۇپكىسىنى باسقاندا يالغان كۆزنەك كۆرسىتىپ قويىدىكەن. ئەگەر سىز تاقاشنى تاللىغاندا ئۇ سىزگە تېلېفوننىڭ تاقىلىۋاتقان يالغان كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ھەم ئىكراننى ئۆچۈرۈپ قويىدىكەن. لېكىن، تېلېفونىڭىز ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدىكەن. ئاخرىدا تېلېفونىڭىز تاقالغاندەك كۆرسىتىدىكەن، ھەم بىر قېسىم سىستېما ئۇقتۇرۇشلىرىنى تاقىۋېتىدىكەن.
گەرچە AVG بۇ PowerOffHijack غا قارىتا خېلى كۆپ بايانلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەپنىڭ ئۆزىگە بولغان ئۇچۇرلار كۆپ ئەمەس ئىكەن. بۇ ئەپكە روت ھوقۇقى لازىم بولىدىغان بولغاچقا تورنى زىيارەت قىلغاندا يۇقمايدىكەن. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئەپ بىلەن بىللە قاچىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. AVG نىڭ باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئاندرويد 5.0 دىن تۆۋەن يانفونلاردا بايقىلىپتۇ. تەخمىنەن 10 مىڭ يانفون يۇقۇملانغانلىقى بايقىلىپتۇ. بۇ يانفونلارنىڭ كۆپ قىسىمى جۇڭگودا ئىكەن. چۈنكى بۇ ئەپ جۇڭگونىڭ ئەپ بازارلىرىدىن تارقالغان ئىكەن.
تۆۋەندىكى رەسىم بۇ ئەپنىڭ سۆزلىشىشنى خاتېرلەش، مەخپىي ئۇچۇر يوللاش كودلىرى:
ithome تورىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدىم.
http://www.ithome.com/html/android/130534.htm |
|