|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bengbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-4 01:50
بىرلەشمە خەۋەلىشىش شىركىتى بۈگۈن «ئېقىم مىقدارى قىزىل بولاق سوۋغا قىلىش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى. 3G ۋە 4G ئابونتلىرى 500 مېگابايت چاغانلىق تور ئېقىم مىقدارىغا ھەقسىز ئېرىشەلەيدىكەن.
سوۋغىغا ئېرىشىش ئۇسۇلى: يانفون ياكى پەدلەردىكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئەپى ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، "قىزىل بولاق ئالىمەن" دېگەننى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ، ئاكتىپلاشتۇرغاندىن كېيىن تاماملىنىدۇ.
كېيىن، 10010 غا cxll نى يوللاپ (ياكى باشقا ئۇسۇلدا) ئېقىم مىقدارىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
ئەسكەرتىش: بۇ ئېقىم مىقدارىنى پەقەت مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
مەن سىناپ بېقىپ، ئۆزۈم ھەقسىز 500 مېگابايت ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ تېمىنى يوللىدىم. (2-ئاينىڭ 2-كۈنى)
ئەسلى 6- چېسىلادىن 12-چېسىلاغىچە ئارىلىقتا ھەقسىز سوۋغىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. لېكىن، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورىدا يوچۇق بولغاچقا 2-چېسىلا مەن قاتارلىق خېلى كۆپ تورداشلار ھەقسىز سوۋغىغا ئىرىشۋاپتۇقمىش. كېيىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تەرەپ يوچۇقنى بايقاپ قىلىپ، مەشغۇلات مەخپى نومۇرى كىرگۈزۈڭ دەپ قەستەن بىر بەتكە ئۇلاپ قويۇپ، قانداق نومۇر كىرگۈزسە خاتا دەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇپتۇمىش، شۇڭا 500 مېگابايت ھەقسىز تورغا ئىرىشمەكچى بولغان دوستلارنىڭ 6-چېسىلاغىچە تەخىر قىلىپ تۇرۇشۇڭلارنى دەپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. (2-ئاينىڭ 4-كۈنى) |
-
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|