- جۇغلانما
- 4428
UID15643
تىزىملاتقان2013-4-8
ئاخىرقى قېتىم2015-3-25
توردا1171 سائەت
ئالاھىدە ئەزا
كۈنلەرنىڭ بىردە (^_^)
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4428
- ئاقچا
- 0

|
Windows Phone تىلغا ئېلىنساكۆپىنچە كىشىلەر ئالدى بىلەن مىكروسوفىت ۋە نوكىيا ئوتتۇرىغا چىقارغان لۇمىيا تۈرىدىكى يانفونلارنى يادىغا ئالىدۇ. بىراق چەتئەل تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا LG شىركىتى نۆۋەتتە Windows Phone بازىرىغا قايتىدىن قەدەم قويماقچى بولۇۋاتقان بولۇپ كورىيەدىكى بۇ داڭلىق ئېلېكتىرون كارخانىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق Windows Phone مەھسۇلاتى 2010-يىلى ئېلان قىلىنغان ئىكەن.
AdDuplex دىن كەلگەن بىر تۈرلۈك ئۇچۇرغا قارىغاندا تۈنۈگۈن توردا LG شىركىتىنىڭ تىپ نومۇرى VW820 بولغان بىر يېڭى يانفونى ئۆزىنى نامايەن قىلغان بولۇپ بۇ يانفونغا دەل Windows Phone سىستېمىسى قاچىلانغان ئىكەن. ئىگەللىنىشىچە بۇ يانفوننىڭ ئېكرانى 4.7 دىيۇم چوڭلۇقىدا بولۇپ ئېنىقلىق نىسبىتى 854×480 گە يېتىدىكەن بۇنى لۇمىيا 535 بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان تۆۋەن سەپلىمىلىك يانفون دەپ ئېيتىشقا بولىدىكەن.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇلتۇر يىل باشلىرىدا LG شىركىتىنىڭ Windows Phone ساھەسىگە قەدەم قويماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم مىش-مىش پاراڭلار بولغان ئەينى ۋاقىتتا تىپ نۇمۇرى D635 بولغان بىر يانفوننىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ بىراق ئورگان تەرەپ ئۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئاشكارىلىمىغان بۇ قېتىم توردا ئاشكارىلانغان VW820 يانفونىمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ LG شىركىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن يەنى ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ۋە بازارغا كىرگۈزۈلىدىغان رايونلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قەتئىي مەخپىي تۇتۇلغان.
بىراق بۇ ھەقتە مۇنداق بىر خىل ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ ئۇ بولسىمۇ LG شىركىتى بۇ يىل ئېچىلىدىغان CES 2015 چوڭ يىغىنىدا Windows Phone ساھەسىگە قايتىدىن قەدەم قويغانلىقىنى شۇنىڭدەك يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېڭى يانفونى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن.
Nur.cn تورى تەرجىمىسى
|
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان
|