ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1108|ئىنكاس: 11
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۆۋرۈكسىمان قوزغاتقۇچلۇق توك مەنبە

45

تېما

371

يازما

852

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3569
ئاقچا
0
QQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 19:57  

   ئالدىنقى تىمىدا ‹‹تەۋرەنگۈچلۈك توك مەنبە›› نى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغان ئىدۇق، ئۇ تىمىدا دىيىلگىنى پەقەت بىر يۈنىلىشتىلا ماگىنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدىغان يېرىم دەۋىرلىك قوزغاتقۇچلۇق مەنبە ئىدى، بۇ تىمىدا بىز ئىندوكتىپلىق توك ھاسىل قىلىشى ھەسسىلەپ يۇقىرى بۇلىدىغان كۆۋرۈكسىمان ۋە يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلايلى. بۇ ئىككىسىدىن قايسىسىدىلا بولسۇن يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتوردىن ئۈتىدىغان توك، بىر قىتىم ئوڭ يۈنىلىشتە ئۈتسە يەنە بىر قىتىم سول يۈنىلىشتە ئۈتىدۇ.
  يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە؛
    يېرىم كۆۋرۈكسىمان (ئەمىليەتتە ئىككى كوندىساتور قۇشۇلۇپ پۈتۈن كۆۋرۈكسىمان بۇلىدۇ) مەنبەدە ئىككى لامپىنىڭ ئۇتتۇرىدىن بىرلەمچى ئورامنىڭ بىر ئۇچى ئۇلىنىپ، يەنە بىر ئۇچى توك مەبەگە ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان كوندىساتورنىڭ ئۇتتۇردىكى نۇقتىغا يەنە بىر كىچىك سىغىملىق كوندىساتور ئارقىلىق ئۇلانغان بۇلىدۇ. 220 ۋولىتلىق توك مەنبە ئۇلانغاندىن كىيىن كۆۋرۈكسىمان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن رەتلەنگەن توك C1 گە زەرەتلىنىپ بىسىمى بارغانچە ئىشىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئارقىمۇ ئارقا ئۇلىنىپ مەنبەگە ئۇلانغان C3 ۋە C4لەرمۇ مەنبە بىسىمىغا تەڭ زەرەتلىنىدۇ، ئىككى كوندىساتور ئۇلانغان ئۇتتۇرا نۇقتىدا توك مەنبەنىڭ يېرىمىغا تەڭ بىسىم ھاسىل بۇلىدۇ.
  قۇلايلىق ئۈچۈن ماگزىنلاردا رەڭلىك ۋولفىراملىق چىراغ ياندۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان توك يۇلى ئىسخىمىسىنى تۇنۇشتۇراي.
100725waf1o7fi4aw9c79f.gif
