|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.كەمىنە قاراخاندىن تورداشلارغا سالام.
يىقىندىن ياقى قىسمەن توربەتلەردە كونا ۋىروسنىڭ ئۇيغۇرچە چاپان كەيدۈرۈلگەن يېڭى نۇسخىسى ئىقىپ يۈرمەكتە. بۇ ۋىروسنى قايسى قېرىندىشىمىز نىمە مەقسەتتە تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى بىلىمىدى. لىكىن دوستلارغا ئەسكەرتىش بىرىش ۋە ئۇيغۇرچە ئەپ بازارلىرىنىڭ ئەپ تەستىقلاش تۈزىمىنى تىخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم.
1.ۋىروس
ئەسلى ئىسمى :手机刷名片赞
ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىسمى :ئويۇن ئالماسلارنى ئۆزگەرتىش
ئاگاھلاندۇرش دەرىجىسى : خەتەرلىك
سىغىمى:76407 byte
ئەسلى ۋىروسنى virscan دىن ئۆتكۈزگەندىكى نەتىجە:
- AVAST! 141106-0 4.7.4 2014-11-06 Android:Jisut-A [Trj]
- Bitdefender 7.57627 7.90123 2014-11-08 Android.Trojan.Jisut.A
- F-Secure 2014-04-02-01 9.13 2014-04-02 Trojan:Android/Jisut.A 1
- Fortinet 23.136, 23.136 5.1.158 2014-11-09 Android/Jisut.A!tr 1
- GData 24.4854 24.4854 2014-11-09 Android.Trojan.Jisut.A 8
- IKARUS 1.06.01 V1.32.31.0 2014-11-08 Trojan.AndroidOS.LockScreen 13
- NOD32 0436 3.0.21 2014-09-18 a variant of Android/LockScreen.Jisut.A trojan 1
- QQ手机 1.0.0.0 1.0.0.0 2014-11-09 a.rogue.clownjokes.a 1
- Quickheal 14.00 14.00 2014-11-08 Android.Jisut.A 2
- SOPHOS 5.04 3.51.0 2014-08-05 Andr/TkLocker-A 7
- Sunbelt 3.9.2595.2 3.9.2595.2 2014-11-06 Adware.AndroidOS.TKlocker.a
- a-squared 9.0.0.4324 9.0.0.4324 2014-07-03 Android.Trojan.Jisut.A
- 奇虎360 1.0.1 1.0.1 1.0.1 Trojan.Generic
- 金山毒霸 2.1 2.1 2013-09-22 Android.RISKWARE.luomao.cr.(kcloud)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
جەمىي 14 ۋىروسخور ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن كىينىكى نەتىجە:
- GData 24.5855 24.5855 2015-01-02 Android.Trojan.Jisut.A
- Quickheal 14.00 14.00 2014-12-31 Android.Jisut.A
- a-squared 9.0.0.4324 9.0.0.4324 2014-07-03 Android.Trojan.Jisut.A
- 奇虎360 1.0.1 1.0.1 1.0.1 Trojan.Generic
- 金山毒霸 2.1 2.1 2013-09-22 Android.Troj.jmlocker.ya.(kcloud)
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
جەمىي5 ۋىروسخور ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.دىمەك ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ۋىروسنى ۋىروسخورلارنىڭ بايقىشى تۆۋەنلىدى.
ئەسلى ۋىروسنىڭ كەسمە سۈرەتلىرى:
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن كىيىنكى كەسمە سۈرەتلەر:
ۋىروسنىڭ ئالاھىدىلىكى :
ۋىروسنى ۋىروسخورلار يامان نىيەتلىك لۈكچەك يۇمشاق دېتال قاتارىدا تۇنىغان بۇلۇپ ھازىرچە ۋىروسنىڭ يانفون ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئوغۇرلاش، تېلفون پۇلىسىنى ئوغۇرلاش قاتارلىق خەتەرلىك تەرەپلىرى بايقالمىدى.
