ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
ئىزدەش
كۆرۈش: 10160|ئىنكاس: 55

شىياۋمىي تېلىفۇنىغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش (يېڭىلاندى)

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
(بۇ تېما ئەسلىدىكى مەزمۇن شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئېلىندى)
شىياۋمىي تېلىفۇنى جەھەتتە بىلمىگەن جايلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز ۋە ياكى بولمىسا شىياۋمىي ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىغا كىرىپ تېما يوللىسىڭىز بولىدۇ .ئادرىسى :http://xiaomi.oghlan.org  دەرسلىكتە تىلغا ئېلىنغان بەزى خەت نۇسخسى ۋە ھۆججەت باشقۇرغۇچ تېمىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى قۇشۇمچە ھۆججەتنىڭ ئىچىدە بار ...


ئىلاۋە : دەرسلىكنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ماقالىنىڭ باش قىسمىدىكى مۇشۇ يۈرۈك سۆزلىرىمنى ئالدىرماي كۆرۈپ چىقىڭ .
يېقىندىن بېرى ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئىشلىىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ،ئەپ تەرجىمە قىلىش ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئامالسىز قالدىم ، پەقەت ئانچە مۇنچە ۋاقىت چىقىرىپ تېمىلارنى تەستىقلىدىم ۋە سۇئاللارغا قۇربىمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بېرىپ ماڭدىم .
بۈگۈن ئازاق ۋاقتىم چىقىپتىكەن ،ئالىپ تورىدىكى تېمىلارنى بىر كۆرۈپ چىقاي دەپ قارىسام " مېنىڭ راستىنلا قورساق كۆپۈكۈم بار."   /thread-4049-1-1.html  نامىدىكى بۇ تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،تېمىنى بىر قېتىم ئەمەس بىر قانچە قېتىم قايتىلاپ ئوقۇپ چىقتىم ،تېمىدىكى مەزمۇنلار كۆرۈپ  بەزى يېرىگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى ،بەزى يەرلىرىنى كۆرۈپ شۇنداق كۈلگۈم كەلدى ،شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ تېما ئاستىغا ئازراق ئىنكاس يېزىپلا مونۇ تېمامنى تەھىرىلەشنى باشلىدىم . ئاچچىقىم كەلگەن يېرى : ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتالماي ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتۇپ بولغانلارغا قاقشىغىنى ، ئۇيغۇرچىنى نۇرمال تۇنۇتالىغانلىق ھەرگىزمۇ بىزدىكى گۇناھ ئەمەس ، سىزنىڭ بىزنىڭ ئۇنداق بۇنداق دىيىشكە سالاھىتىڭىز توشمايدۇ .  ئەمدى كۈلگۈم كەلگەن يېرى بولسا ،ئەينى چاغدا مەنمۇ شۇنداق قىيىنچىلىققا يۇلۇققان . شۇڭا ئۇيان ئويلىنىپ بۇيان ئويلىنىپ  شىيامىي تېلىفۇنىغا سىسىتىما قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىنى نۇرمال تۇنۇتۇش ھەققىدە بىر ئاددىي دەرسلىك ئىشلەپ چىقىشىنى قارار قىلدىم .
دەرسلىكنى سۆزلەشتىن بۇرۇن ،ئاۋۇ تېمىنى يوللىغان بۇرادىرىمىزگە بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋالاي . بۇرادەر بىز ئۇيغۇرلاردا مۇنداق ئادەت بار ،  ھەر قانداق ئىشنى ھەل قىلالمىساق ھەرگىزمۇ قاقشىمايمىز بەلكى باشقىلاردىن تۆۋەنلىك بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەسلىھەت ئالىمىز . سىزنىڭ قاقشىشىڭىز ھەرگىزمۇ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ .  سىز تېمىىڭزدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىرەر تېمىنى تەپسلىي ئوقۇغان بولسىڭىز ۋە ياكى ئاشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرغان بولسىڭىز شۇ تېمىنى يوللىغانلاردىن بىرەرسىمىز چۇقۇم ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى دەپ بېرەتتۇق .
بولدى ،قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئەمدى شىياۋمىي تېلىفۇنىغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش ھەققىدە سۆزلەي ،ئۈسىتىدە ئارتۇق كەتكەن جايلار بولسا كەچۈرگەيسىلەر .


شىياۋمىي تېلىفۇنىغا ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتۇش ئۇسۇلى
1-        باسقۇچ : تېلىفۇنىمىزدىكى كېرەكلىك بولغان دېتاللار ھەم تېلىفۇن خاتىرىسى ، ئۇچۇر ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى زاپاسلاش ئېلىپ بارىمىز . چۈنكى تېلىفۇن زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىدە 2.3.5 نەشىرىدە زاۋۇتتىن چىقىدۇ ،ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن Android 4.0.3 ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن MIUI V4 غا نەشىرىنى كۆتۈرىمىز . يۇقىردا دەپ ئۆتۈلگەن ماتىرياللارنى تىڭشۈن شىركىتىنىڭ 应用助手for android  دېگەن دېتالىدا زاپاسلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن .
2-        باسقۇچ :ئەمدى ئورگان تورىغا كىرىپ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى MIUI V4  ، USB قوزغاتقۇچ ، ۋە MIflash دىن بۇ ئۈچ  نەرسىنى چۈشۈرىمىز .
چۈشۈرۈش ئادرىسى :
MIUI V4 نىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://bigota.d.miui.com/2.6.8/miuiV4_Mioneplus_2.6.8_fastboot.exe   
بۇنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىڭ ھەمدە D دىسكغا MIUI دەپ ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرۇپ شۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە يېشىڭ .  
USB قوزغاتقۇچنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://bigota.d.miui.com/tools/xiaomi_usb_driver.rar
MIflash قورالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://bigota.d.miui.com/tools/MiFlash20111223.zip   
USB قوزغاتقۇچنى قاچىلاشنى دېمىسەممۇ ھەممىڭلار بىلىسلەر ،شۇڭا بۇ باسقۇچنى قىسقارتىۋەتتىم .
3-        يۇقىرقى مەشخۇلاتلار تۈگىگەندىن كېيىن (ھەممە نەرسىڭىزنى زاپاسلاپ بولغان بولشىڭىز كېرەك .ئەگەر مۇھىم ماتىرياللار بولمىسا زاپاسلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ )، تېلىفۇننى ئۆچۈرۈڭ ،ھەم باتارىيسىنى بىر قېتىم تارتىپ ئېلىۋىتىپ ،ئاندىن كېيىن قايتا سېلىڭ ھەمدە ئاۋاز يۇقىرلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن تېلىفۇننى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ Recovery  ھالەتكە كىرىڭ ، خەن تىلىنى تاللاڭ ، ئاندىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشخۇلات قىلىڭ .
选择清除数据——更新系统分区——确认——关机+
1.png

مۇشۇ رەسىمدىكىدەك مەشخۇلات ئېلىپ بېرىڭ ،مەشخۇلات ئاياقلاشقاندىن كېيىن تېلىفۇننى ئۈچۈرۈڭ
(ئاۋازنى يۇقىرلىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئاستى ئۈستىگە سۈرىسىز ،جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن تېلىفۇننى تاقاش يەنى关机 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ جەزىملەشتۈرسىز ، ئسىىڭىزدە بولسۇن ،يۇقىرقى مەشخۇلات چۇقۇم توغرا بولىشى كېرەك ،بولمىسا نەشىر يۇقىرلاتقاندا خاتالىق كۆرۈلىدۇ )
تېلىفۇننى تاقاپ بولۇپ ، ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسى ۋە مى كۇنۇپكىسى米键 نى بېسىپ تۇرۇپ ، تېلىفۇننى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ ،يەنى ئۈچلا كۇنۇپكىسىنى تەڭلا باسىمىز . 米键 دېگىنىمزى تېلىفۇننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى بىرلا كۇنۇپكا شۇ ،يەنى ئاۋاز كونتىرول كۇنۇپكىسى بار تەرەپنىڭ ئاستىغا قارسىڭىز تاپالايسىز . مۇشۇ ئۈچ كۇنۇپكىنى بېسىپ قوزغاتىسىڭىز fashboot ھالىتىگە ئۆتىدۇ ،يەنى رەسىمدىكىدەك
4.jpg

