Office2016 بۇ يىل ئېلان قىلىنىدۇ
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى Windows 10 نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىكروسوفت سەزگۈر ئېكران نەشرىدىكى Office نىمۇ ئېلان قىلدى، بىر كۈن ئۆتۈپلا مىكروسوفت يەنە سەزگۈر ئېكران نەشرىدىكى Windows نىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مۇھىم خەۋەردىن بىرنى ئېلان قىلدى: يېڭى بىر ئەۋلاد ئىشخانا يۇمشاق دېتالى Office 2016 نۆۋەتتە تەتقىق قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
Office 2016 دىن ئىلگىرىكى ئۈچ خىل نەشر ئايرىم-ئايرىم ھالدا Office 2013، Office 2010 ۋە Office 2007 بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى مىكروسوفت ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭىلىنىش دەۋرى ئاساسى جەھەتتىن 3 يىل بولىدىكەن.
مەنبە : ۋاڭيى تورى |