ۋىروسنى قاچىلاپ قوزغاتقاندىن كىيىن ۋىروس پۈتۈن ئىكران ھالەتتە قوزغۇلۇپ(يۇقۇردىكى رەسىمدىكىدەك)سىستىمىنى پۈتۈنلەي قاتۇرۇپ قۇيدۇ ياكى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قۇيدۇ. ۋىروس يانفوندىكى android.app.Service ناملىق مۇلازىمەتنى مەجبۇرى تاقىۋىتىدىغان بۇلۇپ ۋەزىپە باشقۇرغۇچنى ئاچقىلى ياكى ئەپنى مەجبۇرى چىكىندۈرۋەتكىلى بولمايدۇ. يانفوننى قايتا قوزغاتقان ھامان ئەپ system launcher بىلەن تەڭ قوزغۇلۇپ يەنە باشتىكى ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ.
ئەپنىڭ AndroidManifest.xmlدىكى ئۇچۇرلىرى:
-
- android:name=".killpoccessserve"//بۇ مۇلازىمەت دەۋرىي شەكلىدە نۆۋەتتىكى قوزغىلىۋاتقان پىروگىراممىلارنى تەكشۈردىغان بۇلۇپ،ئەگەر ۋىروس ئەپ پىروگىراممىسى بايقالمىسا،باشقا مۇلازىمەتلەرنى مەجبۇرى تاقاپ ئۆزىنى قوزىتىدۇ.>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش- android:name=".BootBroadcastReceiver"//ئاپتۇماتتىك قوزغىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش-
- android:name="android.intent.action.BOOT_COMPLETED"//ئاپتۇماتتىك قوزغىتىش
- >
-
-
- android:name="android.intent.action.BOOT_COMPLETED"//ئاپتۇماتتىك قوزغىتىش
- >
-
-
- android:name="android.intent.ACTION_SCREEN_OFF"//تارقاتقۇچىنى تاقاش.ۋاقتنى تەتۈر ساناپ تاقاشقا ئېشلىتىدۇ
- >
-
-
- android:name="android.net.conn.CONNECTIVITY_CHANGE"// تور ئۆزگۈرۈشىنى پايلاش
- >
-
-
- android:name="android.net.wifi.WIFI_STATE_CHANGED"//WIFIھالىتىنى پايلاش
- >
-
-
- android:name="android.net.wifi.STATE_CHANGE"//WIFIھالىتىنى تەكشۈرۈش
- >
-
-
- android:name="android.intent.category.HOME"//androidئۈستەل يۈزىنى ئالماشتۇرۇش
- >
-
-
-
- >
-
-
- android:name="android.permission.KILL_BACKGROUND_PROCESSES"//ئارقا سۇپا پىروگىراممىسىنى تاقاش
- >
-
-
- android:name="android.permission.GET_TASKS"//نۆۋەتتىكى ئىجىرا بۇلۋاتقان ئەپنى ئىزدەش
- >
-
-
- android:name="android.permission.WAKE_LOCK"//يانفوننىڭ ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىشىنى چەكلەش
- >
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ۋىروسنى يۇيۇش ئۇسۇلى :
recovery ھالەتتە قوش WPIE مەشخۇلاتى قىلىش.
يانفوننى كومپىيوتىرغا چىتىپ ھەرخىل يانفون باشقۇرۇش قوراللىرى ئارقىلىق ۋىروسنى ئۆچۈرۋىتىش
2.ۋىروس
ئەسلى ئىسمى :نامەلۇم
ئۇيغۇرچە ئىسمى : كۆك ياللىق بۆرە
ئاگاھلاندۇرش دەرىجىسى خەتەرلىك
سىغىمى :271159 byte
ۋىروسنى كومپىيوتىرغا چۈشۈرگەندە كومپىيوتىردىكى 360 يامان نىيەتلىك پىروگىرمما دەپ بايقىغان بولسىمۇ virscan دىكى نەتىجىسى 0. يەنى ھىچقايسى ۋىروسخور بۇنى ۋىروس دەپ بايقىمىدى. بۇ ۋىروسمۇ يۇقارقى ۋىروسنىڭ بىرجەمەت تۇققانلىرى بۇلۇپ كۆرۈنمە يۈزى ئوخشىمغان بىلەن يانفونغا بولغان تەسىرى يۇقارقى ۋىروس بىلەن ئوخشاش.
ۋىروسنىڭ كەسمە سرەتلىرى:
ۋىروسنى يۇيۇش ئۇسۇلى يۇقارقىدىكىسى بىلەن ئوخشاش.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: ۋىروسنى ئۆزىڭىز ياساڭ ياكى تەرجىمە قىلىڭ ئاۋال شۇنى ئويلۇشۇڭكى ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا زىيان سالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|