|
تېما ئىگىسى قېرىندېشىمىزغا كۆپ رەھمەت، مەن دەل مۇشۇنداق ئەپكە بەكلا ئېھتىياجلىق ئىدىم. ئەپلەردىكى كۇنۇپكا شەكىلدىكى رەسىملەرنىڭ ئۈستىدىكى خەتلەرنى ئادەتتىكى رەسىم تەھرىرلىگۈچتە (مەن دائىم تولۇق ئىختىدارلىق ئاپپارات دېگەن ئەپتە تەھرىرلەيمەن) ئۆچۈرۈپ، ئورنىغا ئۇيغۇرچە خەت يازسا، تەھرىرلەش رايونىدا چىرايلىق كۆرۈنگىنى بىلەن ئەپنى قاچىلاپ قوزغاتسا، نېمە ئۈچۈنكىن، ئاشۇ تەھرىرلىگەن كۇنۇپكىنىڭ ئارقىسىغا قارا رەڭلىك دېكوراتسىيە قوشۇلىۋالىدىكەن. مېنى مۇشۇ مەسىلە بەكلا جىلە قىلىۋاتىدۇ. ياكى يانفۇندا تەھرىرلىسە مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ ئەپ بازىرىدىكى رەسىم تەھرىرلەيدىغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، بىرەرسى بۇ ئېھتىياجىمنى قاندۇرالمىدى. قېنى بۇنىمۇ ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقاي.
چۈشۈرۈش ئادرېسى قۇرۇقكەن، 彩云 دىن بەھىرلىگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى.
ھېلىمۇ ياخشى ئەپ نامىنى قالدۇرۇپ قويۇپسىز، مەن ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي. تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!
|
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان
|