- جۇغلانما
- 37
UID51971
تىزىملاتقان2015-1-25
ئاخىرقى قېتىم2015-2-25
توردا8 سائەت
يېڭى ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 37
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك!
مەن سىلەر بىلەن ئۆزىمىزدىكى مۇھىم دېتال ۋە ھۆججەتلەرنى قايسى خىلدىكى ساقلاش دىسكىسىدا ساقلىسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇزۇلۇپ قالماي ئىشەنچىلىك ساقلىغىلى بولىدىغانلىقى توغۇرسىدا پىكىرلەشمەكچى.
ئەتراپتىكى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ بەرگەن جاۋابىمۇ بىر-بىرگە ئوخشاش بولمىدى.
بەزىلەر: مۇھىم ماتېرياللارنى بارماق دىسكا، كۆچمە دىسكا ۋە سىغىم كارتىسى قاتارلىق مودا بولىۋاتقان ساقلاش دىسكىلىرىدا ساقلىسا ئىشەنچىلىك بولىدۇ دەيدۇ.
يەنە بەزىلەر بولسا: مۇھىم ماتېرياللارنى ئىشەنچىلىك ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، نۇر دىسكىسىغا (DVD تەخسىگە) ئويۇپ ساقلاش ئۇسۇلىدۇر.
چۈنكى نۇر دىسكىسى نەم تارتىپ قىلىش، سۇغا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسىمۇ ھېچقانداق يامان تەسىرى بولمايدۇ. تەننەرخىمۇ خېلى ئەرزان توختايدۇ. سىز بىر خىل ماتېريالنى 2 ياكى 3 نۇر دىسكىسىغا ئويۇپ ساقلاپ قويسىڭىز، پەۋقۇلئاددە بىرىسى بۇزۇلغان تەقدىردىمۇ، باشقا دىسكىدىكىسى ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئەگەر مەندە ئىشەنچىلىك بارماق دىسكا بار دەپ بارماق دىسكىغىلا قاچىلاپ قويسىڭىز، پەۇقۇلاددە بۇزۇلۇپ قالسا يوق بولدى دېگەن گەپ. ئىشەنچىلىك بولسۇن دەپ بىر خىل ماتېريالنى 2 ياكى 3 دانە بارماق دىسكىغا قاچىلايمەن دېسىڭىز، باھاسى خىلى قىممەت توختاپ كېتىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئىككى ياكى ئۈچ دانە نۇر دىسكىغا ئويۇپ ساقلىغان ياخشى دەيدۇ.
شۇڭا تور ساھەسىدە كۆپ يۈرگەن، بىلىملىك تورداشلار بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى تەۋسىيە قىلسا دېگەن ئۈمۈتتىمەن.
|
|