  توك يۇلى ئىخىمىسىدىكى L1,L2,L3 لەر ئىسخىما يۇقىرى تەرپىدىكى رەسىمدىكىدەك ماگىنىتلىق ھالقىغا ئىككى ئورامدىن ئورالغان بۇلىدۇ. بىرلەمچى ئورامدىن ئۈتىدىغان توك ئىقىمى ماگىنىتلىق ھالقىدىكى ئىككى ئورام ئورالغان سىمدىن ئۈتكەندە ماگىنىت ھالقىدىكى قالغان ئىككى ئورامدا ئىندوكسىيلىك توك ھاسىل بۇلىدۇ. لاھىيەدە L1 ۋە L2 لەر نىڭ R2 ۋە R4 لەر ئارقىلىق كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنىڭ ئاساس قۇتۇبىغا ئۇلىنىدىغان ئۇچلېرىدىن چىقىدىغان ئىندوكسىون توكنىڭ يۈنىلىشى بىر-بىرىگە قارشى لاھىيلەنگەن. R3 تىن ئۈتكەن ئاجىز توك ئىقىمى Q2 نىڭ ئاساسى قۇتۇبىغا قوزغاتقۇچى توك تەمىنلەپ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبىدا توك ئۈتكۈزىدۇ. Q1 بولسا بۇ چاغدا قوزغالمايدۇ. چۇنكى R3 تىن كەلگەن توك  Q1 نىڭ تارقاتقۇچى قۇتۇبىغا ئۇلانغان، ئادەتتە كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىلارنىڭ ئاساس قۇتۇپ توك بىسىمى تارقاتقۇچى قۇتۇپ توك بىسىمىدىن يۇقىرى بولمىغاندا خىزمەت قىلمايدۇ.
  Q2 خىزمەتكە كىرىشكەندىن كىيىن L1 دىكى ھاسىل بولغان ئىندوكسىون توك بىسىمى ئاشقانچە Q2 تىخىمۇ كۆپ توك ئۈتكۈزىدۇ، بۇ جەرياندا C4 كوندىساتوردىكى زەرەتلەنگەن ئوتتۇرا بىسىم توك تىرانسىفورماتور، L3 ۋە Q2 لەردىن تۈزۈلگەن ئىلىكتىر زەنجىرى ئارقىلىق زەرەتسىزلىنىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا شۇ ئىلىكتىر زەنجىرى ئارقىلىق C3 زەرەتلىنىدۇ. C4 زەرەتسىزلىنىپ ، C3 زەرەتلىنىپ ئاخىرلاشقاندا بىر دەۋىر توك ئۈتكۈزۈش ئاخىرلىشىدۇ.
  بىر دەۋىرلىك توك ئۈتكۈزۈش ئاخىرلاشقاندا تىرانسىفورماتور ئورامى ، L3 ۋە L2 ، L1 لەردە تەتۈر يۈنىلىشلىك قۇيۇن توك ھاسىل بۇلىدۇ، بۇ ئاجىزغىنا تەتۈر قۇيۇن تۇكى Q2 نى توك ئۈتكۈزۈشتىن تۇختىتىش بىلەن بىرگە Q1 لامپىنىڭ ئاساسى قۇتۇبىنى ئاجىز قوزغىتىش بىسىمى بىلەن تەمىنلەپ Q1 نىڭ يىغقۇچى قۇتۇبى بىلەن تارقاتقۇچى قۇتۇبىنى ئاجىز توك ئۈتكۈزۈش ھالىتىگە كىرگۈزىدۇ ھەم بۇ قىتىمدا C3 زەرەتسىزلىنىش بىلەن بىرگە C4 زەرەتلىنىدۇ. ھەم توك مىقتارى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. ھەم C3 زەرەتسىزلىنىپ، C4 زەرەتلىنىپ ئاخىرلاشقاندا يەنە ئوراملاردا قۇيۇن توك ھاسىل بۇلۇپ دەۋىرلىنىدۇ. بۇ توك يۇلىدىكى R3 پەقەت بىر قىتىملىق قوزغىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان ئىنتايىن ئاجىز بىر توك ئىقىمى تەمىنلەش ئۈچۈنلا قۇشۇلغاچ، شۇڭا قارشىلىق قىممىتى 510 كىلو ئومدىن بىر مىگا ئومغىچە بۇلىدۇ.