بۇ ھالەتكە ئۆتكەندىن كېيىن تېلىفۇننى كومپىيۇتېر بىلەن ئۇلاڭ ، بۇ چاغدا بەلكىم يەنە شۇ USB قوزغاتقۇچنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن . ئىككىلەنمەي قوزغاتقۇچنى يەنە بىر قېتىم قاچىلاڭ ، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن  باياتىن بىز چۈشۈرگەن MIflash قورالىنى كومپىيۇتېرنىڭ ئۈستەل يۈزىگە كۆچۈرۈپ ،پىرىستىن يېشىڭ  ھەمدە ئىچىدىكى MiFlash.exe نى قوزغىتىڭ ، قوزغاتىسىڭىز تېلىفۇندىكى بەزى ئۇچۇرلارنى ئوقۇيدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تەڭشەش ۋە كۆچۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۇقىردىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتكە كېلىدۇ .  
5.jpg
ئەمدى بىز  باياتىن چۈشۈرگەن ئەڭ يېڭى سىسىتىمىنى d:/miui نىڭ ئىچىگە پىرىستىن يېشىپ ساقلىغان  ،يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولسا توغرا بولىدۇ .
8.jpg
شۇ ئادرىسىنى ماۋۇ يۇقىردىكى رەسىمدىكى ئادرىس كىرگۈزدىغان ئۇرۇنغا كىرگۈزىمىز .يەنى تۆۋەندىكىدەك
6.jpg

ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ بولۇپ ، refresh نى باسىمىز ، ئاندىن كېيىن flash نى باسىمىز . بۇ چاغدا بۇ قورال ئەڭ يېڭى سىسىتمىسىنى تېلىفۇنغا قاچىلاشقا باشلايدۇ . 200 دىن 350 سېكۇنىتقىچە بولغان ئارلىقتا سىسىتما قاچىلاش تاماملىنىدۇ . ھەمدە يانفۇن قايتا قوزغىلىدۇ . يۇقىرىدكى باسقۇچلارنىڭ ھەممىنى توغرا قىلغان بولسىڭىز ، سىسىتىمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىيالايسىز ،ئەگەر مەشخۇلاتتا خاتالىق بولسا سىز سىسىتىمىنى توغرا قاچىلىيالمايىسز ...
سىسىتمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاياقلاشتى ،ئەمدى بىز خەت نۇسخسىنى ئالماشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرىمىز . بۇ ھەقتە تېلىفۇن ئىشلىتىپ باققانلار بولسا چۇقۇم ئاسانلا قىلالايدۇ .
ئالدى بىلەن تېلىفۇننى قوزغىتىپ  授权管理 دەيدىغان بىر ئەپ بار شۇنىڭغا كىرىپ ROOT ھۇقۇقىنى ئېچىۋىتڭ ، ئاندىن كېيىن RE文件管理器 نى قاچىلاڭ ،بۇ ئەپنىڭ قاچىلاش ھۆججىتى تېما ئاستىدا بار ،  ئەمدى خەت نۇسخسىنى قاچىلايمىز .  ئالدى بىلەن بۇ تېمىدىكى قۇشۇمچىدا بېرىلگەن خەت نۇسخسىنى تېلىفۇنىڭىزنىڭ سىغىم كارتىسىنىڭ غول مۇندەرىىجىسىگە كۆچۈرۈڭ ،ئاندىن كېيىن RE文件管理器 مۇنۇ ئەپنى قوزغىتىڭ ، قوزغاتسىڭىز بەلكىم ROOT ھۇقۇقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ،سىز允许 دېگەننى بېسىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
ئەمدى بۇ دېتال ئارقىلىق SDCARD نى تېپىڭ يەنى سىغىم كارتىسى شۇ ، سىغىم كارتىسىنىڭ ئىچىدىكى باياتىن سىز كۆچۈرۈپ قويغان خەت نۇسخسىنى تېپىپ ، بارمىقىڭىز بىلەن ئاشۇ خەت نۇسىخسى ھۆججىتىنى بېسىپ تۇرسىڭىز بىر قانچە خىل تاللاش چىقىدۇ ،شۇنىڭ ئىچىدىن复制 دېگەننى بېسىپ كۆچۈرۈڭ ھەمدە قايتىش كۇنۇپكىسى بىلەن قايتىپ ، ئەڭ دەسلەپتە دىتال قوزغالغاندىكى ھالەتكە قايتىپ  system/fonts مۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىگە كىرىڭ ،بۇ يەرگە كىرىپ دېتالنىڭ ئۈستى قىسمىغا قارسىڭىز  只读  读写  مۇنداق خەتلەر بار ،读写دېگەننى بىرنى باسسىڭىز مۇشۇ خەت ئالدىغا ئۆتىدۇ ،ئاندىن كېيىن دېتالنىڭ ئاستىدىكى يەملەش يەنى粘贴 دىگەننى بېسىپ چاپلايسىز  بۇچاغدا سىزدىن مۇشۇنداق خەت نۇسىخسى بار ، ئالماشتۇرامسىز دەپ سورايدۇ ، سىز شۇنداق دىگەننى تاللىسىڭىز خەت نۇسىخسى كۈچۈرلۈپ دىتالدىن چىكىنىپ چىقىدۇ . سىز RE文件管理器 گە يەنە بىر كرىپ ، باياتىن سىز system/fonts نىڭ ئىچىگە كۆچۈرگەن DroidNaskh-Regular.ttf ماۋۇ خەت نۇسخسىنى تېپىپ بارمىقىڭىز بىلەن بېسىپ تۇرسىڭىز بىر قانچە تاللاش چىقىدۇ ،شۇنىڭ ئىچىدىن权限 دېگەننى تاللاڭ ، بۇ تۈر سەل ئاستىدا بارمىقىڭىز بىلەن سۈرسىڭىز تاپاليسىز ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇنىڭدىن چىققان كۆزنەكتىكى بىرىنجى قۇردىكى بىرىنجى ۋە ئىككىنجىسىگە ، ئىككىنجى قۇرنىڭ بىرىنجىسىگە ۋە ئۈچىنجى قۇرنىڭ بىرىنجىسىگە توغرا بەلگىسىنى قۇيۇڭ قالغان توغرا بەلگىللىرىنى ئۈچۈرۋىتىپ جەزىملەشتۈرۈڭ   ھەمدە دىتالدىن چىكىنىپ چىقىپ تېلىفۇننى قايتا قوزغىتىڭ ،ئەمدى تېلىفۇنىڭىز ئۇيغۇرچىنى نۇرمال تونۇيدۇ ، بۇنىغڭغا روت ھۇقۇقى ئالىمەن ، ھېلىقى لىب ھۆججىتىنى ئالماشتۇرىمەن دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
خەت نۇسىخسىنى كۆچۈرۈش قەدەم باسقۇچىلىرىنى قۇتيار تورىدىكى بىر قانچە رەسىمنى يوللاپ قويدۇم . كۆرۈپ باقسىڭىز چۇقۇم قىلالايسىز .
      应用助手截屏2012041301.png 应用助手截屏2012041302.png 应用助手截屏2012041303.png 应用助手截屏2012041304.png
قۇتيار تورىدىكى بۇ تېمىنىڭ ئادرىسى :
http://www.qutyar.net/mb/thread-1098-1-23.html
ئەسلىدە تېلىفۇندا رەسىمگە تارتاي دېگەن ، لېكىن پەيشەنبە كۈنى قۇلۇمدىكى ئادەتتىكى نۇسخسىدىكى شىياۋمىينى 1950 يۈئەنگەن سېتىۋىتىپ جۈمە كۈنى تېلىگىراف نۇسخسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم ،قۇلۇمغا تېلىفۇن بولمىغاچقا  بەزى جايلارنى رەسمگە تارتىشقا ئامال بولماي قالدى ،توغرا چۈشىنەرسىلەر . دەرسلىكنىڭ سىن نۇسىخسىنى شىياۋمىينىڭ تېلىگىراف نۇسخسىنى قۇلۇمغا تەككەن چاغدا ئاندىن كېيىن يوللاي ....
دەرسىك تامام .  چۈشەنمىگەن جايلار بولسا تېما ئاستىغا ئىنكاس قايتۇرۇڭلار .  ھە راسىت ، مەن قايسى كۈنى بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ شىياۋمىي تېلىفۇننى ئۆچرەتتە تۇرماي خالىغان ۋاقىتتا ئالغىلى بولىدىغان F码 غا ئېرىشكەن ، لازىم بولىدىغانلارغا ساتىمەن .. باھاسى خەلىق پۇلى 300 يۈەن .

دەرسلىك ۋە باشقا قۇشۇمچە رەسىملەرمۇ تەمىنلەندىن  ، خەت نۇسخسى ۋە كېرەكلىك بولغان RE文件管理器 نى مۇشۇ قۇشۇمچە ھۆججەتتىن چۈشۈرۈڭ .
derslik.zip (1.57 MB, چۈشۈرۈش سانى: 3875)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئاقچا +100 يىغىش سەۋەبى
merdan + 100 ئاقچا كەتتى.

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2012-6-14 13:18:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر ئاخىر ئېچىلىپتۇدە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-14 13:18:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adl2052103 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-14 13:18
مۇنبەر ئاخىر ئېچىلىپتۇدە

شۇنداق ،مۇنبەر ئاخىرى ئېچىلدى
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2012-6-18 16:15:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن، مەن ئۇيغۇرچىنى تونۇتالىدىم
ۋاقتى: 2012-6-28 17:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4.0گە كۆتۈرسە ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوقكەنغۇ، مىنىڭ تېلېفۇنۇمدا ھەممە خەت نورمال.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-28 21:56:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
banker يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 17:25
4.0گە كۆتۈرسە ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوقكەنغ ...

سىستىما يۈزىدە بەزى جايلاردا ئۇيغۇرچە نۇرمال كۆرۈنمەيدۇ ...
ۋاقتى: 2012-6-30 14:59:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاپا بۇلماي يۇل كۇرسەتكەن بۇلساڭلار  华为u8818   نى قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە تۇنۇتقىلى بۇلىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟   خەتلەر نۇرمال كۇرۇنمەيدۇ
ۋاقتى: 2012-7-12 01:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم تېرىشچانلىقىڭىزغا ئاپېرىن، سىز ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئۇچۇن خىلى تېرىشىپسىز، ئەمەلىيەتتە 4.0 رومنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىدۇ .
سىزدىن سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ، كىرگۈزگۈچتە ە ى ھەرىپلىرى نورمالمۇ؟ بولسا رەسىم كىسىپ يوللىۋەتسىڭىز.
ۋاقتى: 2012-7-16 19:27:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يوللىغۇچىغا:  بۇنى دىمىسىڭىزمۇ 4.0 رومنىڭ ئويغۇرچىنى راۋرۇس قوللايدىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز ،يامان بولسىڭىز خەقنى مازاق قىلماي ئاۋۇ گۈرۈچنىڭ 2.3.5  2.3.6  2.3.7 روملىرىغا تونۇتۇپ باقمامسىز ئويغۇرچىنى.
ۋاقتى: 2012-7-16 19:27:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى دىمىسىڭىزمۇ 4.0 رومنىڭ ئويغۇرچىنى راۋرۇس قوللايدىغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز ،يامان بولسىڭىز خەقنى مازاق قىلماي ئاۋۇ گۈرۈچنىڭ 2.3.5  2.3.6  2.3.7 روملىرىغا تونۇتۇپ باقمامسىز ئويغۇرچىنى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-16 20:03:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nuer0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-16 19:27
بۇنى دىمىسىڭىزمۇ 4.0 رومنىڭ ئويغۇرچىنى راۋرۇس قوللايدى ...

مۇشۇ 4.0 نى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسى ۋە  رومنى قاچىلىيالماي كۈندە سۇئال سورايدىغانلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم ... شىياۋمىي تېلىفۇنىنىڭ 4.0 رومى تۇرسا 2.3.5 كە ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇشنىڭ ئورنى بارمۇ ؟
ۋاقتى: 2012-8-31 22:25:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە  ئورنى با،2.3ھەرقاندا جەھەتتە 4.0دىن  مۇقىم  توك تىجەيدۇ  راۋان  ،4.0تىخى  مۇكەممەل  ئەمەس
ۋاقتى: 2012-10-2 20:44:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلا يەرنى چۈشىنەلمىدىم.usb قوزغاتقۇچنى چۈشەندۈرمەي ئۈتۈپ كىتىپسىز.بۇنى قانداق قىلىمىز، قايسى جايلاردا لازىمى بار بۇنىڭ مۇشۇنى بىر چۈشەندۈرۋەتكەن بولسىڭىز. رەھمەت!
ۋاقتى: 2012-10-5 21:36:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە.مەن مۇ تېلفۇنۇمنى 100%ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم.
ۋاقتى: 2012-10-6 21:30:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  小米手机1S دىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم، ئورگان بىتىدىن ئالاي دىسەم خەنزۇچىنى تازا بىلمەيمەن،  بۇ تېلفۇننى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىدە ساتمامدىغاندۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1   

GMT+8, 2014-7-16 00:55 , Processed in 0.089934 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش