ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1780|ئىنكاس: 25
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئويۇن كومپىيۇتېرىنى قانداق سەپلەش كېرەك؟

5

تېما

10

يازما

29

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
93
ئاقچا
0

ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تەلىپى بولغاندەك، ئويۇن ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئويۇن كومپىيۇتېرىنى سەپلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى، بىردانە ياخشى كومپىيۇتېرنى سەپلەش، ئوينىغۇچىغا ياخشى بولغان ئويۇن مۇھىتى يارىتىپ بەرگەندىن باشقا، بىرقانچە يىلغىچە ئەڭ نادىر ئويۇنلاردىن ھوزۇرلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ. ئويۇن كومپىيۇتېرى تاللىغاندا باھانى قوغلىشىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس، چۈنكى باھاسى قىممەت قاتتىق دېتاللارنىڭمۇ ياخشى ۋە ناچىرى بولىدۇ. ھەم سۈرئىتىنى قوغلىشىش ئۈچۈنمۇ چوقۇم بىرقانچە دېتالنى تاللىغاندا ئالاھىدە دېققەت قىلىش لازىم. ئۇنداقتا ئويۇن كومپىيۇتېرى تاللىغاندا ئويۇننىڭ سۈرئىتىگە قايسى قاتتىق دېتال ئەڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ئو بولسىمۇ: مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى، قاتتىق دېسكا. مانا بۇ قاتتىق دېتاللار كومپىيۇتېرنىڭ تېز-ئاستىلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ماتېرىياللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ: كۆپلىگەن تورداشلار CPU (مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ) تاللىغاندا ئۇنىڭ يادىرو سانىغا ۋە چاستوتىسىغا قارايدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بەك مۇھىم، بىراق بىر نۇقتا ئايدىڭ بولسۇن، يادىرو سانىنىڭ كۆپ ياكى ئاستىلىقى CPU نىڭ ياخشى يامانلىقىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. قىسقىچە مىسال قىلساق، بىردانە Intel I74770K تىپلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ يادىرو سانى 4، بىراق مەركۇز CPU نىڭ ھەر بىر يادىروسى قوش لېنىيە بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، مۇنداقچە قىلغاندا ھەر بىر يادىروسى، ئىككى يادىرو قىلغان ئىشنى قىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا 8 يادرولۇق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ قىلغانچىلىك ئىشلارنى قىلالايدۇ دىگەن گەپ، يەنە مەسبىلەن AMD FX8320 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ يادىرو سانى8، ئەمما ھەر بىر يادىروسى تاق لېنىيەلىك خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ بۇ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ياخشى ئەمەس دىگەنلىك بولمايدۇ. ھەممەيلەنگە ئايان، AMD تۈرىدىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ سۈرئىتى تېز،ئەمما تۇراقلىقلىغى INTEL غا يەتمەيدۇ. چاستوتىسىغا كەلسەك چاستوتىسى گېگاگىرتىس. GHz بىلەن ئۆلچىنىدۇ. يەنى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى تىتىرەش چاستوتىسى، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە چاستوتىسى قانچە چوڭ بولسا، سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ دېگەن گەپ، ئاندىن قالسا ئەڭ مۇھىم يەنە بىر بىرلىكى بار، بۇ بولسىمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك بۇففىر (二级缓存) بۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئىچكى ساقلىغۇچتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئوقۇش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ، تورداشلارغا ئايدىڭ بولسا كېرەك، سانلىق مەلۇمات قاتتىق دېسكا ياكى باشقا ساقلىغۇچلاردىن ئىچكى ساقلىغۇچقا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچقا يوللىنىپ، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ، دېمەك مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ساقلاش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئاۋۋال شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىجىرا بولىۋاتقان پروگراممىنى ئىچكى ساقلىغۇچ ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىدۇ، ئاندىن مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىچكى ساقلىغۇچتىن قوبۇل قىلىپ، بىرتەرەپ قىلىدۇ، بۇ جەرىياندىكى ئۇچۇرلارنىڭ يوللاش سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقى ئەلۋەتتە ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىنچى دەرىجىلىك بۇففىرمۇ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ تاللاشتا ئەڭ دېققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى.
