|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار:
مەنزىل گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان 2 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خەلقىمىزگە ئەڭ ياخشى بولغان بىلىم مەنبەسىنى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان تەشنالىقى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ «مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى» ۋە «مەنزىل بىلوگى» دىن ئىبارەت بىر نەچچە تور بەت مەيدانغا كەلدى. ھەمدە تور دۇنياسىدىن توپلانغان ۋە مەنزىل گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياسالغان ئېلكىتابلار تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. تەخمىنەن 1يىل بۇرۇن مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى» تەشكىللەنگەن، ھەمدە «ئىز» رومانىنىڭ كومپيۇتېر، يانفۇن ئېلكىتاب نۇسخىسى ۋە ئاندرويد ئەپ دېتالى ياساپ چىقىلغان ئىدى. «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى»نىڭ بۇ تۇنجى ئەمگەك مېۋىسىنى تورداشلار ياقتۇرۇپ كۆرگەن ۋە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. لېكىن، تور بەت توغرىسىدىكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى» ۋاقىتسىز تارقىتىۋېتىلدى. گەرچە ئىزچىل بۇ گۇرۇپپىنى قايتىدىن تەشكىللەش ئويىمىز بولسىمۇ، ۋاقىت ۋە پۇرسەت يار بەرمىگەنلىكتىن تا ھازىرغىچە سوزۇلۇپ كەلگەن ئىدى.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى» نى قايتىدىن تەشكىللەشنى قارار قىلدۇق. بۇ قېتىم تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ئارقىلىق ھازىر تورغا يوللانمىغان ياكى تورغا يوللىنىپ بولسىمۇ ئىملا خاتالىقى كۆپ بولغان ماقالە-ئەسەرلەرنى كومپيۇتېردا بېسىپ چىقىش ۋە ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى.
مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرىدىن ئىبارەت بىر قانچە تور بەت پەقەت كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، چۈشۈرۈلگەن كىتابلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ. تور بەت ۋە ئېلكىتابلاردىن مەنزىل گۇرۇپپىسى ئازراقمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشمەيدۇ. شۇڭا «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى»غا قاتناشقان ئەزالارغا ھەق بېرىلمەيدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق پائالىيەت ۋە خىزمەتلەر پۈتۈنلەي خالىسانە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىقتىسادىي مەنپەئەت كۆزلىگۈچىلەرنىڭ گۇرۇپپىغا قېتىلماسلىقىنى سورايمىز. ئەگەر سىزمۇ ئەمەلىي ئەمگىكىڭىز ئارقىلىق بىلىمخۇمار خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇڭىز بولسا دەرھال بىزگە قېتىلىڭ!
گۇرۇپپىغا قاتناشقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ:
1. كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال ئۇرالايدىغان بولۇش.
2. خەت ئۇرغاندا ئىملاسىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. (مۇھىم نۇقتا)
3. بۆلۈنگەن خىزمەتنى ۋاقتىدا تاماملاش، ئىش تەقسىماتىغا بويسۇنۇش
4. ھەپتىدە 6-10 سائەت ۋاقىتنى بۆلۈنگەن خىزمەتكە ئاجرىتالايدىغان بولۇش.
يۇقىرىقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كەلگەن ۋە خالىسانە ئەمگەك قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ئالاقىلىشش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق گۇرۇپپىمىزغا قېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
چ چ : 846333585
ئېلخەت : book@menzil.biz
ھۆرمەت بىلەن مەنزىل گۇرۇپپىسى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى |
|