- جۇغلانما
- 1731
UID1440
تىزىملاتقان2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم2015-3-24
توردا487 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1731
- ئاقچا
- 4
|
ئەگەر يۇمشاق دىتال لازىم بولسا ھەقسىز ياساپ بېرىمەن. ئەگەر ياسىتىش نىيىتىڭىز بولسا تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ. يېرمىنى ئوقۇپلا قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ. قايتا قايتا جېكىلەپ ئولتۇرمايمەن. رەھمەت:
1-: يانفۇنغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە تەلەپ رەت قىلىنىدۇ. شۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Android بىلەمسىز؟ IOS بىلەمسىز دەپ سوراپ يۈرمەڭ.
2- تور بەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەممە تەلەپ رەت قىلىنىدۇ.
3- يۇمشاق دىتال تەلىپى چوقۇم كومپىيوتېردا ئىجرا بولىدىغان دىتال بولىشى كېرەك.
4- باشقىلار ياساپ بولغان دىتاللار بولسا بىردەك رەت قىلىنىدۇ.
5- يۇمشاق دىتال ئۆگەنگۈم بار ئىدى دېگۈچىلەر بولسا، ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس تەربىيلەيدىغان كۇرۇسلارغا بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. توردىن ئۆگەنگۈچىلەر بولسا، توردا دەرسلىك بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن.
6- ياسىلىدىغان دىتاللارنىڭ تۈرى: باشقۇرۇش سىستېمىسى، ھەر خىل قوللىنىشچان دىتاللار. بۇلۇت تېخنىكىسى بىر گەۋدىلەشكەن دېتاللار...
7- ھەمكارلىشىپ مەلۇم تۈر ئۈچۈن ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەيدىغانلار بولسا، قارشى ئالىمەن.
8- ئەگەر مەلۇم مەسىلىگە يولۇقۇپ ھەل قىلالمىغان بولسىڭىز، موشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. باشقا تورداشلار بىلەن بىرگە تەڭ ھەل قىلىمىز.
9- ھەمكارلىشىپ ياسالغان يۇمشاق دىتالدىن سىرت ھەقسىز ياسالغان يۇمشاق دىتالنىڭ بارلىق ھوقوقى ئۆزۈمدە بولىدۇ. تۇنجى ياساپ بېرىلگۈچى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ھەقسىز.
10- ئۆزۈم بۇرۇن تاماملىغان ۋە داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىۋاتقان ئۆي مۈلۈك ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا قىزىققۇچىلار بولسا ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
كوت كوت نومۇرۇم: 1482152356 ئۈندىدار نومۇرۇم: كوت كوت نومۇرۇم بىلەن ئوخشاش. كوت كوتقا ھازىرچە چىقالمايمەن. ئۈندىداردا قوشماقچى بولسىڭىز «ئالىپ تورى» دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ يوقىرقى گەپلارنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى قوشماڭ. يەنە بىر گەپ: ئۈندىدارنى قوشقاندىن كېيىن مەقسىتىڭىزنى ئېنىق ئېيتىڭ. قوشقاندىن كېيىن گەپ قىلمايدىغانلارنى بىردەك تازىلىۋېتىمەن. بۇ تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇماي يەنە قايتا سوراپ يۈرسىڭىز «خەيرى-خوش!».
|
|