ئەمدىكى گەپ CPU قانداق تاللاشتا، باھاسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى ياخشىراق بولغان CPU نى تاللاش ھەرقانداق كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈمۈت قىلىدىغىنى، ئۇنداق قايسى نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش كېرەك؟ ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى ھاجىتىدىن چىقالايدىغىننى تاللىسىڭىزلا بولدى، ئەڭ ياخشىسىنىڭ سىزنى رازى قىلالىشى ناتايىن، كۆپلىگەن تورداشلار سەپلىمەم شۇنداق ياخشى تۇرسىمۇ كومپىيۇتېرىم يەنىلا قېتىۋالىدۇ دەپ گۇمان قىلىشىدۇ، شۇنى بىلىپ قىلىڭ، كومپىيۇتېرنىڭ قېتىۋىلىشى ئەسلىدىنلا نورمال ئەھۋال، ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ سەپلىمىڭىزنىڭ ناچارلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. قاتتىق دېتالغا ياخشىسىنى سەپلىگەنگىلا ھېساب ئەمەس، ياخشى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش لازىم. ئۆزىڭىز ئۈچۈن زۆرۈرىيىتى بولمىغان يۇمشاق دېتاللارنى كۆپ قاچىلىماڭ، ھۆججەتلىرىڭىزنى رەتلىك ، ياخشى ساقلاڭ، لازىمى بولمايدىغا قىستۇرما، قوراللارنى تازلاڭ، ۋاقتىدا ئەخلەتلەرنى تازلاپ تۇرۇڭ، يەنە بىر مەسىلە دۆلىتىمىزدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقىقىغا قاراپ تۇرتۇپ ئېغىر ھالدا دەخلى تەرۇز قىلىدۇ، سىز رۇخسەت قىلمىسڭىزمۇ ئارقا سۇپىدا توختىماستىن ئىجىرا بولۇپ، كومپىيۇتېرنىڭ مەنبەسىنى خورىتىدۇ، قالايمىقان ئېلانلار سەكرەپ چىقىپ، كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى قالايمىقان توربىكەتلەرگە چىقماي، ئەدەبسىز دېتاللارنى قالايمىقان قاچىلىماڭ، ھەدىسىلا گۇناھنى قاتتىق دېتالدا قويماڭ، سىز قاچىلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىجىرا قىلماي ئامالى يوق...
گەپنى ئۇزاتىۋىتىپتىمەن، ئەسلى گەپكە كىلەيلى، مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ تاللىغاندا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار يۇقارقىدەك، ئەمدى قايسى خىل مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنى تاللىساق ياخشى بولىدۇ دېگەندەك سۇئاللار پەيدا بولىدىغۇ دەيمەن، ئاۋۋال دەپ قويىدىغىنم ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، ۋە ئىھتىياجىڭىزغا قاراپ تاللاڭ، دىيارىمىزدا Intel ئائىلىسىدىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلارنى ئىشلىتىش ئاساسىي دولقۇن بولۇپ قالدى، بۇ تۈردە بىرقەدەر تاللاشقا ئەرزىيدىغانلىرى I3,I5,I7 قاتارلىق بىر ئائىلە تۈردىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلار. تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ. باھاسىدىمۇ پەرق چوڭ بولىدۇ. يەنە كېلىپ، ئوخشاش تىپلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭمۇ يەنە ئىچىدىن بىرقانچە تۈرلىرى بولىدۇ، بىرىنچى ئەۋلاد، ئىككىنچى ئەۋلاد دىگەندەك، ئىقتىدارىدىمۇ ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا مەلۇم نىسبەتتە ئىلگىرلەش بولىدۇ. I3 تۈرىدىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ باھاسى ئەرزان بىر قەدەر تۆۋەن كىرىملىقلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەمما ئىقتىدارىمۇ يامان ئەمەس، تورغا چىقىش، كىنو كۆرۈش، ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا بولىدۇ. i5 بولسا كومپىيۇتېر سەپلەشتىكى ئاساسىي دولقۇن بولۇپ قالدى، بۇ تۈردىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلاردا ئوتتۇرا، يۇقىرى تىپتىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا بولىدۇ.(ھەرقانداق ئويۇننى سۆرىيەلەيدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ) ئۇندىن باشقا ئىشخانىدا خىزمەت كومپىيۇتېرلىرىغىمۇ ناھايىتى باپ كېلىدۇ. i7 تۈردىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بۇ تۈردىكى بىرتەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئالدى ھېسابلىنىدۇ. تىپى يۇقىرى بولغاندىكىن ئىقتىدارىمۇ ئەلۋەتتە ئالدىنقىللىرىغا قارىغاندا ياخشى چىقىدۇ، لېكىن باھاسىمۇ خېلى ئۆرە، ھازىر كومپىيۇتېر بازىرىدا باھاسىمۇ2100-2600 گىچە بولىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىستىمال سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ. ئويۇننى سۆرىيەلمەسلىكىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. AMD  تۈرىدىكىللىرىنى دەپ كەلسەك، بۇ تۈردىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلار ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ ئالدىن تاللىشى دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن، سۈرەت جەھەتتە ھەقىقەتەن بولىدۇ. تېمىنىڭ مەزمۇنى ئۇزۇراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ھازىر بۇ توغۇرلۇق كۆپ توختالمايمەن، كېيىنچە Intel ۋە Amd تۈردىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلار توغۇرلۇق ئايرىم توختىلىپ قىلىشىم مۇمكىن.

