|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 10:48
كەشپىيات مۇنبىرىدىكى نۇر ئەلىنىڭ تەھدىت سالغان ئىنكاسى ۋەجاۋابىمنى يوللاپ قۇياي.
ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 11:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇراتجان، سىزنى مۇنبەرگە ۋاختى چى ...
مەن مەسلىھەت بەرگەن ئىشتىن پايدىلىنىپ ياخشى ئىش قىلسا مەن تىخىمۇ ياخشى مەسلىھەت بېرەلەيمەن. ئەمما خەققە زىيان سالسا ئەلۋەتتە ئاچچىقىم كىلىدۇ
سىنىڭ قانچىلىك بىلىمىڭ بارلىقى ماڭا ئايان سىنىڭ يۇرىتداشلىرىڭ ۋە سىنىڭ فىزىكا دەرسى بەرگەن ئوقۇتقۇچۇڭ بىزگە ئىشلەۋاتىدۇ بىز تېخى ساڭا ئوخشاش تېخنىكا سەۋەپلىك سوتقا چۈشۇپ قالمىدۇق
سەن نوچى بولغاندىكىن ، تېخنىكاڭ ئىلغار بولغاندىكىن خەققە نارازىلىق ئەرزى سۇنغىچە مەسلىنى ئوڭشاپ خەقنىڭ زىيىننى تۆلەپ بەرمەمسە خەلىقنىڭ مەنپەتىنى قوغدايدىغان قەھرىمان سەن مۇشۇ تور بەتتىمۇ ھەممە ئادەمگە رەددىيە بىرىپ خەقنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتتۇڭ
سىتىرلىڭ ماتۇرغىمۇ بىر نىمە دىدىڭ
ئۆزەكسىز گېنراتۇر غىمۇ بىر نىمە دىدىڭ
دەپ باقە سەن خەق پايدىلانغۇدەك نىمە ئىش قىلدىڭ
قۇياش ئىنىرگىيەلىك تاختىنى قۇياشقا ئەگىشىپ چورگىلىتىمەن دەپ خەقنى قانچىلىك زىيانغا ئۇردۇڭ سەن نوچى بولغاندىكىن خەلىققە پايدىلىق ئەمىلى ئىشتىن بىرنى قىلىپ ئۆزەڭنى ئىسپاتلىمامسە خەلىق سەندەك نوچىلارغا ئىنتىزار تىز بول سىنى مۇسابىقە مەيدانىدا كۈتىمەن
ئەركەك بولساڭ مەيدانغا چىق خەققە پايدىلىق ئەمىلى مەسھۇلات چىقىرىشتا ساڭا جەڭ ئېلان قىلدىم
ۋاقىت سۈرۈكىنى ئۈزەڭ بىكىت
شەپەرەڭ يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 21:52
مەن مەسلىھەت بەرگەن ئىشتىن پايدىلىنىپ ياخشى ئىش قىلس ...
ساڭا تۇنجى قىتىم رەھمەت. مەنمۇ شۇ كىشىنى سىلەرنى ئىزدەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، خاتالاشماپتىمەن. ئەمما يىڭى-ياچىلار بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئادەم مەن ئەمەس...
600مىڭ چىقىرالايمەن دىگەن ئادەم 28 مىڭ خەجلەپلا ھېرىپ قالدىم دەپ يىتىۋالغان، مەن ئىشلەپ چىقىراي، رەسمىيەتنى ماڭا ئۈتكەز دىسەم قۇشۇلماي ئاخىرى خەنزوچىغا پوننى شۇ كىشى بىلەن چىقىرىمەن دەپ تەلەپ قىلغان، يازمىچە كىلىشىم بىلەن ‹‹سىتىش، ئۈتۈنۈش ھۇقوقى بولمايدۇ›› دىگەن شەرىت قۇيۇپ ئىشلەش ھۇقوقىنى بەرگەن ئىدىم. ئېسخىما ۋە تەييار ئەۋرىشكىلەرنى بەرسەممۇ شۇ كىشىنىڭ تېخنىكى بولغان ئادەم شۇ ئادەم بىلەن چىقىرالماي ئىككى يېرىم يىلدىن كىيىن مىنى ئەرىز قىلغان، سوتتا دەۋاگەر ئۇغلى بىلەن ئىككىسى بەس-بەستە مىنى ئاقلاپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلېرى مەغلوپ بولغان. ئۈتۈپ كەتكەن ئىش بولغاچ كىيىنكى سوت نەتىجىلېرى تۇغرىلىق ئارتۇق گەپ قىلماي، كۆرگىنىڭلار شۇ دەپ تۇرايلى. قانون بۇيىچە باشقىنى دىمىگەندىمۇ تېخنىكا مەسلىسى بارلىقىغا ئىسپات تەمىنلىمىگەن، مەن بولسام سىناق ئورناتقان ماشنا ئىگىلېرىنىڭ ياخشى باھاسىنى سوتقا تاپشۇرغان. يەنە ئۇختۇرۇش قىلىپ 9 ئاي ئىچىدە قۇشۇلمىدىم دىمىسە قۇشۇلغانغا ھىساپ.
خىزمەتكارىڭغا دەپ قوي، سىگنال قۇبۇل قىلىدىغان لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا تەتۈر قايتۇرغۇچ قىلىدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ يۈنىلىشىنى سىگنالنى يەرلەشتۈرىدىغان قىلىپ قويسا پۈتۈن سېستىما خىزمەت قىلمايدۇ. ئادەتتە بۇرۇنقى رەڭلىك تىلۋىزورلارنىڭ توك مەنبەسىدىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ.
نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق بۇلىشى شەرىت.
خىزمەتكارىڭنىڭ شۇ چاغدا ئۆزگەرتكەن ئىسخىمىسىنى لازىم دىسەڭ ئەتە يوللاپ قويسام بۇلىدۇ. قاتتىق قەغەزگە سىزىپ كەپتىكەن، خۇجايىنى ئەكىلىپ ماڭا بەردى ، كىيىن كەلمىدى...
ساڭا قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن شۇ خىزمەتكارىڭنىڭ بۇرۇنقى خۇجايىنىنى ھەر قىتىم سوت ئىچىلغاندا، سوت نەتىجىسى چىققاندا بۇلۇپ 5-6 قىتىم دۇختۇرخانىدا يىتىشىغا سەۋەپ بولغان ئادەم مەن ئىكەنلىكىمنى دىمىدىمۇ؟...
كىيىن خىزمەتكارىڭنىڭ بۇرۇنقى خۇجايىنىنىڭ نەۋرە تۇققىنى دەپ بەردى، كىچىك بالىغا يىڭىلگەندىن پۇل خەجلەپ بولسىمۇ يىڭىپ چىققان ياخشى، يۈ-پۈز دەيدىغان گەپ بار دەپ قەرىز ئىلىپ سەن دىگەن پەنگە راسىت چىقىپتۇ.
ئاشۇ قىتىم خەق يوق پۇلنى بار دەپ مىنى ئالدىغاچقا كىيىن ئۇدۇل كەلگەن ئادەملەر 200مىڭ چىقىرىمەن، 500مىڭ چىقىرىمەن دەپ كۆپ ئالاقە قىلغان بولسىمۇ سىلىق رەت قىلىپ كەلگىنىم. تۈرلېرىمگە ئاساسەن مۇقىم شىركەتلەردىن خىرىدار ئىزدىدىم. بۇرۇنلاردا بۇنى دىمەسلىكىم توردا گەپ چىقىشىغا سەۋەپ بۇلىۋاتقان مۇشۇ كىشىنى تىپىپ چىقىش ئىدى.
مەن قۇرۇق رەھمەتكە ئۆچ، بۇ ئەجرىڭ ئۈچۈن ساڭا سەن ئىزدىگەن كۈمۈر يىقىلغۇ قىلىدىغان ماتوردىن ئۇچۇر بېرەي.
موتۇرنىڭ تۇرخۇنى ئىككى قەۋەت مىتال بۇلىدىغۇ، دىئامىتىرى 10 سانتىدىن يۇقىرى ئىككى قەۋەتلىك تۇرۇببا تەييارلاپ شۇنىڭ ئىچىدىن كۆپ قەۋەتلىك ياپراقچە ئورنىتىلغان ئوقنى ئۈتكۈزىدۇ. ئوقنىڭ كۈيۈش بۈلۈمچىسى قىسمىغا تۇغرا كىلىدىغان قىسمىدا ياپراقچە بولمايدۇ. ئىككى بىشىدا سىرىتقا ئۇزۇنراق چىققان ئىسسىقتىن ئايرىش قىسمىدىن كىيىن شارىك ئورنىتىلىدۇ. ھاۋا كىرىش ئېغىزى كىچىك، كۈمۈر سىلىش ئېغىزى چوڭ ئەمما يۇقىرى بىسىملىق قازاننىڭكىدەك ھىم ياپقۇچتا ئاغزى ئىتىلىدۇ. ئىچىگە بىر ئۈلۈش يۇقىرى بىسىملىق ھاۋا كىرسە ياپراقچىلار ئارسىدىن ئۈتىدىغان ھاۋا ئىقىمى يۇقىرى تىمپىراتورا تەسىرىدىن 3-5 يۈز ھەسسە كىڭىيىپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا پالاقچىلار ئوقنى ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنكى قىسمىغا ۋە ئىككى قەۋەتنىڭ ئۈستىگە سۇ تولدۇرۇپ يەنە ئىسسىقلىق تەمىنلەيدىغان قىلسا بۇلىدۇ. ئۆزىگە تەمىنلىنىدىغان يۇقىرى بىسىملىق ھاۋانىمۇ سۇ ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئىنىرگىيەنىمۇ شۇ ئوقتىن قۇبۇل قىلغان ئىنرگىيەدىن تەمىنلىشسە بۇلىدۇ.
ئاۋۇ قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسىنى چۆگىلىتىش بولسۇن ياكى باشقا تېخنىكىلېرىم بولسۇن مەن ھەممىسىگە ئۆزۈمنىڭ پۇلىنى ئىشلەتكەن ئىدىم. ھازىرچە تىخى خەقتىن پۇل ئىلىپ تەجىربە قىلىپ باقمىدىم. ئاندىن مەن ئۇ كىشى بىلەن ماشنىنىڭ توك تەڭشىگۈچىنى ئىشلەش تۇغرىلىق شىرىكلەشكەن، ئۇ خىزمەتكارىڭ نىمىلەرنى دىگىنىنى مەن تىخى بىلمەيمەن.
http://www.kaxpiyat.com/forum.ph ... p;extra=&page=3 |
|