بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سانغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 19:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق دوستلار
مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ سىلەرگە مەزكۇر مۇنبەر ئارقىلىق خەۋەر بېرىۋاتىمەن. بەرمەكچى بولغان خەۋىرىم تۆۋەندىكىچە:
مەن بۈگۈن جۈمە نامىزىنى جىگدىلىك مەسچىتتە ئوقۇپ ، نامازدىن كېيىن خىيجاسەن ( تاشبۇلاق) كوچىسىغا بىر ئىش بىلەن بارغان ئىدىم، ئۇ كوچىغا يېڭىدىن بىر يانفۇن مۇلازىمەت ئورندىن بىرنى ئېچىپتىكەن، شۇ دۇكاندا يېڭىدىن 20 يۈەنگە 1000مىنۇت ، 50 يۈن چەكسىز ( بىر ئاي ) 90يۈەنگە 3ئاي چەكسىز سۆزلىشش، 400 يۈنگە بىر يىل چەكسىز سۆزلىشىش كەسپىنى ئېچىپ بىرىدىكەن. مەن قايسى كۈنى يانفۇنۇمنى ئوغىرىغا بەرگەچ بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدىم، شۇڭا سىلەرنى بولسىمۇ پايدىلانسۇن دەپ دەرھاللا تېما يېزىشىم. ئۇ كەسىپنى ئاچقۇزۇش ئۈچۈن تېلىفۇنىڭىزنى بىللە ئېلىپ بارىدىكەنسىز ھە!!ھازىرچە ئالما، ئاندىرويد تېلىفۇنلارغا بولىدىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كونۇپكىلىق تېلىفۇنلارغىمۇ بىجىرگىلى بولارمىشلا..
ئۇلارنىڭ تارقاتقان ئېلان ئىسىم كارتىسىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:50 يۈنگە بىر ئاي چەكسىز سۆزلىشىڭ!!
ئالما تېلىفۇن بىلەن ئاندىرويد تېلىفۇن بولىشى كېرەك.
قەشقەر گىگانت چوقا تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېلىفۇن ھەققىڭىزنى تىجەپ بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو تېلىگرافى، كۆچمە خەۋەرلىىشىم بىرلەشمە خەۋەرلىىشش ئابۇنتلىرى ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان تېلىفۇن نومۇرغا ئايدا 20 يۈەنگە 1000مىنۇت سۆزلىشىسىز، 50 يۈەن تۆلەپ جۇڭگو ئىچىگە بىر ئاي چەكسىز سۆزلىشىش، 90 يۈەنگە 3 ئاي چەكسىز سۆزلىشىش، 400 يۈنگە بىريىل چەكسىز سۆزلىشىش، جۇڭگو ئىچىگە چەكسىز سۆزلىشىش، قىممەت تولۇقلاش كارتىسىنى بازارغا سالدى، بۇ قىممەت تولۇقلا كارتىسى ئارقىلىق يانفۇنىڭىزغا قىممەت تولۇقلاپ شەھەر ئىچى ۋە ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن ئۇرۇپ، جۇڭگو ئىچىدە چەكسىز سۆزلىشىسىز.
مەنزىل: تاشبۇلاق رايۇنى ( خىيجاسەن) تشبۇلاق يانفۇن ئالاقىسى
ماۋۇ ئېلان ھەرگىزمۇ مىنىڭ ئېلانىم ئەمەس ھە، پەقەتلا سىلەرنىمۇ خەۋەردار قىپ قوياي دەپلا يوللىدىم!!!
باشقۇرغۇچىلار ماۋۇ تېمىنى تەستىقلاپ قويۇڭلار |