ئىچكى ساقلىغۇچ: ئىنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشىRandom Access Memory، قىسقاتىلمىسى Ram بولۇپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، يەنى SRAM: (تېنچ ساقلىغۇچ) ۋە DRAM (ھەركەتچان ساقلىغۇچ) بىز ئادەتتە كومپيۇتېرىمىزغا سەپلەيدىغىنى DRAM بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ رولى توغۇرلۇق ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتىم. نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىچكى ساقلىغۇچ ئۈچنچى ئەۋلاد ئىچكى ساقلىغۇچلار بولۇپ يەنى DDR3 دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭمۇ چاستوتىسى بولىدۇ، چاستوتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، سانلىق مەلۇمات يوللاش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ھازىرقى ئۈچىنچى ئەۋلاد ئىچكى ساقلىغۇچلارنىڭ DDR3 800،DDR3 1066،DDR3 1333 ،DDR3 1600 قاتارلىق تۈرلىرى بار. سانلىق مەلۇمات يوللاش سۈرئىتىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6400MB/s،8500MB/s،10664MB/s،19455MB/s بولىدۇ. بازارلاردە ئەڭ كۆپ سېتىلىۋاتقىنى ھازىر 1333 بىلەن 1066 تىپلىقلىرى، يېقىندا بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى تىپلىقلىرى بازارغاكىرىپ بولدى، باھاسىمۇ بىرقەدەر ئۆرە.  ئويۇنچىلار ئۈچۈن ئىچكى ساقلىغۇچ تاللىغاندا ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى windows7 دىن باشلاپ 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىي دولقۇن بولۇپ قالدى. چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان تەلىپىمۇ يۇقىرىلاپ كەتتى. بۇرۇن 32 بىتلىق سىستېمىلاردا gb4 دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللىمايتتى، بىراق 64 بىتلىق سىستېمىلاردا ئۇنداق ئەمەس، شۇڭا ئەڭ تۆۋەن دىگەندىمۇ 4Gb لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

كۆرسىتىش كارتىسى: كۆرسىتىش كارتىسى ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم قاتتىق دېتاللارنىڭ بىرى، كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ياخشى ناچارلىقى ئويۇننىڭ سۈپىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا كۆرسىتىش كارتىسى تاللىغاندىمۇ چوقۇم ئاقىلانىلىك بىلەن تاللاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھازىر بازاردا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ھەتتا تاغتۇرا كۆرسىتىش كارتىللىرىمۇ بازارغا كىرىپ بولدى، دېققەت قىلمىغاندا ناچار، سۈپەتسىز كارتىلارنى تاللاپ قىلىشىمىز مۇمكىن، شۇڭا كارتا تاللىغاندا چوقۇم ئىشەنچىلىك دۇكانلاردىن، ماركىسى داڭلىق بولغان كارتىلارنى تاللاش كېرەك. نۆۋەتتە 七彩虹 双敏 影驰 铭瑄 蓝宝石 昂达 微星 丽台 迪兰恒进 华硕 翔升 قاتارلىقلار دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق ماركىلار بولۇپ قالدى. مەنچە مۇشۇ ماركىلار ئارىسىدىن مۇۋاپىق تىپتىكى كۆرسىتىش كارتىسى تاللىغاندا ئانچە زىيان تارتمايسىز. ئۇنداقتا كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئىقتىدارىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە ئەڭ ئالدىدا قارايدىغىنىمىز باھاسى. ھې ھې... بىراق مۇھىمى ئەڭ قىممىتىنى ئېلىش ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزگە ئەڭ ماس كىلىدىغىنىنى تاللاش.
كۆرسىتىش كارتىسى تاللىغاندا چوقۇم دېققەت قىلىدىغان ئۇچۇرلىرىدىن ئېقىم بىرتەرەپ قىلغۇچ(流处理器)، يارىرو چاستوتىسى (核心频率)، كۆرسىتىش بىت سانى (显存位宽) ۋە كۆرسىتىش چاستوتىسى (显存频率)  قاتارلىقلار كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرقانچە كۆرسىتىش كارتىسىدىن ياخشىسىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە مۇشۇ ئۇچۇرلىرىغا دېققەت قىلسىڭىز ھەرگىز زىيان تارتمايسىز. بۇندىن كېيىن كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ساقلىغۇچىنىڭ سىغىمىغا قاراپلا تاللايدىغان مىجەزىڭىزنى تاشلاڭ، ياراشمايدۇ سىزگە ھې ھې ...

قاتتىق دىسكا: بۇنى كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بولار، پەقەت ھۆججەتلىرىمىزنى ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ، بىراق قاتتىق دېتاللارنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى سەۋەپلىك ھازىر ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئوقۇپ ئېلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېزلىشىپ كەتتى، بىراق ھازىرقى فىزىكىلىق قاتتىق دىسكىلارنىڭ ئوقۇش-يېزىش سۈرئىتى ئۇ دېتاللارغا يىتىشەلمەيۋاتىدۇ، نەتىجىدە كومپىيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ناۋادا كومپىيۇتېرىمنىڭ سۈرئىتى تېز بولسىكەن دەپ ئويلىسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىزغا بىر دانە تۇراقلىق قاتتىق دىسكا سەپلىسىڭىز ئەڭ ياخشى تاللاش بولىدۇ. كومپىيۇتېر سۈرئىتىنىڭ نەچچە ھەسسە تېزلەشكىنىنى ھېس قىلىپ قالىسىز.

ئاساسىي تاختا، ئاساسىي ئاپارات قېپى، توك مەنبەسى توغۇرۇلق كۆپ توختالمايمەن، پەقەت ھاۋا ئۆتكۈزىشى ياخشى ئاساسىي ئاپارات قېپى ۋە ھاجىتىڭىزدىن چىقالىغۇدەك ئاساسىي تاختا ۋە توك مەنبەسى تاللىسڭىز بولدى، ناۋادا ۋاقىت بولسا بۇ توغۇرلۇقمۇ تەپسىلىي توختىلىمەن.

تىخىمۇ كۆپ ئويۇن توغرىسىدا يىڭىلىقلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز: http://www.oyunchi.com

0

تېما

122

يازما

161

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
633
ئاقچا
0
QQ
dastur ۋاقتى: 2014-12-12 17:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . پايدىلىق تېما ئىكەن
............تىرىشقانلار يولدا قالمايدۇ .........

62

تېما

794

يازما

223

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
5314
ئاقچا
0
qinar120 ۋاقتى: 2014-12-12 17:58:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.PNG

GTX560Ti 冰龙版  بۇكۆرسىتىش قانداقراق

باھاسى¥1699
显卡类型

台式机显卡  


芯片厂方

NVIDIA


   

芯片型号

NVIDIA GeForce GTX 560 Ti


  

芯片代号

GF114  


制作工艺

40纳米


  

核心位宽

256bit
• 核心位宽是什么
• 查看所有256bit显卡
纠错

显卡接口标准

支持PCI Express 2.0


ھەرقانداق مىللەتنىڭ غەلبە قىلىش مەغلۇپ بولۇش تارىخى ب

1

تېما

406

يازما

578

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3131
ئاقچا
0
QQ
royharry ۋاقتى: 2014-12-12 18:18:30 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كولپيۇتىر ئويۇنىنى ئاز ئويناڭلار،ئۇنىڭ زىيىنى ھاراق تاماكىدىن قىلىشمايدۇ،
بولۇپمۇ بىزدەك بىشىدا غەم جق مىللەتكە ئويۇن ئويناپ ۋاقىت ئىسراپ قىلساق ياراشماس،

0

تېما

54

يازما

173

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
458
ئاقچا
0
QQ
ESIL9060 ۋاقتى: 2014-12-12 18:25:42 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Kompiyotirnig ikki Tal iqki sakliguqiden birni eliwatsa kompiyotir Yana normal hizmat kilalamu

0

تېما

54

يازما

173

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
458
ئاقچا
0
QQ
ESIL9060 ۋاقتى: 2014-12-12 18:27:00 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Kompiyotirnig ikki Tal iqki sakliguqiden birni eliwatsa kompiyotir Yana normal ixlamu dosla

باھا سۆز

قىلىدۇ  ۋاقتى: 2014-12-12 18:35

0

تېما

54

يازما

173

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
458
ئاقچا
0
QQ
ESIL9060 ۋاقتى: 2014-12-12 18:28:12 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KompiYotirnig ikki Tal iqki sakliguqiden birni eliwatsa kompiyotur Yana normal ixlamu dosla

3

تېما

347

يازما

511

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1920
ئاقچا
0
abduwayt ۋاقتى: 2014-12-12 18:28:53 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبدان تىما بۇپتۇ رەھمەت ،ئۇيۇن كۇمپىيۇتىرى سەپلىسەم ئەسقىتىپقالغۇدەك

27

تېما

1173

يازما

1015

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

كۈنلەرنىڭ بىردە (^_^)

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4428
ئاقچا
0
QQ
بارى ۋاقتى: 2014-12-12 18:33:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
royharry يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 18:18
كولپيۇتىر ئويۇنىنى ئاز ئويناڭلار،ئۇنىڭ زىيىنى ھاراق ت ...

شۇنداق، ئەڭ ياخشىسى  كىتاب ئوقۇش
ئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغانئالپ يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان
زىمىستاننى باھار دىگۈم يوق ❣

0

تېما

71

يازما

397

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2635
ئاقچا
0
arkin09971 ۋاقتى: 2014-12-12 18:46:19 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  i3  cpu  ئشلىتىمەن، ھازىرغىچە سۆرىيەلمىگۈدەك ئۇيۇن ئۇچىراپ باقمىدى،مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 11  ،جەڭگاھ 4 دىگەن  ئۇيۇنلارنى ئويناپ بولدۇم،سىن كارتا ئاسۇس 7850  ئەڭ چوڭ ئۇتۇن 50ج مەندىكى.

0

تېما

273

يازما

132

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
933
ئاقچا
0
QQ
سودىگەر1 ۋاقتى: 2014-12-12 19:05:03 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بوپتۇ ،ئويۇنغا قىزقمىساممۇ ،كومپىيۇىتر جەھەتتە ئازراق بىلىمگە ئىگە بۇلدۇم

5

تېما

10

يازما

29

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
93
ئاقچا
0
oyunchi12  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-12 19:54:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نۇقۇل ئويۇن ئوينايدىغانلار ئۈچۈن يىزىلغان يازما ئەمەس، بۇ يازمىنى كۆرۈش ئارقىلىق سىلەرنى كومپىيوتىر قاتتىق دىتاللىرى بىلەن تونۇشۋالسا كىيىنچە كومپىيوتىر ئىلىش توغرا كەلگەندە پۇلنى جايىغا خەجلىشىڭلارغا پايدىسى بولارمىكىن دەپ تەييارلىغان يازما.....

24

تېما

646

يازما

662

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

شاۋمى3

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3045
ئاقچا
1
QQ
جاھاندار ۋاقتى: 2014-12-12 20:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر پايدىلىق تېما
شاۋمى ئۈستىدە مۇنارىزە  بۇ چۈنگە مەرھەممەت 112150917

0

تېما

16

يازما

37

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
126
ئاقچا
0
تەنھا530 ۋاقتى: 2014-12-12 20:27:52 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يازما بوپتۇ ، كومپىيوتېر سەپلىمىسى توغۇرلۇق خېلى بىلىمگە ئىگە بولدۇق ، قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن ، يەنە يازما يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۇمۈت قىلىمەن ، رەھمەت جاپا چەكتىڭىز .

8

تېما

479

يازما

685

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2934
ئاقچا
0
karwan217 ۋاقتى: 2014-12-12 21:20:39 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر ،كاللا دېسە پاقالچاق ،دىمەڭلار! نۇقۇل ھالدا ئويۇن ئويناشنىلام مەخسەت قىلماڭلار!
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن ،كومپىيوتېر تاللىغاندىكى كومپىيوتېر سەپلىمىسىگە نىسبەتەن چۈشەنچىنى چۇڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدىكەن . مۇنبەرد <كومپىيوتېرنى قانداق تاللايمىز ؟> دېگەن بىر تىما بار ،شۇ تىما بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كۆرسەڭلار  كومپىيۇتېر سەپلىمىسىگە بولغان چۈشەنچەڭلار خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالدۇ،ئەلۋەتتە ساۋادىڭلار بولسا قايتا_قايتا ئوقۇساڭلار،تىما ئېگىسىگە رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش