تىلفۇن سېتىۋالغاندا ئاساسلىقى نىمىلەرگە قارايمىز؟
ئاندىروئىد سالونى , 微信号:Android21
s
تىلفۇن ئاللىبۇرۇن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا بولمىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلفۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ ئىنتايىن تىز بولماقتا ، ئۇنداقتا يېڭىدىن تىلفۇن سېتىۋالغاندا ئاساسلىقى نىمىلەرگە قاراپ سېتىۋالساق كۆڭلىمىزدىكىدەك تىلفۇن سېتىۋالالايمىز ؟ ئۇنداقتا گىپىمگە قۇلاق سېلىڭ !
1 . ئەڭ ئاۋال سىز ئىشىلتىۋاتقان كارتا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشمۇ ، كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ ۋە ياكى تىلگىرافمۇ بۇنى بىلىسىزغۇ دەيمەن . بۇنى بىلسىڭىز ئەمىسە تىلفۇننىمۇ شۇنىڭغا ماس بولغان نۇسخىللىرىنى تاللايسىز .
2 . تىلفۇننىڭ ماركىسىغا دىققەت قىلىڭ .
ھازىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئەڭ ياخشى بۇپ ھىسابلىنىدىغان ماركىلاردىن iphone ، Samsung ، HTC ، شىياۋمى ،
HUAWEI ،Lenovo ، OPPO ، SONY ، VIVO ، Google ، NOKIA ،
Coolpad ، MEIZU........ قاتارلىقلار .
3 . تور قوللىشىغا قاراڭ .
ھازىر ھەممەيلەن بىلىمىز ئاللىبۇرۇن (LTE) 4G خەۋەرلىشىش دەۋېرىگە كىرىپ بولدۇق ، شۇڭا تىلفۇن سېتىۋالغاندا بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىپ قۇيۇش كىرەك ، ئەڭ بولمىغاندىمۇ 3G(WCDMA) قوللامدۇ يوق بۇنىمۇ بىلىش كىرەك بۇنى قانداق بىلىمىز دىگەندە كەينى ئېچىلدىغان تىلفۇنلارنىڭ كەينىنى ئېچىپ باتارىيەنى ئېلىپ قارىسىڭىز چاپلاپ قويغان بۇرمۇنچە خەتلەر ئىچىدە WCDMA دىگەن خەت بولسا 3G قوللايدۇ دىگەن گەپ ، ئەگەر ئۇنداق بولماي پەقەت GSM لا بولسا 2G لام تور قوللايدۇ باشقىسىنى قوللىمايدۇ دىگەن گەپ .
ئەمدى بەزىلەر 4G , 3G , 2G دىگەنلەرنى چۈشەنمەسلىكى مومكىن . بۇ دىگىنىمىز تىلفۇن تورىنىڭ ئەۋلاد سانىغا قارىتىلغان يەنى 2- ئەۋلاد ، 3- ئەۋلاد ، 4- ئەۋلاد دىگەن گەپ . بۇلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا تور سۈرئىتى ئۇخشىمايدۇ . 2- ئەۋلاد بولسا تور سۈرئىتى ئەڭ ئاستا ، شۇڭا سالونلاردىكى بەزى مەزمۇنلارنى ئاچسىڭىز پىرقىراپ ئىېچىلماي ئىچىڭىزنى پۇشۇرۇپ قويىدۇ .( تېخى بەزىلەر بىزنى تىللاپمۇ قويىدۇ . ئېچىلمايدىغان نىمىلەرنى يوللايدىكەن دەپ ) ، 3- ئەۋلاد بولسا سۈرئىتى خىلى ياخشى . 4- ئەۋلاد بولسا تور سۈرئىتى بەك تىز . بۇنى ئىشىلتىپ باققانلا بىلىدۇ .
4 . تىلفۇننىڭ سەپلىمىسىگە قاراپ سېتىۋېلىڭ .
مانا بۇ تىلفۇن سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتا . بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادلىنىدۇ . بىرىنجى بۇلۇپ تىلفۇننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى (RAM) غا قاراڭ ، بۇ بەڭ مۇھىم . ئامال بار RAM سىغىمى چوڭ بولغانلىرىنى تاللاڭ . بولمىسا كىيىن پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ، تىلفۇنىڭىز تۇلا قېتىپ سىزنى ساراڭ قىلىۋىتىدۇ . بۇنىڭغا ھېلىقىدەك تازلاش دىتالى ، تىزلەشتۈرۈش دىتالى دىگەندەك دىتاللارنى ئىشلەتسىڭىزمۇ پايدىسى يوق ، بولغان تەقدىردىمۇ ئىنتاين بەك ئاز . ئادەتتە بەزى تىلفۇنلارنىڭ RAM سىغىمىنى تەڭشەك ئىچىدىكى مەزكۇر تىلفۇن (设置à关于手机)دىگەن جايغا يېزىپ قۇيىدۇ . لىكىن كۈپۈنچىسى يازمايدۇ
يېزىلمىغانلىرىنى مۇنداق تەكشۈرىسىز : 设置—应用—正在运行 مۇشۇ باسقۇچ بۇيىچە كىرسىڭىز تىلفۇننىڭ ئاستىدا ئىشلىتىۋاتقان سىغىم ۋە ئېشىپ قالغان سىغىم چىقىدۇ . شۇ ئىككىسىنى قوششىڭىز RAM سىغىمىغا تەڭ . رەسىمدىكىدەك :
د
5 . يەنە بىر مۇھىمى تىلفۇننىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU) غا قاراڭ .
RAM بىلەن CPU نىڭ ياخشىراقىنى تاللىسىڭىز كىيىن پۇشايمان قىلمايسىز . ئادەتتە CPU لارنى تاق CPU ، قوش CPU، تۆت CPU ۋە سەككىز CPU دەپ تۈرلىرى بار ، CPU سانى يوقۇرى ھەم چاستوتىسىمۇ (1GHz ,1.2GHz , 1.5GHz) يوقۇرى بولسا تىلفنىڭىزنىڭ سۈرئىتىمۇ شۇنچە تىز بۇلىدۇ ، تۇلا قېتىۋېلىپ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرمەيدۇ . خالىغان دىتاللارنى ۋە چوڭ سىغىمدىكى ئۇيۇنلارنىمۇ قاچىلاپ ئوينىيالايسىز . CPU مۇ بەزى تىلفۇنلارنىڭ تەڭشەك ئاستىدىكى مەزكۇر تىلفۇن دىگەن يىرىگە يېزىپ قۇيىلىدۇ . لىكىن كۈپۈنچىسىدە يېزىقلىق ئەمەس . بۇنى توردىن ئىزدىسىڭىز تەپسىلى چىقىدۇ . ياكى 安兔兔 دىگەن دىتالنى قاچىلاپمۇ كۈرەلەيسىز .
6 . ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ كىشىلەر ئىشلىتىدىغان تىلفۇنمۇ ياكى ئاز ئۇچىرايدىغان تىلفۇنمۇ دىگەنگىمۇ قاراپ قۇيۇڭ . ئەگەر كۆپ كىشىلەر ئىشىلتىدىغان تىلفۇنلارنى تاللىسىڭىز بۇنىڭدا كىيىن سېستىما قاچىلاش ، ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ، ۋە باشقا تېخنىكىلىق مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق . ئەگەر ئاز ئۇچىرايدىغان ،كۆپ كىشىلەر ئىشلەتمەيدىغان تىلفۇنلارنى ئېپ قالسىڭىز كىيىن ئالىمادىس بىرەر كاشىلا چىقسا ياكى باشقا سېستىما قاچىلاشقا توغرا كىپ قالسا بەك ئاۋارچىلىق .
ئاندىروئىد سالونىAndroid21
مەزمۇنلارنى دوستلار چەمبىرەككە چىقىرىپ قۇيۇڭ
ئىككىلىك كۇدنى سىكانتىرلاڭ
ئالما تىلفۇن سالونىمىزنىمۇ قۇشۇپ قۇيۇڭ . ئىزدەش نومۇرى applebiz
1. خاڭخو (行货)
بۇ دىگىىنىمىز دۆلىتىمىزدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ، زاۋۇتنىڭ ئىجازىتىدىن ئۆتكەن ، مەلۇم جاي سېتىش ھوقۇقىنى ئۈستىگە ئالغان ماللارنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە بۇ ماللارغا ئادەتتە باج تۈلەيدىغانلىقى ئۈچۈن باھاسى ئازراق قىممەت بولىدۇ ، لىكىن ساتقۇچى ئۇرۇن مالنىڭ سۈپىتى ۋە رىمۇنىت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
2. شۈيخو (水货)
بۇ خىلدىكى مەھسۇلات باشقا رايۇن ۋە دۆلەتلەردىن ئۇغۇرلىقچە يۆتكەپ كىلىنگەن . تاموژنىنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتمىگەن . ئەتكەس ماللار ھىسابلىنىدۇ . بۇخىلدىكى مەھسۇلاتلار كۆپ ئۇچىرايدۇ .
3. گاڭخاڭ (港行)
بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلار ئادەتتە شىياڭگاڭ ماللىرىغا قارىتىلغان ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماللار بىلەن ئوخشاش . سۈپىتى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماللاردىن سۈپىتى ياخشىراق . بىراق تىلفۇنىڭىز تاسادىبى بۇزۇلۇپ قالسا بارىلىق مەسئۇليەتكە ئۈزىڭىز ئىگە بولىسىز . بۇ ماللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشىلتىش ئۈچۈن سېستىما ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ .
4. ئوۋ بەن (欧版):
بۇ مەھسۇلاتلار رەسمى مانا شۈيخو دۇر ، چۈنكى بۇلارنى باشقا دۆلەتلەردىن ئۇغۇرلىقچە كىرگۈزۈلگەن ، بۇنىمۇ دۆلىتىمىزدە ئىشلىتىش ئۈچۈن سېستىما ئۆزگەرتىش كىرەك . لىكىن سۈپىتى باشقا ماللاردىن خىلىلا ياخشى .
5. پەنشىڭ (翻新)
بۇنىمۇ ئادەتتە بەك كۆپ ئۇچىرتىمىز ، بۇ ھەر قاندا تىپتىكى تىلفۇنلارنىڭ ھەممىسىدە بار . بۇ ماللار ئادەتتە كۆنا يەنى ئىشلەتكەن مەھسۇلاتلارنى ئېيتىپ پاقىرتىپ ، يېڭىدىن قاپ ئالماشتۇرۇپ ، بىرەر ساختا نەرسىلەرنى قۇشۇپلا يېڭى مال دەپ ساتىدىغان مەھسۇلاتلاردۇ ، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بىلمەسلىكتىن مۇشۇنداق ماللارنى سېتىۋالىدۇ ، چۈنكى بۇ ماللارنىڭ باھاسى ئادەتتىكى ھەقىقى يېڭى ماللاردىن باھاسى خىلىلا تۈۋەن بولغاچقا . بۇ خىل مەھسۇلاتنى ساتقۇچىلار تېخى يۇزىنى قېلىن قىلىپ سىزنى ئالداپ يېڭى مال دەپ ساتىدۇ . بۇ نىڭغا كەلگەندە كۆپرەك ئىھتىيات قىلىڭ . بۇلۇپمۇ ئالما سسېتىۋالىدىغانلار .
شۇڭا ئەزىر قېرىنداشلىرىمىز تىلفۇن سېتىۋالغاندا كۆپرەك ئىھتىيات قىلىڭلار ، مالنىڭ زادى قانداق مال ئىكەنلىكىنى ئېنىقراق سۇراپ ئاندىن سېتىۋېلىڭلار .
بۇلۇپمۇ توردىن مال سېتىۋالغاندا بەك قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ . بىر دۇكانغا قارىسىڭىز ئالما 5ئەس 3500 يۈەن دەپ تۇرغان يەنە بىر دۇكانغا قارىسىڭىز 2000يۈەن دەپ تۇرغان ، سىز ئالدىراپلا 2000يۈەن ئەزانكەن دەپ ئېپ سالماڭ . بۇ دەل پەنشىڭ قىلغان ماللاردۇر . بۇ ئىپلاسلار نۇمۇس قىلماي تېخى يۈەنجۇاڭ (原装)ئەسلى بولاق ھالىتىدە ، يېڭى دەپ ساتىدۇ . |