  بۇ خىل توك مەنبە 15 ۋات، 25 ۋات، 35 ۋات، 50 ۋاتلىق ھەر خىل بۇلۇپ، يۈكسىز ھالەتتە 10كىلو گىرتىسقىمۇ يەتمەيدىغان چاستوتىدا ئىشلەيدۇ، ئەمما لامپۇچكىسىنى ياندۇرىۋاتقاندا 25 كىلوگىرتىستىن 100 كىلوگىرتىسقىچە بۇلىدۇ، ئەگەر D1 قوش يۈنىلىشلىك لامپا بولمىسا چىقىرىش توك قۇۋۋىتىنى كونتۇرول قىلغىلى بولمايدۇ. ناۋادا چىقىش توكىنى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بىلەن تۇغىرلاپ مۇقىم بىسىم قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغاندا مۇقىم يۈك بولمىغاندا بىسىمنى كونتۇرول قىلغىلى بولمايدۇ.
  كونتۇرول قىلىش ئۈچۈن تەۋرىنىش سىگنالىنى ئىمپىلوس كەڭلىگى كونتۇرول قىلىنىدىغان توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى ئارقىلىق تىزگىنلەشكە تۇغرا كىلىدۇ، كومپىوتىرلارنىڭ توك مەنبەسى دەل مۇشۇنداق توك يۇلىغا تەۋە. يەنى ھەجىمى كىچىك، قۇۋۋىتى يۇقىرى، بىز 55 ۋاتلىق رەڭلىك تىلۋىزورنىڭ تىرانسىفورماتورى بىلەن كومپىوتىرنىڭ توك مەنبەسىنىڭ ئاساسى تىرانسىفورماتورىنى سىلىشتۇرساق كومپىوتىر مەنبەسىنىڭ تىرانسىفورماتورى كىچىكرەك تۇرىدۇ، ئەمما قۇۋۋىتى 5 ھەسسە يۇقىرى...
كومپىوتىر توك مەنبەسى ATX توك مەنبەسى
       1945213trrrl3rbe6akbk4.gif
  كۆۋرۈكسىمان توك مەنبە؛
    يۇقارقى يېرىم كۆۋرۈكسىمان توك مەنبەنىڭ پىرىنسىپىدىن ھەجىمى كىچىك، قۇۋۋىتى چوڭ بۇلۇشتا ئادەتتىكى توك مەنبەلەرگە قارىغاندا ئوڭ يېرىم دەۋىر ۋە تەتۈر يېرىم دەۋىرلىك ئىندوكسىيلىك بولغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى قۇۋۋەتكە ئېرىشكىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۇق.
  كىچىك قۇۋۋەتلىك توك مەنبەلەردە رىمونىتقا قۇلايلىق، تەننەرخى ئەرزان بۇلىشى ئۈچۈن 500 ۋاتتىن كىچىك مەنبەلەردە كۈپىنچە يەككە يۈنىلىشلىك تەۋرەنگۈچ مەنبە ۋە ATX توك مەنبەسى ئىشلىتىلىدۇ.    ئىلىكتىرىك كەپشەر دىگەندەك چوڭ قۇۋۋەتلىك ئۈسكىنىلەر ۋە چوڭ قۇۋۋەتلىك تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ، چاستوتىسى تىزگىنلىنىدىغان ئىلىكتىرماتور قوزغاتقۇچلاردا بولسا پۈتۈن كۆۋرۈكسىمان قوزغىتىش ئۇسولى قوللىنىدۇ.
   065155id6h78ippz78vn65.jpg 0804193rsgwprysocbggyw.jpg 080420by0uual7ijj0k7jj.png
  ‹‹ئىلىكتىرىك كەپشەر ۋە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى ›› ۋە ‹‹مىتال بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش›› دىگەن تىمىلېرىمدىن قالغىنىنى كۆرۈڭ.

