|
ناخشا تېكىستىنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىغان مۇزىكا قويغۇچ (تەرجىمە ئەپ)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ مۇنبىرىدىكى ئەزىز دوستلار، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !
بۈگۈن سىلەرگە يەنە بىر مۇزىكا قويغۇچنى تەرجىمە قىلىپ ئېلىپ كەلدىم.
مەزكۇر مۇزىكا قويغۇچنىڭ باشقا مۇزىكا قويغۇچلاردىن ئەڭ گەۋدىلىك پەرقى شۇكى ، ناخشىلارنىڭ نام كارتوچكىسىنى تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ناخشا پىلاستىنكا رەسىمى، ناخشىچى ئىسمى، پىلاستىنكا ئىسمى، ئەڭ مۇھىمى ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدۇ. قىسمەن ناخشىلارنىڭ ناخشا تېكىستى تەھرىرلىگەندە نورمال كىرگەن بىلەن قويغۇچ كۆرۈنمە يۈزىدە سوئال بەلگىسى چىقىۋالىدىكەن ، ئەمما بۇنداق ناخشىلار ئاز ئۇچرايدىكەن. بۇ مۇزىكا قويغۇچتا يەنە ناخشا-مۇزىكىلارنى ناھايىتى تېز ياكى ناھايىتى ئاستا قويغىلى، ۋاقىت بەلگىلەپ قويغىلى ۋە تىڭشىغۇچ بىلەن تىزگىنلەش ئىقتىدارىمۇ بار.
ئەمما، ئەپسۇس، بۇ ئەپنى apktool يېشىپ بولاقلىيالمىغاچقا values-ug مۇندەرىجىسىنى قوشۇشقا ئامال بولمىدى. شۇڭا ئۇيغۇرچە روم ئىشلىتىۋاتقان دوستلار بۇ ئەپنى قاچىلىسا ئىنگلىزچە چىقىدۇ. يېڭى نەشرىدە بولىشى مۇمكىن دەپ ساقلاپ يېڭى نەشرى چىققانكەن ، ئەمما يېڭى نەشرىنى بولاقلاش ئەمەس ھەتتا ئەپ تەھرىرلىگۈچمۇ ئاچالمايدىكەن. قالدىسى ئۆزۈڭلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار. بۇ ئەپنىڭ ئەسلىي نامى : jetaudio plus.
ھۆججەت چوڭلىقى : 16 مىگابايت
ئەسكەرتىش : مەزكۇر مۇزىكا قويغۇچنىڭ قىسمەن تەڭشەكلىرىنى (مەسىلەن : ئۇسلۇب رەڭگى، دېكوراتسىيە رەڭگى ۋە بەزى قىسمەن تەڭشەكلىرىنى) ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئەپ تۇيۇقسىز چېكىنىپ كېتىپ قايتا قوزغىلىدىكەن. بەزى تېلفۇنلاردا بۇ تەڭشەكلەرنى تەڭشىگەندىن كېيىن ئەپ توختاپ قېلىپ قوزغالمايدىكەن . بەلكىم مېنىڭ يانفۇنۇم ماس كەلمىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە سىستېمىسى ئەپ باشقۇرۇش بېتىگە كىرىپ مۇشۇ قويغۇچنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تازىلىۋەتسە يەنە نورمال ئىشلەۋېرىدىكەن. لېكىن ئەپنىڭ ئۆزنىڭ كۆڭۈلدىكى تەڭشىكى ئەڭ ياخشى ئەلۋەتتە. ناخشا نام كارتوچكىسى تەھرىرلىسە يەنە ناھايىتى نورمال. بۇ تەرىپىدىن خاتىرجەم بولۇڭلار.
ئۇيغۇرچە روم ئىشلىتىۋاتقان دوستلارغىمۇ كىچىك بىر مۇزىكا قويغۇچنى ئېلىپ كەلدىم. ئۇ نورمال چىقىدۇ. ئىككى ئەپنى ئايرىم-ئايرىم بەھىرلىدىم.
چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://caiyun.feixin.10086.cn/dl/105CqlC6l2hCw
مۇزىكا قويغۇچ يۈزىدىن كەسمە رەسىملەر :
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|