iOS نىڭ كىرىمى ھوللىۋودتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
سىنا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەتقىقات شىركىتى Asymco نىڭ ئانالىزچىسى خورەيس دېدىيۇ (Horace Dediu) ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، iOS ئەپلىرىنىڭ ئىقتىساد كۆلىمى ئاللىقاچان ھوللىۋود كىنولىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى بېلەت كىرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.
2014-يىلى، ئەپ ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئالما (Apple) شىركىتى ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمى 10 مىليارد دوللار بولغان. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ iOS ئەپلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلى 500 مىليون دوللارغا يەتكەن. 2014-يىلى، iOS ئەپلىرىنى سېتىۋېلىش تالونلىرىنىڭ سانى %50 ئاشقان. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ سانى 627 مىڭغا يەتكەن.
iOS ئەپلىرىدىن سىرت، ئەپ ئارقىلىق يارىتىلغان ئىقتىساد يەنە Android ئەپ، ئېلان ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە يارىتىلغان ئىقتىسادىي كىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاشقاندا، ئەپ ئارقىلىق يارىتىلغان ئىقتىسادنىڭ كۆلىمى ھوللىۋودنىڭكىدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەنبە : سىنا تورى |