|
تاختا كومپيۇتېر بازىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە تويۇنۇپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، مەھسۇلاتنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، شۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت 9 دىيۇمدىن تۆۋەن تاختا كومپيۇتېرغا Windows نى ھەقسىز تەمىنلەش تەدبىرىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى، بۇ تەدبىر ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن تەننەرختىكى تاختا كومپيۇتېر ياسىشىغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەردى. يېقىندا WinBook نىڭ Windows 8.1 لىك تاختا كومپيۇتېرى ئورگان تور بېكىتىدە 368 يۈەنلىك تۆۋەن باھا بىلەن بازارغا سېلىندى، Windows تاختا كومپيۇتېرى ساھەسىدىكى ئەڭ تۆۋەن باھا رېكورتىنى يېڭىلىدى.
بۇ تۆۋەن باھالىق Win8 تاختا كومپيۇتېر 7 دىيۇم بولۇپ، ئىنتىل (Bay Trail-T Z3735G 1.33GHz) نىڭ تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ، ئېنىقلىق دەرىجىسى 800*1280 لىك IPS ئېكران ۋە 16GB لىق ئىچىدىكى ساقلىغۇچمۇ سەپلەنگەن بولۇپ، MicroSD كارتىنىمۇ قوللايدىكەن.
شېنجېندا نۇرغۇنلىغان ئىككىنچى ئۈچىنچى دەرىجىدىكى 500-600 يۈەنلىك Windows 8 تاختا كومپيۇتېرلىرىمۇ ئاز ئەمەس. مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارىساق، Windows 8 تاختا كومپيۇتېرى ئەمدى قىممەت باھالىق مەھسۇلاتلاردىن ئەمەس، Windows 8 تاختا كومپيۇتېرى تېخىمۇ ئەرزان باھا بىلەن كىشىلەرگە ئومۇملىشىشى مەھسۇلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشىدۇر.
مەنبە : تېڭشۈن تورى http://www.erqal.com |
|