ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

ئىزدەش
ئالپ تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەشغۇلات قىلىڭ
ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تىزىملىك
كۆرۈش: 8247|ئىنكاس: 23
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ھەقسىزwifiدىن بانكا ھىساباتىڭىزغىچە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

289

يازما

2334

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
6422
ئاقچا
70

تۆھپە ئوردېنى

QQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qarahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-9 16:47  

logo.jpeg

بۇ تېما wifiسىگىنالنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم يامان ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بۇلدىغانلىقنى تورداشلارغا بىلدۈرۈپ قۇيۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسەت قىلىنىپ يىزىلدى. قانداقتۇر بۇ يامان ئېشنى ماختاش ياكى دەرىسلىك قىلىپ يوللاش ئەمەس. شۇڭا بۇ تىخنىكىنى  ھەم ئېشلەتكەن يۇمشاق دىتاللارنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ توردا ئاشكارلىماسلىقنىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەگەر تېمىدا دىيىلگەندەك قىلمىشلار بايقالسا مەن ۋە مەزكۇر توربىكەت ئىگە ئەمەس.


ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن يەنە قايتىپ كەلدىم.  ئالدىنقى خاككىرلارWIFI رىڭىزنىڭ پارولىنى قانچىلىك ۋاقىتتا يىشەلەيدۇ؟ ناملىق تېمىنىڭ داۋامى بولغان ‹‹ھەقسىز wifiدىن بانكا ھىساباتىڭىزغىچە›› ناملىق تېماممنى باشلايمەن.
ئالدىنقى يازمىدىن مەلۇم بولدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۆزى تارقاتقان ياكى باشقىلار تارقىتىپ سىز پايدىلانغان wifiسىگىنالنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەل قارايدىكەن.يازمىدىمۇ دەپ ئۆتۈپكەتكەن تورداشلارمۇ ھىس قىلغان بۇلىشى مۇمكىن پارول بىكىتىپلا بىخەتەرلىككە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتكە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت wifiنىڭ پارولىغىلا قارىتىلغان ئەمەس. مەيلى توربەت ئاكونت پارولىڭىز بۇلامدۇ، QQ،ئۈندىدار پارولىڭىز بۇلامدۇ، Emailپارولىڭىز بۇلامدۇ ياكى بانكا ھىسابات پارولىڭىز بۇلامدۇ يۇقۇر دەرىجىلىك پارول قوغداش تەدبىرلىرىنى  قاتمۇ قات قوللىنىش، مەخپىلەشتۈرۈپ ھىسابلاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق سىزنىڭ ئاكونتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقۇرلىتىدۇ.ھازىرقى بىخەتەرلىك مەسىلىسى تور،يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتاللاردىن تارتىپ ھەممىسىگە ئورتاق.يەنە بىر مەسىلە شۇكى نۇرغۇن تورداشلار يانفون،پەد ياكى كومپىيوتىرغا ۋىروس ياكى ياغاچ ئاتا يۇقمىسىلا شەخسى ئۇچۇرلۇرۇم چۇقۇم بىخەتەر بۇلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بەك يۈزەكى قاراش. ھازىرقى ۋاقىتتا ۋىروس ياكى ياغاچ ئاتقا تايانمايمۇ سىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئىچكى ياكى تاشقى تورغا ئۇلانغان ئۈسكىنىڭىزگە كىچىككىنە بىر يۇچۇق ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ پۈتۈن بىر بىساتىڭىزنىمۇ يوقۇتۇپ قۇيۇشىڭىز مۇمكىن. مۇشۇ توربەت قۇرۇپ ئۆزى يىزىپ باققان قېرنداشلىرىمىز بىلىشى مۇمكىن كوددىكى بىر تال چېكىت ئارتۇق ياكى كام بۇلۇش سەۋەپلىك پۈتۈن بېتىڭىز خەقنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىدۇ.شۇڭا بىخەتەرلىك جەھەتتە يۇچۇقنىڭ چوڭ- كىچىكى بولمايدۇ. ئارتۇقچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىڭكى ھەرگىز سەل قارىماڭ.
خاككېرلار  ئاساسلىقى ئۆزى قەستەن پارولسىز wifiسىگىنالىنى تارقىتىش ۋە باشقىلارنىڭ تورىغا تاجاۋۇز قىلىپ ئاندىن بىلىق تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇردۇ.
ئادەتتە بىردانە خاتىرە كومپىيوتىر روتىر ئىقتىدارىغا ئىگە قوش يۆنۈلىشلىك تور كارتىسى(ئادەتتە خاتىرە كومپىيوتىرنىڭ ئۆزىنىڭ سىمسىز توركارتىسى بولغاچقا باشقا تور كارتىسى بولمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئىچىرقاپ كەتكەنلەر ئۈچۈن بىردىن ئارتۇق سىمسىز تور كارتىسى سەپلەش ئاقىلانىلىك) بولسىلا 15مېنۇتتن 30مېنۇتقىچە قارماق تاشلاپ بىلىق تۇتقىلى بۇلىدۇ. نىشان ئىزدشتە ئادەملەر كۆپ جايلاشقان ھەرخىل كۆڭۈل ئىچىش سورىنلىرىنى  باغچىلارنى تاللايدۇ.
ئۆزى سىمسىز تور نوقتىسى قۇرۇپ بىلىق تۇتۇش جەھەتتە:
باشقىلارنىڭ wifiسىگىنالىغا كىرىپ بىلىق تۇتقانغا قارىغاندا ئۆزى قۇرۇپ بىلىق تۇتقان بىر قەدەر ياخشى ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى قىلتاق مۇكەممەل بۇلىدۇ ھەم ھەرخىل توسالغۇلاردىن خالى بولغىلى روتىرنىڭ پارولىنى يىشىش قاتارلىق  ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.ھەم رايون چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمايسىز.سىز قۇرغان wifiسىگىنالنىڭ ئىسمىنى كىشىلەر  بىرقەدەر ئېشىندىغان ھەم قىزىقىدىغان CMCC,ChainaNET,ChinaUicom...قاتارلىقلارغا خالىغانچە ئۆزگەرتىپ بىلىقتىن مول ھوسول ئالغىلى بۇلىدۇ. بۇ باشقىلارنىڭ wifiسىگىنالىغا كىرىپ  بىلىق تۇتقانغا قارىغاندا ئەۋزەللىكى.
باشقىلارنىڭ wifiسىگىنالىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئاندىن بىلىق تۇتۇش جەھەتتە:
بىرىنجى قەدەمدە پارولسىز wifi سىگىنالغا ئۇلۇنۇپ ياكى ئالدىنقى خاككىرلارWIFI رىڭىزنىڭ پارولىنى قانچىلىك ۋاقىتتا يىشەلەيدۇ؟ دىگەن تېمىدىكىدەك پارولنى يىشىپ كىرىپ روتىرغا بولغان دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈشنى باشلايمىز.
1.jpg
2.jpg
رەسىمدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى سېسىسزwifiغا ئۇلالغان ھامانلا روتىرنىڭ پارولىنى يەشمەي تۇرۇپمۇ روتىرغا ئۇلانغا ئۈسكىنىلەرنىڭ ئىسىمى، تىپى،يەرلىك ipئادىرسى ۋە macئادىرسىغا ئىرىشكىلى بۇلىدۇ.روتىرغا ئۇلانغان ئۈسكىنىلەر تىزىملىكىندىن نىشانلىق ھۇجۇم قىلماقچى بولسا يەنى يانفوننى ياكى كومپىيوتىرنى تاللاپ ھۇجۇم قىلسا روتىر بىلەن ھەپىلەشمىسىمۇ بۇلىدۇ. لىكىن بۇنداق قىلغاندا ھەممە ئۈسكىنىگە ئايرىم- ئايرىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىش ئاۋارچىلىق.(بۇ مەخسۇس خاككېرلار ئېشلىتىدىغان يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق. بەزىلىردە روتىرغا كىرمەي تۇرۇپمۇ ھەممە ئۈسكىنىنى بىرلاۋاقىتتا تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلغىلى بۇلىدۇ)شۇڭا روتىنىڭ ئۆزىگىلا ھۇجۇم قىلغاندا شۇ روتىرغا ئۇلۇنۇپ بولغان ھەم يېڭىدىن ئۇلانغان بارىلىق ئۈسكىنىلەرگە قارىتا بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ ئانالىز ئىلىپ بارغىلى بۇلىدۇ. شۇڭا روتىرنى ئېشخال قىلىش مۇھىم.ئاددىي ھۇجۇملارنى قىلىپمۇ ئەمىليەتتە مەشخۇلات ئاددىي بولغان بىلەن ئۈنۈمى يۇقۇرى، سىزنىڭ قايسى ئۈسكىندە نىمە قىلۋاتقانلىقىڭىزدىن تارتىپ ئاساسەن مۇشۇ ئاددىي ھۇجۇمدىن پايدىلنىپمۇ بىلگىلى بۇلىدۇ.ئەگەر DNSنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك قىلتاق قۇردىغان ئېشلار بولسا روتىرغا كىرىشى كىرەك.
كۆپۈنچە روتىرلارنىڭ كۆڭۈلدىكى پارولى ناھايتى ئاددىي بۇلۇپ  نۇرغۇن تورداشلار روتىر سىتىۋالغاندا پارول ئۆزگەرتىشكە سەل قارايدۇ،شۇڭا بۇ پارولنى پەرەز قىلىپ ئوڭايلا يىشىۋالغىلى بۇلىدۇ. لىكىن پارول ئۆزگەرتىۋەتكەن روتىرلارنىڭمۇ پارولىنى يىشىدىغان مەخسۇس يۇمشاق دېتاللار بۇلۇپ بۇمۇ ئوخشاشلا ئالدىنقى تېمىدا دەپ ئۆتكەندەك پارول لۇغىتى ۋە بەلگىلىك ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بەزى روتىرلار بار. روتىر سېتىمىسىدا ئارقا ئېشىك قالدۇرۇپ قويغان. بۇ خىلدىكى روتىرلارمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىخەتەرلىك جەھەتتە مەسىلە بار دەپ تورلاردا ئاشكارلىنىپ بولدى. شۇڭا زاۋۇت تەرەپ سېستىما نەشىرىنى يۇقۇرلۇتۇپ بۇ ئارقا ئىشىكنى تاقاپ بولغان. لىكىن روتىر سېتىۋالغان تورداشلامۇ يەنە شۇ روتىر نەشىرىنى ۋاقتى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ نەشىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرشكە سەل قارايدۇ. تورداشلا بىر روتىر سېتىۋالىدۇ تورغا ئۇلاپ تەڭشەيدۇ ياكى تەڭشەتكۈزدۇ.ئاندىن نورمال تورغا چىقىپلا بەرسە ئۇ يىلدىن بۇيىلغا روتىنى بىرە قاتار تەكشۈرۈپمۇ قويمايدۇ.بۇ ئىغىر خاتالىق. شۇڭا ۋاقتى ۋاقتى ۋاقتىدا روتىرنىڭ ئورگان تورىغا چىقىپ ياكى باشقا تورلاردىن روتىرنىڭ ئىسمى ،تپىنى كىرگۈزۈپ قانداق يېڭى خەۋەرلەر بار. شۇلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرىشى كىرەك. بۇ روتىرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللانغان ئاساسىي تەدبىر.ئەمدى روتىردا بايقالغان ئارقا ئىشىك ئوخشىمغان روتىرلادا ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىردە پارولسىز ھالەتتە يۇقۇرى دەرجىلىق ھوقوقلۇق مەشخۇلاتلارنى بىمالال قىلغىلى بۇلىدۇ.بۇ خۇددى توربەتكە ھۇجۇم قىلىپ بىر جۈملە ياغاچ ئات كودىنى يوللاپ توربەتتىن Shell ئالغانغا ئوخشايدۇ.بەزىلىرىدە روتىرنىڭ كونا پارولىنى بىلمەي تۇرۇپمۇ يېڭى پارول بىكىتىپ روتىرغا نورمال كىرگىلى بۇلىدۇ. تۆۋەندىكىلىرى ئارقا ئىشىك بايقالغان چەتئەلنىڭ ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ روتىرلىرى. قىزىل كاتەكتە بويالغانلىرى بىزگە بىرقەدەر تۇنۇشلۇق بولغان كۆپ ئېشلىتىلدىغان روتىرلار.
3.jpg
روتىرنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن بىۋاستە يىڭى پارول سالغىلى بۇلىدۇ.
4.jpg
يىراقتىن كونتىروللاش ئارقىلىق روتىرنىڭ ئالىي ھوقوقلۇق ئاكونت ۋە پارولىغا ئىرىشىش
22.jpg
ئەمدىكى نۆۋەت نىشان ئۈسكۈنىگە قارىتا تەپسىلى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىز. ئادەتتە نىشان ئۈسكىنىگە قارىتا ئىز قوغلاش،ئىغىز تەكشۈرۈش(يەنى ئۈسكىنە ئېشلىتىۋاتقان مۇلازىمەتلەرنىڭ ھەرخىل ئىغىزلىرىنى تەكشۈرۈش مەسىلەن:3389،135،139...قاتارلىق ھۇجۇم قىلىشقا قولايلىق ئىغىزلار)،نىشان ئۈسكىننىڭ سېستىما تىپى،نەشىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش،يۇچۇق ئىزدەش،كومپىيتىرغا قارىتا تىزىمغا كىرش پارولىنى يىشىش،ۋاستىچى ھۇجۇمى قىلىش، ساختا سانلىق مەلۇمات بوغچىسى ياساش، TCP/UDPكىلىشىمى ئارقىلىق ھەربىر مەشخۇلات ياكى ئەپ، يۇمشاق دېتاللار،سېستىمىنىڭ ئارقا سۇپىدا تورغا يوللىغان ۋە توردىن چۈشۈرگەن سانلىق مەلۇمات بوغچىسىغا قارىتا ئىز قوغلاش،Http,FTP,IMPS,IRC,MSNقاتارلىقلارغا قارىتا پارولنى نىشانلاپ تۇرۇپ ئىز قوغلاش،Cookieنى يۇشۇرۇن پايلاش، نىشان ئۈسكۈنىنىڭ تورىنى ئۈزۈۋىتىش،نىشان ئۈسكىنىگە قارىتا نىشانلىق httpدىن باشلانغان بارىلىق تورئادرىسىنى باشقا ئادىرىسقا بۇراش ياكى ئالماشتۇرۋىتىش،نىشان ئۈسكىنە چىقىۋاتقان توربەتتىكى پۈتۈن رەسىم، سىنلارنى خالىغان باشقا رەسىم،سىنغا ئالماشتۇرۋىتىش،نىشان ئۈسكىنە چىقىۋاتقان توربەت ئارقىلىق JavaScriptكودىنى ئىجىرا قىلىپ توربەتتىن قىلتاق قۇرۇش،نىشان ئۈسكىنە چىقىۋاتقان توربەتتىكى خالىغان سۆزنى ياكى خەتنى سۈزىۋىلىپ خالىغان سۆزگە ياكى خەتكە ئالماشتۇرۋىتىش....قاتارلىق ھۇجۇملارنى قىلىغىلى بۇلىدۇ.

19.jpg
رەسىمدىكى 机顶盒(بۇنىمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلمىدىم)بۇنى يىلنىڭ ئوتتۇرىدا تورغا ئۇلاتقاندا بىر يىللىق ئىچىپ بەرگەن ئىدى، بۇ تىلگىرافنىڭ ZTE ماركىلىك ئادەتتىكى (Androidسېستىمىلىق ئەمەس)机顶盒 بۇلۇپ روتىرغا ۋە تېلۋىزورغا ئۇلانغاندىن كىيىن تېلگىرافنىڭ مۇلازىمىتىرىدىن ھەرخىل كىنو، كارتون قاتارلىق فىلىملەرنى كۆرۈشكە بۇلىدۇ.ئۇيغۇرچە قانال ۋە ئەڭ يېڭى كىنولارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نۇسخىسىمۇ بار.خىلە يامان ئەمەس.
5.jpg
تېلگىرافتىن بەرگەن 非智能机顶盒
6.jpg
非智能机顶盒دىكى پىروگىراممىلار
7.jpg
非智能机顶盒نىڭ مۇلازىمىتىر ئادىرسى.بۇ ئادىرسنى كومپىيتىردا نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدىكەن. ئەگەر نورمال زىيارەت قىلغىلى بولغان بولسا ئۇيغۇرچە ئىسىل فىلىملەرنى قولغا چۈشۈرگى بۇلاتتى. لىكىن بۇ ئادىرسنى تەھرىرلىگىلى بۇلىدىغان بۇلۇپ باشقا ئادىرسا ئالماشتۇرۋەتكىلى بولغۇدەك.

非智能机顶盒غا قارىتا دەسلەپكى ھۇجۇم:
8.jpg
9.jpg
10.jpg
11.jpg
12.jpg
ئەگەر android  机顶盒سېتىمىلىق بولسا ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ ئىغىر بۇلىشى مۇمكىن.

كومپىيوتىرغا قارىتا:
كومپىيوتىرغا قارىتا ھۇجۇم ئۈنىمى بىرقەدەر روشەن،چۈنكى كومپىيوتىردا شەخسى ھۆججەتلىرىمىز ئەڭ كۆپ ھەم سېستىمىدا كۆپلىگەن يۇچۇق ساقلانغان،شۇڭا باشقا ئۈسكىنىلەرگە قارىغاندا ئاسان ھەم بىرقەدەر كۆپ ھۆججەرلەرگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ.
تۆۋەندىكىلىرى wifiغا ئۇلانغادىن كىيىنلا ھىچقانداق يىشىش تەڭشەش ياكى باشقا تىخنىكىلىك مەشخۇلات ئىلىپ بارمايلا قىلىغىلى بۇلىدىغان ھۇجۇم
13.jpg
نىشان كومپىيىردىكى زىيارەت قىلۋاتقان توربەتتىكى پۈتۈن رەسىمنى خالىغان بىر رەسىمگە ئالماشتۇرۋىتىش

alip.jpg
نىشان كومپىيتىردىكى زىيارەت قىلۋاتقان توربەتتىن پايدىلنىپ JavaScript كودى ئارقىلىق دىئالوگ ياكى ياكى ئەسكەرتمە كۆزنەك چىقىرىش. بۇ كۆزنەكنى JavaScriptكودىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن چىقىرىلغان.ئاددەتتە خاككېرلار سىزگە بۇنداق ئۇچۇر چىقىرىپ ئۆزىنى ئاشكارلاپ يۈرمەيدۇ. JavaScriptكودىن پايدىلنىپ باشقا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. توربەت قۇرۇپ JavaScript كودىنى چۈشۈندىغانلار ئۈچۈن  JavaScriptنىڭ قانچىلىك كۈچىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. مەسىلەن JavaScriptدىن ياسالغان كۇنۇپكا تاختا خاتىرلىگۈچ كودىنى ئىجىرا قىلىپ سىزنىڭ كۇنۇپكا بىسىش ئىزىڭىزنى خاتىرلەيدۇ ياكى رەسىمدىكىدەك چىرايلىق گەپلەرنى يىزىپ خەتنى ئۆزىنىڭ ھىساباتىغا ئۇلاپ قۇيدۇ.

15.jpg
21.jpg
نىشان كومپىيىردىكى زىيارەت قىلۋاتقان توربەتتىكى خالىغان سۆزنى ياكى خەتنى سۈزۈۋىلىپ خالىغان سۆزگە ياكى خەتكە ئالماشتۇرۋىتىش .بۇ كۆزبوياش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ توربەتنى زىيارەت قىلغۇچىنى ئالداپ قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۇسۇلى.بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەسىلەن رەسىمدىكى ئاقچا دىگەن خەت بىكەت قۇرغۇچىسىنىڭ 支付宝ھىساباتىغا ئۇلانغان بولسا بۇ ئادىرسنى ھۇجۇم قىلغۇچى ئۆزىنىڭ 支付宝غا بۇرىۋىتىش ئارقىلىق سىزنى قىلتاققا چۈشۈرۈپ ئاقچا سېتىۋالغان پۇلىڭىز ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ھىساباتىغا چۈشۈپ كىتىدۇ.

16.jpg
نىشان كومپىيىردىكى زىيارەت قىلۋاتقان توربەتتكە ئاكونتىڭىز ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزۈپ توبەتكە كىرسىڭىز ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كومپىيوتىردا كۆرۈندىغىنى رەسىمدىكىدەك.رەسىمدىن كۆرۈۋىلىشقا بۇلۇدىكى تۇرانىم،ئالىپ، قۇتيارلار ئېشلەتكەن discuz بەت سېستمىسى ۋە باشقا مۇنبەر قاتارلىق سېستىمىلاردا پارولغا قارىتا ھىچقانداق مەخپىلەشتۈرۈش ئىلىپ بارمايدۇ. بۇ discuz بەت سېستمىسىدىكى مەسىلە.بەيدۇنىڭكى بولسا ئابونت ئىسمى ۋە پارولىنى كودلاش ئارقىلىق مەخپىلەشتۈرگەن بىلەن  Cookie نى ساقلىۋىلىش ۋە ئالداش ئارقىلىق يەنىلا سىزنىڭ ھىساباتىڭىزغا كىرەلەيدۇ.
2014-12-09_163956.png
قىلتاققا چۈشكەن ئاكونتلار(تىزىملىك قىسقارتىلدى)

18.jpg
بۇ بولسا بىرقەدەر يۇقۇرى تىخنىكا ۋە ۋىروسنىڭ ياردىمىدە  ئىرىشكەن كومپىيوتىرنىڭ Dدېسكىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكى(تىزىملىك قىسقارتىلدى).ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرگىنى بولغان ئىكەن چۈشۈرۈپ كۆچۈرۋالغىلىمۇ بۇلىدۇ ئەلۋەتتە.

20.jpg
بۇ يانفون SDكارتىسىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكى(تىزىملىك قىسقارتىلدى).بۇنىڭدىن باشقا يۇقارقى كومپىيوتىرغا قىلغان رەسىم ، خەت،JavaScriptكودىنى ئىجىرا قىلىش،ئابونت پارولغا بىۋاستە ئىرىشىش ۋە  Cookie نى ساقلىۋىلىش ۋە ئالداش قاتارلىق ھۇجۇملارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا يانفوندىمۇ كۈچكە ئىگە.

ئۆزى wifiتورنوقتىسى قۇرۇپ تارقاتقان سىگىناللاردا
خاككېرلار كومپىيوتىرىغا بىر يەرلىك مۇلازىمىتىر قۇرۇپ مۇلازىمتىرغا ئوخشىتىپ ياسالغان توربەتنى يۈكلەيدۇ، مەسىلەن بانكاتوربىتى، QQبوشلۇقى،ھەرقايسى Emailلارنىڭ توربەتلىرى...قاتارلىقلار. بۇنداق توربەتلەرنى ئادەتتە قاراپلا راست ساختىلىقنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ يانفوندا چىققاندا شۇنداق. سىز قىلتاق قۇرۇلغان wifiسىگىنالىغا ئۇلانغاندىن كىيىن توركۆرگىدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن يۇقارقى توربەتلەرگە چىقىشىڭىز مۇمكىن ياكى شۇ توربەتلەرنى مەجبۇرى سەكرەپ چىقىپ ئىچىلدىغان قىلىپ قويسا سىز ئىككىلەنمەي ئاكونتىڭىز پارولىڭىزنى كىرگۈزىسىز.
23.jpg
بۇ ھەقىقىي بەيدۇ تورىنىڭ كىرىش ئادىرسى
24.jpg
بۇ بولسا يالغان قىلتاق قۇرۇلغان يەرلىك مۇلازىمىتىغا يۈكلەنگەن بەيدۇنىڭ كىرىش توربىتى. قاراپلا ھىس قىلغانسىز. بۇ توربەتلەرنى كومپىيوتىردا زىيارەت قىلغاندا ئادەتتە ئادىرسقا قاراپ پەرىقلەندۈرسىڭىز بۇلىدۇ. لىكىن يانفوندا چىققاندا يانفون ئىكرانىڭىز نەچچە سۇڭ بوپكەتسۇن يانفون توركۆرگۈسىدىكى ئادىرس كىرگۈزدىغان بالدىقى تۇلۇق ئادىرسىنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ يەنە كىلىپ ئادىرسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەرگە قاراپ ھەرگىزمۇ راست يالغان توربەتنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت قولدا ئادىرسىنى  ئادىرس بىشىغا سۈرسىڭىز ئاندىن پەرقىنى ھىس قىلىسىز. سىزچە قانچىلىغان قىرىنداشلىرىمىز مەلۇم توربەتكە يانفوندا چىقىپ مۇشۇ ئادىرىسقا سەپ سالار.سىز ئويلاسىز www.baidu.comنى توغرا باستىم توربەت ئېچىلدى دەپ لىكىن مۇشۇ نەچچە سىكۇنت ۋاقىتتا ئەسلى ئادىرسىنى باشىقا ئادىرسا ئالماشتۇرۇپ ئىچىۋەتكىلى بۇلىدۇ. مانا بۇ يانفوندا تورغا چىقىشتىكى كۆپ سادىر قىلدىغان ھىچكىم دىققەت قىلمايدىغان چوڭ خاتالىق.شۇڭا دەيمەن سادىغان كىتەيلى دوستلار مۇشۇ پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلەك توربەتلەرگە قەتتىي يانفون توركۆرگىسىدىن چىقىشتىن ساقلنىڭ. يا پارولىڭىز ئوغۇلىنىدۇ ياكى قىلتاققا چۈشۈپ ئۆز قۇلىڭىز بىلەن پۇلىڭىزنى خەققە بىرىسىز.ئەگەر تىخىمۇ يامانلىرى بولسا DNSنى ئۆزگەتىش ئارقىلىق تىخىمۇ خەتەرلىك ئىشلانى قىلىشى مۇمكىن. بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك يەنە بىر ئېش توركۆرگىدە تور چىققانداغا قارىغاندا شۇ توربەتنىڭ ئىگە تەرەپ تارقاتقان يانفون تېرمىنالى ياكى ئەپچىسىدا تورغا چىقىشىڭىز بەكمۇ ئاقىلانلىك چۈنكى بۇنداق ئەپلەرگە يۇقۇردەرجىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىغاچقا يۇقۇرقىدەك ئادىرستىن ئالداش ئۇسۇلى ئەسقاتمايدۇ. ھەم ئەپ ئارقا سۇپىدا يوللىغان ۋە چۈشۈرگەن سانلىق مەلۇمات پۈتۈنلەي قالايمىقان كود ھاللەت كۆرۈندۇ.
25.jpg
26.png
شۇڭا ھەممە توربەتلەرنىڭ مەخسۇس ئەپ تېرمىنالىنى ئېشىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.يەنە بىر ئىش سىز توربەتكە كىرگەندە كۇنۇپكا ئارقىلىق كىرگۈزگەن پارولىڭىزغا قارىغاندا ئەپكە ئېشلەتكەن 9 چىكىتلىك قولدا سىزىق تۇتاشتۇرۇپ ئاچىدىغان پارولنىڭ بىخەتەرلىكى كۈچلىگەرەك،چۈنكى بۇ ئىككى خىل پارولنىڭ فونكىيسلىك كودلاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. ئەڭ مۇھىم بەك قولايلىق.

27.jpg
بۇ QQبوشلۇقىغا تەقلىد قىلىنغان قىتاق قۇرۇلغان توربەت.
يەنە بىر ئېش شۇكى ھەممىز بىلىمىز CMCC,ChainaNET,ChinaUicom ...قاتارلىق پارولسىز تورلارغا ئۇلىغاندا ئۈسكىنە ئۇلانغان ھامام شۇ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ توربىتىگە ئاپتۇماتتىك ئۇلۇنۇپ يانفون نومۇر ۋە پارولىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.ھەم نورمال تورغا چىقالايسىز. لىكىن مېنىڭ تەۋسىيەرىم شۇكى بۇخىلدى توربەتلەرنىڭمۇ ئوخشىتىپ ياسالغان قىلتاق قۇرۇلغان توربەت بۇلۇپ ئىسمى ئوخشاش، پارولى يوق، ئۇلىسىڭىز راستلا بىرە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تورىغا ئۇلانغاندەك ئوخشاش توربەت ئىچىلىدۇ.لىكىن يانفون نۇمۇرى ۋە پارولىڭىزنى كىرگۈزسىڭىز، تورغا ئۇلۇنۇش ئۈنۈمسسىز. بۇ ئاساسلىقى يانفون نۇمۇرىڭىز ۋە پارولىڭىزنى ئوغۇرلايدۇ. بۇ ئىككىسى ئوغۇرلانسا قانداق ئېشلارنى قىلغىلى بۇلىدىغانلىقنى تورداشلار بىلىدۇ.شۇڭا بۇ خىلدى  توربەتكە چىققاندا پارول كىرگۈزدىغان كۆزنەككە مۇقىم پارولىڭىزنى كىرگۈزمەي رامكىنىڭ يىنىدىكى 随即密码نى بىسىپ ئاندىن شۇ توربەتنىڭ راست ياكى ساختىلقىنى دەلىللەڭ. ساختا توربەت پارول ئەۋەتەلمەيدۇ ھەم مۇقىم پارولىڭىزنىڭ ئوغۇلىنىپ كىتىشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.

28.jpg
يۇقارقى ھۇجۇملار پەقەت باشقىلاربىلەن بىر توردا بۇلۇپ قىلىش سەۋەپلىك سىزنىڭ تورمەشخۇلاتىڭىزنىڭ TCP/UDPتور كىلىشىمى ئارقىلىق تورغا يوللىغان ۋە توردىن چۈشۈرگەن سانلىق مەلۇمات بوغچىڭىزنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا يۇقارقىدەك ھۇجۇملار توربەتتەت ياكى سېستىمىدا يۇچۇق بۇلۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. بىردىن بىر شەرتى بىر توردا بۇلۇش. بۇ خاككىرلانىڭ باشقا خىل ھۇجۇمى قىلىش شەكلىدىن ئەۋزەللىكى، باشقا خىل ھۇجۇمدا ئىغىز تەكشۈرۈش، يۇچۇق تەكشۈرۈش، ۋىروس ئىشلىتىش،كومپىيوتىردىكى ياكى مۇلازىمىتىردىكى ئوت تام، ۋىروسخورلارنى ئىتىش، قاچۇرۇش قاتارلىق ئاۋارچىلىق بار، لىكىن بۇ ھۇجۇم چەكلىك دائىردە بۇلىدۇ.سىز يۇقارقىدەك ھۇجۇمغا ئۇچۇرسىڭىز ئاساسەن ھۇجۇم قىلغۇچى مېنىڭ ئەتىراپىمدىكەن دەپ ئويلىسىڭىز بۇلىدۇ.
29.jpg
يۇقارقى مىسال قىلىنغان توربەتلەرگە ھىچقانداق خەتىرى بولمايدۇ.شۇڭا توربەت ئاتامانلىرى مەندىن رەنجىپ يۈرمىگەيسىلەر. ئەگەر توربەتكە بۇخىل ھۇجۇمدىن زىيىنى بۇلىدۇ دەپ قارىسا بىرە ئەزا مۇشۇ خىل توربەتتىن چىقىم قىلماقچى بۇلۇپ مۇشۇ خىل ھۇجۇمغا ئۇچۇراپ قۇيۇلۇپ كەتسە ئۇ ئەزا ئېشنىڭ جەريانىنى ئۇخماي توربەت ئىگىسىدىن كۆرۈشى مۇمكىن. توربەتنىڭ ئوبرازىغا پايدىسىز.
ئەڭ ئاخىردا دەيدىغىنىم يۇقارقى ئېشلارنىڭ ھەممىسى زىيادە ئاق كۆڭۈللۈك ھەم بىپەرۋالىقتىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەت. مۇنداقچە ئىيتقاندا يۇقارقى ئېشلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ بىشىغا كىلىشىنى ئىشەنمىسىڭىزمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ خەقنىڭ قارىسىغا كىتىشكە ئىشىنىڭ. سىزنىڭ سىمسىز تورىڭىزنى ئېشلىتىپ دۆلىتىمىز چەكلىگەن قانۇنسىز توربەتكە چىقىش ياكى چۈشۈرۈشم، يوللاش ئالاقىلىشى قاتارلىق ئېشلارنى قىلسا بارىلىق بالاغا سىز قالىسىز. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زىيادە كۆڭۈلچەكلىك قىلماڭ. كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئۇچۇق دىگەندەك ئىش بۇلۇپ قالمىسۇن.
wifiپاروڭىز ۋە روتىرنىڭ پارولىنى ياخشى ساقلاڭ، پات-پات تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ.كومپىيوتىر ۋە پەدلەرگە ARPئوتتام ئورنىتىشنى ئۇنۇتماڭ.
---------
تۆۋەندىكىلىرى ئالدىنقى تېمىدا يىزشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى مۇشۇ تىمىغان مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر:
ئالدىنقى تېمىدا چۈشۈپ قالغان 2 ئىش . بىرى روتىردىن تورغا چىقىدىغان ئۈسكىنىنى macئادىرسىنى باغلىۋىلىش ئارقىلىق ئارقىلىق بىخەتەرلىكنى يۇقۇرلاتقىلى بۇلىدۇ دىگەن گەپ. بۇ ياخشى چارە بىراق مەن بۇ تېمىدا مۇنداق بىرگەپنى قىلغان
مەن قۇشۇمچە قىلىپ سۆزلەپ ئۆتەي wifiسىگىنالىغا پارول سالماي پەقەت macئادرىسنى سۈزۈش ئىقتىدارىنى ئىچىپلا ئېشلەتكەندە يەنىلا بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ،چۈنكى ھازىرقى ئەڭ يېڭى BTنىڭ مۇنداق ئىقتىدارى بار يەنى سىزتارقاتقان پارولسىز سىگىنالنى بايقىغاندىن كىيىن شۇ سىگنالغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئىلىپ باردۇ ۋە wifiسىگىنالى تارقاتقۇچى بولغان سىزنىڭ macئادرىسىڭىزغا ئېرىشالايدۇ،2-باسقۇچتا سىزئىرىشكەن wifiسىگىنالى تارقاتقۇچىنىڭ macئادرىسىنى ئۆزىڭىزنىڭكىگە ئۆزگەرتىسز ۋە wifiسىگىنالىغا ئۇلايسىزۋە BTشۇ سىگىنالغا نىسبەتەن ئۇچۇر ئەۋەتىشكە باشلايدۇ،بۇ ۋاقىتتا wifiسىگىنالى تارقاتقۇچىنىڭ macئادرىسى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا توقۇنۇش كىلىپ چىقىدۇ يەنى macئادرىسى 冲突بۇلۇپ قالىدۇ ئۇ چاغدا سىز مەسىلىنى بىلىش ئۈچۈن چۇقۇم macئادرىسىنى سۈزۈش ئىقتىدارىنى تاقايسىز.كۆپۈنچى كىشىلەر macئادرىسىنى سۈزۈش ئىقتىدارىنى تاقاشتىن بۇرۇن پارول ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتمەيدۇ شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەدەملىك نورمال تورغا ئۇلىنىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.مەن پەقەت ئاددىي بولغان پىرىنسىپىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. يەنە بىرىگە tkipتۈردىكى پاروللارنىمۇ 100%بولمىسىمۇ يەشكىلى بۇلىدۇ،بۇنىڭدا نوقۇل ھالدا يۇمشاق دىتالغا تايىنىۋالمايمىز.لىكىن مېنىڭ تەۋسىيەرىم شۇكى كەپتەرجاننىڭ دىگەنلىرىدەك ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تورىنى ئېشلەتمەڭ.

شۇڭا بۇ ئۇسۇلنىمۇ قوللىنىش بىلەن بىرگە macئادىرسىڭىزنى باشقىلارغا ئاشكارلىماڭ ھەم يۇقارقى ئېشلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ.
يەنە بىرى بولسا wfiسىگىنالىنى روتىردىن يۇشۇرۇپ قۇيۇش، بۇمۇ ياخشى چارە. مۇشۇ win8چىققاندىن ياكى بىرسىدىن بىرگەپنى ئاڭلىغىنىم يادىمدا يەنى win8قاچىلانغا كومپىيوتىردا wifiسىگىنالىنى ئىزدەتكەندە مۇشۇ يۇشۇرۇپ قۇيۇلغان wifiسىگىنالىنىمۇ بايقاپ تىرناق ئىچىگە يۇشۇرۇن سىگىنال دىگەندەك خەت چىقىدىكەن دىگەندەك گەپنى ئاڭلىغان.مېنىڭ كومىيوتىرىمنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن بۇلۇش ھەم باشقا ئىھتىياجدىن win8نى تۇلۇق ئېشلىتىپ باققىدەك بولمۇدۇم.شۇڭا بۇ پەقەت ئاڭلىغانلا خەۋەر.تىخى دەلىللەنمىگەن. win8سېستىمىسى ئېشلىتىدىغان دوستلار سىناپ تەكشۈرۈپ مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يازسا بۇلىدۇ. تورلاردىنمۇ ئىزدەپ باقمىدىم راست يالغانلىقىنى.ئەگەر بۇ راست شۇنداق بولسا بۇ ئۇسۇلنىڭ قۇيۇرۇقىنى قۇم بىسىپ قالغۇدەك.
گەپ ئۇزۇراپ كىتىپ باردۇ كەچۈرسىلەر  يەنەبىر گەپ نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمۇز مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرسە بىز ئۇيغۇرلادا ياكى شىنجاڭدا بۇنداق قىلالايدىغانلار يوق دەپ ئولتۇردىكەن.ئۆزىڭىزنىڭ بىلمەسلىكى ياكى قىلالماسلىقى باشقىلارنىڭمۇ بىلمەسلىكى ياكى قىلالماسلىقنى بىلدۇرمەيدۇ. شۇڭا ئۇنداق گەپنى قىلماڭ. جاھاندا ئۇيغۇر قىلمەن دىسىلا قىلالمايدىغان ئىشى يوق.بەلكىم قىرىنداشلىرىمىز بۇنداق ھارام ئېشلاردىن يىراق تۇرۇپ ياخشى ئېشلارغا كۈچەۋاتقاندۇ. شۇ مىللىتىڭىزنى كەمسىتمەڭ.
------------------------------------------------------
تورداشلارنىڭ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن ھەرخىل باھانىلەرنى كۆرسۈتۈپ مېنى ئىزدەپ تىخنىكىغا ۋە يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سورىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6تەجرىبە +132 ئاقچا +3 يىغىش سەۋەبى
sirdash + 20 ئىجادىي ئەسەر
ayixa + 10 ياخشى يازما
بۆرە216 + 16 مەن قوللايمەن ، يەنىم.
alip + 50 + 3 ئىجادىي ئەسەر
MSM + 6 ياخشى يازما
uran + 30 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

16

تېما

289

يازما

2334

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
6422
ئاقچا
70

تۆھپە ئوردېنى

QQ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-10 20:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hanjar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 19:06
قاراخان ئەپەندىم! بىلىمىڭىز ھەقىقەت مولكەن . ئۇزۇندىن  ...

سىز دىگەن ******نى بىر شوتىغا ئوخشاتساق تامنىڭ ئۇ تەرىپىنى كۆرۈش ئۈچۈن مۇشۇ شوتىنى ئېشلەتسىڭىز. شوتا سىزچە قايسى تەرەپتە تۇرار. شوتا يەنىلا خەقنىڭ قۇلىدا.

28

تېما

1223

يازما

1071

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

كۈنلەرنىڭ بىردە (^_^)

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4626
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-12-9 16:43:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ، بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق پايدىلىق تېمىلارنى يوللىغىنىڭىزدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم ، كۆپ رەھمەت سىزگە
زىمىستاننى باھار دىگۈم يوق ❣

6

تېما

481

يازما

1321

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4673
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-12-9 17:00:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندىكى تېمىڭىز مىنى قورقۇتۇپ قويغان ئەمدى ماۋۇ تېمىڭىز
سىزدىن بىر ياردەم سوراي مىنىڭ ئۆيۈمگە تور ئورناتقىلى ئىككى يىل بولدى سىمسىز تور تارقىتىدىغان مودېم چىتىغلىق سىمسىز تورنى تەڭشەش ئۈچۈن 192.168.1.1 ماۋۇ ساننى تور كۆرگۈچنىڭ ئادرېس كىرگۈزىدىغان سىتونىغا كىرگۈزۈپ سىمسىز تورنىڭ مەخپى نومۇرىنى ئۆزگەرتىمەن
نەخ گەپكە كەلسەم قانداق تەڭشىسەم سىمسىز تورنى مەخپى قىلالايمەن بولسا مۇشۇ تەڭشەكلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز
ھىچقايسى مۇنبەردە بۇ توغرىسىدا دەرىسلىك يوق بىزلەرگە ياردەم قىلىپ بولسا سىنلىق بولمىسا رەسىملىك قىلىپ دەرىسلىك ئىشلەپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز

0

تېما

472

يازما

204

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1054
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-12-9 17:13:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ھەقىقەتەن ياخشى تىما بۇپتۇ،

16

تېما

289

يازما

2334

تەجرىبە

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
2
جۇغلانما
6422
ئاقچا
70

تۆھپە ئوردېنى

QQ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-9 17:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغرا يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 17:00
ئۆتكەندىكى تېمىڭىز مىنى قورقۇتۇپ قويغان ئەمدى ماۋۇ تې ...

ماقۇل.ۋاقىت چىقىرىپ  يوللاپ قۇياي.

12

تېما

422

يازما

676

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2740
ئاقچا
10
QQ
ۋاقتى: 2014-12-9 18:03:09 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
----
تورداشلارنىڭ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن ھەرخىل باھانىلەرنى كۆرسۈتۈپ مېنى ئىزدەپ تىخنىكىغا ۋە يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سورىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

…………………………
بۇ ئەسكەرتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەبدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلامدۇ؟
سىز بەك ئالدىراشمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟

2

تېما

168

يازما

354

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1517
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-12-9 19:12:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bayawat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 18:03
----
تورداشلارنىڭ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن ھەرخىل باھانىل ...

ئېنىق تۇرمامدۇ،ئاكامنىڭ تورىغا چىقاي دىگەنتىمەي،ئاغىنەم تورۇمنى ئىشلىتىپ كەتتىيەي دەپ قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ سىمسىز تورىنى ئوغۇرلاش ئۇسۇللىرىنى،شىفىر يېشىدىغان دېتاللارنى سورىماڭلار دېمەكچىكەن

2

تېما

147

يازما

593

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2172
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-12-9 22:13:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرۇنمەيدىغان سىمسىز   تۇرلارنىمۇ  بەزى  سىمسىز  تۇر كارتىسنىڭ  قۇزغىتىش پىرۇگىىراممىلىرى  ئىسمىنى دەپ بىرەلمىگەن بىلەن  لىكىن تۇرنى بايقىيالايدىكەن  مەن ئۇزۇمنىڭ    xp  سىستىمىسدا ئۆزۇمنىڭ يۇشۇرۇپ قۇيغان سىمسىز تۇرىنى سىمسىز تۇر كارتامنىڭ قۇزغىتىش دىتالىدا كۆرەلىگەن

0

تېما

64

يازما

211

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
801
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-12-10 00:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىكەن

1

تېما

17

يازما

34

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
112
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-12-10 00:55:50 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاسان  ئىشقۇ  مەنمۇ سىناپ باققان  ، ئۈستىدە ئىشلەتكەن دىتال بىلەن باشقىلارنىڭ كومپىيوتىردىكى ماتىريالنى كۆرگىلى بولمايدۇ پەقەت  تورغا چىقىش خاتىرسىنى ئىز قوغلاش ئارقىلىق  چ چ  ۋە باشقا بەيدۇ بوشلۇقى دىگەنلەرنىڭ مەخپي نومۇرغا ئىرىشكىلى بولىدۇ . بۇ دىتال مەندە بار ئىدى ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ .  بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك تىخنىكىلار يوقمۇ ؟

0

تېما

19

يازما

115

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
299
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-12-10 05:54:04 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىتالنى قايسى تور بەتتە كۆرگەن بەك سەپ سېلىپ كۈرۈپ كەتمەپتىمەن ئەمەسمۇ  ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدەپ باقسام بولغىدەك

0

تېما

476

يازما

229

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1164
ئاقچا
3
QQ
ۋاقتى: 2014-12-10 09:57:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپا چىكىپسىز رەھمەت

7

تېما

139

يازما

172

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
674
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-12-10 14:19:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپتىكى غالىپ يىگىتلەر! مېھرى ئاتەش،ئەستاھىدىل دوسلار،ماڭا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار كىرەك بۇلۇپ قالدى.
مەن ئالىپ تورىنى ئۇزۇندىن بۇيان سىرىتتىن كۆرۈپ ھەرقايسىڭلارنىڭ جاپالىق نەتىجەڭلار بىلەن ياخشى ئورتاقلاشقان ئىدىم.
مانا ھازىر يەنە سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار كىرەك بۇلۇپ قالدى.
تىلفۇنىمنىڭ تىپى خۋاۋېيG610-C00 ئىدى، بىر قېتىم ئىتپلا قايتا قوزغالمىدى،
قوزغاتسام كوك رەڭ چىقىپلا ئېچىلمىدى، قايتا سېستىما قاچىلاي دېسەم تېلفۇن سىمى كومپىيۇتېرغا چېتىلغىنى بىلەن تېلفۇننى تۇنىمىدى.
ئەمدى قانداق قىلسام تېلفۇن نۇرما ئېچىلىدۇ؟
مېھرى ئاتەش دوسلارنىڭ ياردەم قۇلۇڭلارنى سۇنۇپ قۇيشىڭلارنى ئۈمۇت قلمەن...........

098C9A47D31EF53BF7ADA7ABF989D471.jpg

9EBFF84DBB67F4C4FE0B1839BC8C28E7.jpg
تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلىك تۇرۇنلۇق نەشىر

3

تېما

203

يازما

367

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1521
ئاقچا
34
ۋاقتى: 2014-12-10 14:54:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز خاككىركەنسىز شۇنداقمۇ

0

تېما

91

يازما

334

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1490
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-12-10 19:06:35 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراخان ئەپەندىم! بىلىمىڭىز ھەقىقەت مولكەن . ئۇزۇندىن بىرى  بىر ئىشقا بەك ھەيران قېلىۋاتىمەن . سىز بۇ سۇ ئالىمغا جاۋاپ بىرەلىگۇدەكسىز ؟ مىنىڭ بىلىشىمچە  بەزى ئادەملەر ئاندىروئىت سىستىمىلىق ئۈسكۈنلەردە  ******* ئارقىلىق  بەزى توربەتلەرنى زىيارەت قىلىدىكەن . مەسىلەن ساجىيە تورى ۋە شۇنىڭدەك بەزى ئىسلامى توربەتلەر دىيارىمىزدا نۇرمال ئېچىلمايدۇ. بىراق ******* ئىشلەتكەنلەر نۇرمال زىيارەت قىلىدىكەن. ئۇنداقتا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ئۇنى بايقىيالماسمۇ؟ مەن بۇ ئىشقا بەك ھەيران قېلېۋاتىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

alip uyghur it web site |

Powered by Discuz! X3.1

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش