|
بىر ئاغىينەم تاۋباۋدىن ماۋۇ تېلفۇننى ئېلىپ بەرسەڭ دەپ كىرىپتۇ. سامسۇڭ i9300 تىپلىق يانفۇنكەن. بازاردا 1500 سوم دەيدۇ، تاۋباۋدا 1090 سومكەن، يەنە كۆچمە توك قاچىلغۇچنىمۇ قوشۇپ بېرىدىكەن دەپ. ساتقۇچىنىڭ دەرىجىسىمۇ يوقىرىكەن، مەيلى دەپ پۇل تۆلىدىم.
يانفۇن سەككىز كۈندە كەلدى. ئېچىپ قارىسام ھەممە يېرى نورمال. ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاپ، رومنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ دېگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلدىم. ئىككى كۈنگىچە كومپىيۇتېرغا چېتىپ مەشغۇلات قىلغاندىكىن سەزمەپتىمەن. تاۋباۋدىكى مال تاپشۇرۋېلىش ۋاقتىغا يەنە بىر كۈن قاپتۇ. يانفۇن نورمال بولغاندىكىن دەپ مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسنى بېسىۋېتىپتىمەن. ئەتىسى يانفۇننى كومپىيۇتېردىن ئاجىرتىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن قارىسام ئېتىلىپ قاپتۇ. قايتا ئاچسام توكى %0 ، يەنە ئۆچۈپ قالدى. توك تولۇق قاچىلانمىغان ئوخشايدۇ دەپ يېرىم كۈن توكقا چېتىپ قويدۇم. %85 توك قاچىلاندى. توكتىن ئاجىرتىپ بىردەم مەشغۇلات قىلسام توك تۈگىدى دەپ ئەسكەرتىش چىقىپ يەنە ئۆچۈپ قالدى. يەنە بىر باتارىيىسىنى ئونۋېرسال توك قاچىلغۇچقا بىر كېچە چېتىپ قويغانتىم. ئۇ باتارىيەنى سالساممۇ 20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئۆچۈپ قالدى.
تاۋباۋدىكى ساتقۇچىغا ئەھۋالنى دىسەم باتارىيەدە مەسلە بار ئوخشايدۇ، باشقا باتارىيە ئېلىۋال دەپ 100 سوم قايتۇرۇپ بەردى. باشقا باتارىيە تېپىپ سالساممۇ يەنە ئوخشاش، يانفۇن يېرىم سائەتلەردە ئۆچۈپ قالدى. توردىن شۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىزلىسەم بۇ تىپلىق يانفۇندا بۇنداق ئەھۋال كۆپ يۈز بېرىدىكەن.
يانفۇننى قايتۇرۋېتەي دېسەم مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈپ بولدۇم. بۇرۇن توردىن مال سېتىۋېلىش تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مالنى قايتۇرغىلى بولمايتى. ساتقۇچىغا دېسەم يانفۇننى سېلىپ بەر، پۇلۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن دېدى. يانفۇننى ئېلىۋېلىپ، پۇلنى بەرمىسەڭ قانداق قىلىمەن دېسەم ئەرز قىلساڭ بولىدۇ دېدى. كىيۇكىيۇ توپىدا باشقىلاردىن سورىسام شۇ گېپىنى رەسىم ھالەتتە تاۋباۋنىڭ ئەرز قىلدىغان يېرىگە يوللاپ، يانفۇننى سېلىۋېتىڭ دەپ چارە كۆرسەتتى. ئىككىلىنىپراق يانفۇننى سېلىۋەتتىم.
تاۋباۋنىڭ ئەرز قىلىش دېگەن يېرىنى بېسىپ ئىككىمىزنىڭ سۆزىنى رەسىم شەكىلدە چاپلاپ قويدۇم. ساتقۇچى مەن 100 سومنى قايتۇرۇپ بەرگەن دەپ ئىسپاتنى چاپلاپ ئەرزنى قايتۇرۋەتتى. مەن ئەرزنى تەھرىرلەپ 100 سومنى چىقىرۋېتىپ، مەن تېلفۇننى سالغان كىرا ھەققى 40 سومنى قوشۇپ قايتا يوللىدىم. ھەم مال سالغانلىق تالۇننىڭ رەسىمىنى يوللىدىم. ساتقۇچى 990 سومنىلا قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئىنكاس يازدى. مەن يانفوندا مەسلە كۆرۈلگەنلىكى سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ، شۇڭا كىرانىمۇ تۆلەيسەن دەپ كىرا ھەققىنىڭ تالونىنى يەنە چىقىرىپ قويدۇم. تاۋباۋنىڭ ئەرز قىلدىغان يېرىدە يەنە 2 كۈن مانچە سائەتكىچە ساتقۇچى ئىنكاس قايتۇرمىسا پۇلۇڭ قايتۇرۇلدۇ دەپ خەت چىقىپ ۋاقىت تەتۈر مېڭىشقا باشلىدى. بۈگۈن ئەتىگەن مال سالغان تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئىزدىسەم ساتقۇچى يانفۇننى تاپشۇرۋاپتۇ.
ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا تەتۈر ماڭغان سائەت توشۇپ 1030 سوم پۇل مېنىڭ ھىساباتىمغا قايتىپ كىرىپتۇ.
خۇلاسە: تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا گەرچە مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزملەشتۈرگەن بولساقمۇ مالدا سۈپەت مەسلىسى كۆرۈلسە مالنى قايتۇرۇپ، پۇلنى ئېلىۋالغىلى بولىدىكەن. |
|