0

تېما

86

يازما

127

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
437
ئاقچا
0
QQ
yarsiz ۋاقتى: 2015-2-14 20:23:35 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇي بىزمۇ ياسىيالامدۇق يا سىزگە يالۋۇرۇپ ئۇتەمدۇق

45

تېما

371

يازما

852

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3569
ئاقچا
0
QQ
ablimitt  ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 21:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarsiz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 20:23
ۋۇي بىزمۇ ياسىيالامدۇق يا سىزگە يالۋۇرۇپ ئۇتەمدۇق

  مىنىڭ باشقا تىمىلېرىممۇ ئالىپ مۇنبىرىدە بار، مۇشۇلارنى نەچچە رەت تەپسىلى ئۇقۇپ چىقسا ياسىغىلى بۇلىدۇ. زاپچاسلارنىڭ ىۇسوسىيەتلېرىنى تۇنۇيدىغان ئادەم بولسىلا بۇ ئىشلارنى قىلالايدۇ، بۇ پىرىنسىپنى يىزىشتىن مەقسەت شۇ نەرسىلەرنىڭ پىرىنسىپىنى بىلگەندە رىمونىت قىلىش ئاسانلىشىدۇ...

0

تېما

11

يازما

21

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
72
ئاقچا
0
salkarma ۋاقتى: 2015-2-14 21:53:27 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن بۇندىنكىيىنمۇ يوللاپتۇرۇپ مۇنداق تيمىلا بولسا

0

تېما

85

يازما

162

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
621
ئاقچا
0
kahwa ۋاقتى: 2015-2-14 22:46:04 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشىنىكسىز  كەن

0

تېما

2

يازما

27

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
88
ئاقچا
0
xamal000 ۋاقتى: 2015-2-14 22:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىروئىد سېستىمىلىق ئەقلىفون ئىشلەتكۈچىلەرگە خۇش خەۋەر ‏‏‏‏ بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئەقلىفۇنغا قاچى‫لاپ تېزىم‫لاتقاندىن كىيىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئىمزا قويسىڭىز, خەۋەر كۆرسىڭىز , ئويۇن ئوينىسىڭىز, تېلفون ئۇرغاندا ۋە قوبۇل قىلغاندا كۆرۈنۈپ تېزىم‫لانغاندىن ئې‫لاندىن نۇمۇر يىغسىڭىز   ھەممىسىدىن پۇل تاپا‫لايسىز. قانچە كۆپ ئادەمگە تەۋسىيە قىلىپ ئۈگىتىپ قويسىڭىز شىركەتنىڭ شۈنچە كۆپ مۇكاپات نۇمۇرىغا ئېرىشىسىز. سىز ئۈگەتكەن ئادەم ئى‫لاندىن قانچە نۇمۇر يىغسا سىزگە شۇنىڭ يېرىمى بويىچە نۇمۇر قوشۇلىدۇ. كۈندە يېغسا كۈندە قوشۇلىدۇ.. دېتالدىكى     ئې‫لان سانى كۈندە ئوخشاش بولمايدۇ. سىز ئۈگەتكەن ئادەمنىڭ ئې‫لاندىن يىققان نۇمۇرى 100 گە يەتكەن ھامان ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن بىر قېتىمدىن سىزگە   1000 نۇمۇر مۇكاپات نۇمۇرى قوشۇلىدۇ. 100 ئادەمگە ئۈگەتسىڭىز بىر قېتىملىق مۇكاپاتتىن‫لام 1000 يۈەن كېرىم قېلىسىز. مىڭ , ئون مىڭ ئادەم بولسىچۇ? كۈندە ئۇ‫لار ئې‫لان كۆرۈپ ئېرىشكەن نۇمۇردىن كەلگەن P لىك   مۇكاپات نۇمۇر ئۇنىڭ سېرتىدا. يەنە كېلىپ بۇ مۇكاپات نۇمۇر ھەركۈنى كېلىۋىرىدۇ.       بىر نۇمۇر بىر پۇڭ. S شىفېرىغا ئېرىشكەندىن كىيىن‫لا پۇلنى بانكا كارتىسىغا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىسىز. كۈندە 100 يۈەندىن ئاشسا كۈندە ئالسىڭىز   بولىدۇ. قولىڭىزغا قەغەز قەلەم ئېلىپ ئەستايىدىل ھېساپ‫لاپ كۆرۈڭ. بۇنىڭغا تېزىملىتىش ھەقسىز. يۇقىرى سەۋىيە كەتمەيدۇ . دەسمىي كەتمەيدۇ. زىيان يوق.   توختىماي پايدا يارىتىدۇ. كۈنلۈك ساپ پايدا ھەتتا نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالغىنىڭىز سىزگە بىر پۈرسەت.   تېزىم‫لاتقاندا ئۇچۇرىڭىزنى كىملىكتىكىگە ئوخشاش قىلىپ خەنزۇچە يېزىڭ. دىمەك قانچە كۆپ ئادەمگە ئۈگىتىپ قويسىڭىز شۈنچە كۆپ پۇل تاپا‫لايسىز. 2-3 ئاي تېرىشسىڭىز كىيىن ئۇخلىسىڭىزمۇ كۈندە كېرىم قى‫لا‫لايسىز. دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: www.sob100.cn تېزىم‫لاتقاندا 推荐人号码دىگەن كاتەكچىگ15001441734 .. دەپ يازسىڭىز ھەقسىز تېزىملىتا‫لايسىز.
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغانئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان

0

تېما

117

يازما

23

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
172
ئاقچا
0
خاقانى ۋاقتى: 2015-2-14 23:22:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xamal000 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 22:50
دىروئىد سېستىمىلىق ئەقلىفون ئىشلەتكۈچىلەرگە خۇش خەۋە ...

بۇ  يالغان  گەپنى  باشقا  يەردە  قىلڭە
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغانئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان

1

تېما

112

يازما

246

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
687
ئاقچا
0
QQ
sada0998 ۋاقتى: 2015-2-15 01:36:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي يولداش شامال سىز  نىمىلەرنى جۆلۈپ يۈرۈيسىز. ئىلان بېرۋاتامسىز. بۇ  يەردە بىز ماۋۇ تېمىنغا ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ ئېلىكتىر تېخنىكا دەرسىنى كۆرمىز دەپ كىرگەن. سىز دېگەن ئۇ ئاتالمىش پۇل تېپىش ئېلانلىرىغا ھۆ... بوپ كەتكەن بىز. قولىڭىزدىن كەلسە مۇنبەرگە ياخشى تېمىلارنى يوللاڭ. ھەممەيلەن سىزگە رەھمەت دەيلى.   بولمىسا ماڭا ئوخشاش كۆتىڭىزنى غىت قىسىپ تېما كۆرۈڭ.
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغانئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان

1

تېما

112

يازما

266

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
837
ئاقچا
0
humar0604 ۋاقتى: 2015-2-15 16:56:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xamal000 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-14 22:50
دىروئىد سېستىمىلىق ئەقلىفون ئىشلەتكۈچىلەرگە خۇش خەۋە ...

مۇشۇنداق تەۋسېيە قىلغۇچى نۇمۇرى كىرگۈزۈڭ دېگەن دېتال بولسېلا  نېرى قاچىمەن خەق ئۈچۈن  ئىشلەپ ئاۋارە بۇلدېغان دېتال   
بۇ دېتالنى ھېشكىم تەۋسېيە قىلمىغان ئورگان بەتتىن چۈشۈرگەن دەپلا تىزىملاتقىلى بولمايدۇ  
دېمەك  مەن ئويلايمەن بۇنداق  تەۋسېيە قىلغۇچى نۇمۇرىنى تىزىملاتمىسا  كىرەلمەيدېغان دېتال      شاخلىتىپ سېتىش ئۇسۇلىدەك  پايدا باردەك بىلىنسېمۇ   زىياندېن باشقا  ئەمەسمىكى  ئاۋارچىلىق
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغانئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان

1

تېما

26

يازما

82

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
258
ئاقچا
1
islam151 ۋاقتى: 2015-2-15 17:32:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكىن لىكىن مەن ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇگنەلمەيدىغان ئۇخشايمەن ئاللاھ بىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغانئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان

45

تېما

371

يازما

852

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3569
ئاقچا
0
QQ
ablimitt  ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-15 22:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
islam151 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 17:32
بەك ياخشى تىما ئىكىن لىكىن مەن ھەرقانچە قىلساممۇ ئۇگنە ...

  ئاددىسىدىن باشلاپ كۆرمىسە بۇلارنى كەسپى كىشىلەرمۇ تەستە چۈشىنىدۇ. ئادەتتىكى رىمونىتچىلىقتا ئىشلىتىدىغان ئۈسكىنىلەردە بۇنداق تەجىربىلەرنى ئىشلىگىلى بولمايدۇ...

0

تېما

23

يازما

43

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
137
ئاقچا
0
sabatlik ۋاقتى: 2015-2-15 23:51:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ  ئازراق چۈشەندىم  تىما ئ‍ىگىسىگە رەھمەت
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغانئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش