|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ مۇنبىرىدىكى ئەزىز دوستلار، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !
بۈگۈن سىلەرگە قاپلان تور كۆرگۈچنى تەرجىمە قىلىپ ئېلىپ كەلدىم.
مەزكۇر تور كۆرگۈچنىڭ ئىقتىدارى سىلەرنى چوقۇم رازى قىلىدۇ. بەزى كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇيغۇرچە تونۇتۇلمىغان يانفۇننىڭ خېتىدەك چىقسا، بەزىلىرىدە سىستېمىنىڭ خەت نۇسخىسىدا چىقىدۇ. ئەمما بۇ كۆرگۈچتە ئۆلچەملىك تۈز خەت نۇسخىسىدا چىقىدىكەن. يەنە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئاپتوماتىك ھاۋارايى ئۇچۇرىنى ئېلىپ ، كۆرگۈچنىڭ باش بېتىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە سىزگە ھەر قاچان مەلۇم قىلىپ تۇرىدىكەن. ئەمما ناھىيە ھاۋارايى ئەمەس، ئوبلاست ياكى شەھەر دەرىجىلىك ئورۇننىڭ ھاۋارايى ئۇچۇرىنى ئالىدىكەن.
يەنە بۇ كۆرگۈچنىڭ ئۆزىنىڭ سىن قويغۇچى بولۇپ، سىن ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپتىن كۆرگەچ بىر تەرەپتىن تېزلىكتە بوففېرلاپ ساقلىۋالغىلى بولىدىكەن. ساقلىۋالغاندىن كېيىن تورسىز مۇھىتتىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ . چۈشۈرگەن سىن ھۆججەتلىرىنى ساقلىغۇچ غول مۇندەرىجىىىىىكى kbrowser/download/video نىڭ ئىچىگە ساقلايدۇ. ئەمما ساقلىغان سىن ھۆججىتىنى بىر پۈتۈن ساقلىماي بۆلۈپ-بۆلۈپ ساقلايدىكەن. مەسىلەن : بىر 10 مىگابايت چوڭلۇقتىكى سىن ھۆججىتىنى نەچچە ئون بۆلەككە بۆلۈپ ساقلايدىكەن. شۇڭا باشقا سىن قويغۇچلاردا قويۇش مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن. بىراق ئۆزىنىڭ قويغۇچى ناھايىتى نورمال ۋە سۈپەتلىك قويىدۇ. ئۆزىنىڭ سىن قويغۇچىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ بەك ئېسىل. بۇ كۆرگۈچتە چۈشۈرگەن سىنلارنى كۆرۈشتە تېلفۇننىڭ باش تىزىملىك كۇنۇپكىسىنى چېكىپ كۆرگۈچنىڭ تىزىملىكىدىكى «مېنىڭ سىنلىرىم» نى چەكسىڭىزلا كۆرگۈچ ساقلىغان سىن ھۆججىتى بېتىگە كىرىسىز.
كەچۈرۈڭلار دوستلار مۇشۇنداق تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسە بەزى دوستلار بىلەلمەي قالىدىكەن.
بۇ كۆرگۈچنىڭ كەمچىلىك تەرىپى يانفۇننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىدا 80 MB ئورۇننى ئىگەللەيدىكەن. ئەمما باشقا ئىختىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ.
ھۆججەت چوڭلىقى : 21.82 مىگابايت
چۈشۈرۈش ئادرىسى :
تور كۆرگۈچنىڭ يۈزىدىن كەسمە رەسىملەر :
http://caiyun.feixin.10086.cn/dl/105CqRBdfh3ah
|
|