|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم. بۇ مەزمۇنلارنى مەن بۇرۇن Nokiaئېشلەتكەن ۋاقىتلاردا ساقلاپ قۇيۇپتىكەنمەن. شۇڭا بەزى مەزمۇنلار ھازىرقى يانفونلانىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ ماس كىلىدىغان جايلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ماس كەلمىگەن جايلىرىنى قۇبۇل قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. شۇڭا قالايمىقان ئىنكاس يازماڭ. تورداشلارنىڭ پايلىنىشىش ئۈچۈن يوللاندى.
1. 行货
بىز ئادەتتـە كۆپ ئاڭلايدىغان بۇ سۆز دۆلىتىمىزدە ئىشلـەنگـەن، ئىشلـەپچىقارغان زاۋۇتنىڭ ئىجازىتىدىن ئۆتكـەن، مـەلۇم ساتقۇچى ۋاكالىتـەن سېتىش ھوقۇقىنى قولغا كـەلتۈرگـەن، ياكى شۇ ئىشلـەپچىقارغان زاۋۇتنىڭ تارماقلىرى مـەلۇم رايون ، مـەلۇم دائىردە سېتىپ چىقارغان مـەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى مالنىڭ باھاسى ئاساسـەن قىممـەت، لېكىن ساتقۇچى ئورۇن مالنىڭ سۈپىتى، رېمونت قىلىنىشىغا كاپالـەتلىك قىلىدۇ.
رېمونت قىلىش، ئاسراش مـەركـەزلىرىنىڭ تـەمىنلىگـەن مۇلازىمىتى بويىچـە :
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : 9
2. 串货
بۇمۇ يۇقىرىقىنىڭ بىر تۈرى، كـەسىپ ئىگىلىرى بۇنى 炒货 دەپمۇ ئاتايدۇ. ھـەر قانداق دۆلـەت، ھـەر قانداق رايوندا بۇ خىلدىكى مـەھسۇلات مـەۋجۇت.
行货 مـەھسۇلاتقا ئادەتتـە نۇرغۇن باج تۆلـەيدىغانلىقى ئۈچۈن باھاسى مۇقـەررەر قىممـەت بولىدۇ . ھـەر قايسى رايوننىڭ ئىستېمال سـەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى 串货 مـەھسۇلاتنى بارلىققا كـەلتۈرگـەن.
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : 8
سېتىشتىن كېيىنكى كاپالىتى بار، ئادەتتـە 行货 دىن كۆپ پـەرقلـەنمـەيدۇ .
串货 ئادەتتـە قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ، بـەلكىم 行货 بىلـەن بىر قاتاردا تۇرالماسلىقى مۇمكىن.
3. 水货
بۇ خىلدىكى مـەھسۇلات باشقا رايون، دۆلـەتلـەردىن ئوغرىلىقچـە يۆتكـەپ كېلىنگـەن، تاموژنىنىڭ تـەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگـەن، ئـەتكـەس ماللار ھېسابلىنىدۇ. مـەسىلـەن: دۆلىتىمىزدىكى ياخشى مـەھسۇلاتنى ئوغرىلىقچـە ئامېرىكىغا يۆتكـەپ ساتساق ئامېرىكىدا بۇ مـەھسۇلات 水货دەپ ئاتىلىدۇ دېگـەندەك ...
بۇ خىلدىكى ئاتاشنىڭ دائىرىسى كـەڭ بولۇپ 港行,欧版,串货,充新机,克隆,翻新 قاتارلىقلار.
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : بىر نېمـە دېمـەك تـەس.
بۇ خىلدىكى مـەھسۇلاتنىڭ ئادەتتـە رېمونت ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى يوق.
4. 港行
بۇ خىل ئاتاش ئادەتتـە شياڭگاڭ ماللىرىغا قارىتىلغان. دۆلىتىمىزدە ئىشلـەنگـەن مـەھسۇلات بىلـەن ئوخشاش، سۈپىتى دۆلىتىمىزدە ئىشلـەنگـەن مـەھسۇلاتتىن ياخشى. لېكىن خـەت شـەكلى، ۋە بـەزى ئىشلىتىش جـەھـەتتىكى قۇلايسىزلىقلار تۈپـەيلى سىستېمىنى ئۆزگـەرتىشكـە توغرا كېلىدۇ ، بۇنىڭدا مـەھسۇلات مـەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ . شياڭگاڭ ماللىرى ئادەتتـە دۆلـەت ئىچىدە كاپالـەتكـە ئىگـە بولمايدۇ. بۇزۇلسا يېڭىدىن بىرنى سېتىۋالسىز ياكى يانچۇقتىن ئاقچا چىقىرىپ رېمونت قىلدۇرىسىز.
سۈپـەت جـەھـەتتـە行货 بىلـەن ئوخشاش.
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : 7
5. 欧版
مانا مانى رەسىمى 水货 دىسـەك بولىدۇ .
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكـەندەك باجدىن قاچقان مـەھسۇلات دە بۇ...
بۇمۇ شۇ باشقا بىر دۆلـەتنىڭ 行货 سى دېمـەكتۇر . پـەقـەت سىرتتىن ئوغرىلىقچـە مۇنداق...مۇنداقلا كىرگـەن يىرى بار. بۇنىمۇ 港行غا ئوخشاش سىستېما ئۆزگـەرتىش ... دېگـەندەكلـەرنى قىلمىسىڭىز ئاۋارىچىلىق ، كۆنـەلمـەيسىز. ئۆزگـەرتىش جـەريانىدا مـەھسۇلات مـەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن.بۇزۇلسا ئۆزىڭىز ئىگـە،...
ئـەممـە لېكىنزە سۈپـەت جـەھـەتتـە دۆلـەت ئىچىدىكى ۋە شياڭگاڭ مېلى 港行 دىن ياخشى.
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : 7
6. 翻新机
بۇنى قانداق مـەھسۇلاتكىن دەپ قالماڭلار. بۇ كونا مـەھسۇلاتنى يۇيۇپ، ئېيتىپ پارقىرىتىپ، دەزماللاپ، يېڭىدىن قاپلاپلا بىرەر ساختا نـەرسىلـەرنى قوشۇپلا يېڭىلاپ ساتقان مـەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەتتـە بۇنداق مـەھسۇلات جۇڭخۇا خـەلق جۇمھۇرىيىتىدىن سىرتقا كۆپلـەپ ئۇچۇپ چىقىدۇ.
بۇ خىلدىكى مـەھسۇلاتنى ھايانكـەش مۇناپىقلار يۈزىنى داپتـەك قىلىپ سىزنى ئالداپ ساتىدۇ.
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : 2
7. 充新机
بۇ خىلدىكىسى كاللىسى ئىشلـەيدىغان بىر قىسىم كـەسىپ ئـەھلى، چـەتئـەللـەردىكى ئۆمرىمىزدە كۆرۈپ باقمىغان غـەلىتـە يانفون ، شۇنداقلا ئاساسـەن يېڭى بىر قىسىم يانفوننى بىرلـەشتۈرۈپ، يىپ-يېڭى بىر مـەھسۇلات قىلىپ ياساپ چىققاننى كۆرسىتىدۇ. مـەسىلـەن : 萨基姆 ماركىلىق يانفوندەك...
بۇ خىلدىكى مـەھسۇلاتنى ئىككىنچى قول 港行 دىيىشكـە بولىدۇ .
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : 5
8. 板机
ماۋۇ خىلدىكىسى بـەك ئېچىنىشلىق. كونا يانفون ، رېمونتقا چۈشكـەن يانفون، يـەنـە بىر قىسىم ئـەبجـەق دېتاللارنى غـەلۋىردە تاسقاپ لازىملىقلىرىنى ئېلىپ ئۇستىلىق بىلـەن قۇراشتۇرۇپ پېچـەت ئىشلـەنگـەن مـەھسۇلات.
سىرتىغا يېڭى قاپ ئورنىتىپ، ماي، نائۇشنىك دېگـەنلـەرنى قوشۇپ سېتىۋېرىدۇ. مانا بۇ 板机 .
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : 0
ما خىلدىكى مـەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ پارتلاپ كـەتسىڭىز ھېچكىم ئىگـە بولمايدۇ. (چاقچاق ئـەمـەس جۇمۇ!)
9. 克隆机
ئىسمىدىن بىر نېمىنى چۈشـەنگـەندەك بولىدۇ كىشى. بۇ خىلدىكى مـەھسۇلات 行货 دىن يانفون نومۇرى قاتارلىقلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ باشقا بىر يانفونغا چاپلايدۇ. ئـەمـەلىيـەتتـە بۇ يانفون سۈپـەت جـەھـەتتـە يۈزدە-ئونمىڭلا 行货 يانفۇندىن ناچار بولىدۇ .
ھازىرقى 克隆 يانفونلارنىڭ ساختىلىقىدىن ھـەتتا يانفون رېمونت قىلىدىغان ئۇستاملارمۇ راست-ساختىلىقىنى بىلـەلمـەي جىددىيلىشىپ قالىدۇ.
خاتىرجـەم سېتىۋېلىش كۆرسـەتمىسى : نېمـە دېيىشنى بىلـەلمىدىم.
چۈنكى ئىنساپلىقلىرى 水货 ،港行 نى ئۆزگـەرتىپ 克隆机 قىلار، پۇلغا دۈم چۈشكـەن مۇناپىقلار 板机 نى 行货 غا ئۆزگـەرتىپ قويسا تۈگـەشكىنىڭىز شۇ!!!
|
|