|
گۇرۇپپىمىزدا بېسىپ چىقىلغان ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېر ۋە يانفۇن ئېلكىتابىنى، ھەمدە ئاندرويد ئەپ دېتالىنى ياسىغىلى بولىدۇ ھەمدە تور بەتلەردىمۇ باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تېكىست ھالەتتە يوللىغىلى بولىدۇ. ئەگەر كىتابنى رەسىمگە تارتىپ بىۋاستە ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلىسەك يانفۇندا ئوقۇشقا كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىللىمەكچى بولغانمىز. كۆپ تورداشلار يانفۇندا يېزىپ بەرسەك دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى: بىز سىزگە رەسىم شەكىلدە ماتېرىيال تەمىنلەيمىز. شۇ رەسىمگە قاراپ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى يازىدىغان گەپ. ئەگەردە يانفۇندا يازىمەن دېسىڭىز، بۇ ئىشنى تاماملاش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ ئەسەرنىڭ ئىملاسىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يانفۇندا يازماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كېيىنچە كومپيۇتېردا يازىدىغان شارائىت بار بولغاندا بىزنى ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ. |
|