ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1548|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[سىستېما دېتاللىرى] kolayjs ئېلان قىلىندى

28

تېما

99

يازما

916

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2077
ئاقچا
1
kolayjs دىگەن نىمە؟
kolayjs بولسا node.js سۇپىسىدا ئىجرا بولىدىغان javascript تىلدىن پايدىلنىپ يېزىلغان node.js مودىلى بولۇپ ،بۇ مودىل ئالگورىزىمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ، جۈملىدىن سانلار گۇرۇپپىسى ،ھەرىپلەر تىزمىسى،ۋە ھۆججەت مەشغۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مودىل سانلار گۇرۇپىسى، ھەرىپلەر تىزمىسى ۋە ھۆججەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىدىغان نورغۇنلىغان فۇنكىسيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ،بىز kolayjs تەمىنلىگەن مۇشۇ فۇنكىسيەلەردىن پايدىلىنىپ ماس ھالدىكى مەشغۇلاتنى بىرتەرەپ قىلالايمىز.
kolayjs تەمىنلىگەن بارلىق فۇنكىسيەلەردىن قانداق پايدىلنىش ھەققىدە مەخسۇس بىر بىكەت يىزىپ چىقىلدى، بۇيەردىن بارلىق فۇنكىسيەنىڭ قوللىنىش ئۇسۇلى ۋە قانداق رولى بارلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا ئىرىشەلەيىسز

http://tormahiri.github.io/kolayjs/
بىز بۇ kolayjs نى node.js سۇپىسىدا ئىجرا بولىدۇ دىدۇق،ئۇنداقتا
nodejs زادى نىمە؟
javascript نىڭ تەرەققى قىلىپ ئۆسۈشى بىلەن نورغۇن نەرسىلەرگە ئۆزگەرتىش ئىلىپ كەلدى،بۆگۈنكى تورتېخنكىسنى گۈللەندۈرۈش رىقابىتىمۇ ئوخشاش ئەمەس،بىز بىرقانچە يىللار ئىلگىرى ئويلاشمۇ تەس بولغان ئىشنى بۆگۈن بىز node.js بىلەن قىلالايمىز،javascript نى توركۆرگۈچتە ئىشلەتكەنگە ئوخشاشلار مۇلازىمىتىر تەرەپتىمۇ قوللىنالايمىز،ئەمىليەتتە بىز نورغۇن يىللار ئىلگىرى بۇنى ئويلاشمۇ تەس ئىدى ،چۈنكى بىز flash ياكى java applet قۇتىسىغا سولىنىپ قالغان ئىدۇق،لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس

ۋىكىپىدىيا نىڭnode.js ھەققىدىكى ئىنىقلىمىسى مۇنداق: node.js بولسا Googleنىڭ V8 JavaScriptماتورىنىڭ بولاقلانغان توپلىمى بولۇپ،دەسلەپتە javascript تىلىدا يىزىلغان، node.js ئاچقۇچىلارغا non-blockingۋە event-driven I/Oئۇقۇمىدا خىزمەت قىلىدىغان قورال ھازىرلاپ بەردى
s ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئۇلىنىدىغان real-time يۇمشاق دېتاللىرىدا websocket ئارقىلىق تېخنكىنى كىڭەيتتى.شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ real-time يەنى(ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئۇلىنىدىغان)تور يۇمشاق دېتالىمىز بارلىققا كەلدى،لىكىن بىز بۇنى 20 يىل ئاۋال قىلالمايتتۇق.بۇ تېخنكىدا ئابۇنىت تەرەپ ۋە مۇلازىمىتىر تەرەپ ئىككىلىسى سانلىق مەلۇماتنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىنى باشلىيالايدۇ،بۇنى ئەنئەنىۋى تور ئىنكاسىغا سىلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق،ئابۇنىت تەرەپ ھەردائىم ئالاقىنى باشلايتتى،قوشۇمچە قىلىپ ئيتقاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى HTML, CSS ،javascript ئاساسىدا توپلاشقان بولۇپ ئۆلچەملىك 80 ئىغىزى ئارقىلىق ئىجرا بولاتت . ەلكىم بەزى كىشىلەر بۇرۇنمۇ بۇ ئىقتىدارلار java apple ياكى flash دىمۇ بار ئىدى دەپ دەۋا قىلىشى مومكىن،لىكىن ئەمىليەتتە بۇلار پەقەت قۇتا ئىچدىكى موھىت بولۇپ transport protocol (ئالماشتۇرۇش شەرتنامىسى)نى قوللىنىپ ئابۇنىت تەرەپكە يەتكۈزەلەتتى،بۇلاغا قوشۇپ يەنە ھەمىشە ئايرىم موھىت ۋە ئۆلچەمسىز ئىغىزدا ئىجرا بولاتتى،بەلكىم بۇ تېخىمۇ ئارتۇقچە ئىجازەتلەرنى تەلەپ قىلىشى مومكىن . node.js ئۆزىنىڭ ئەۋەزل شارائىتى ۋە ئارتۇقچىلىقى بىلەن نورغۇنلىغان كۆپ پايدىلىق شىركەتلەردە مۇھىم رولىنى ئويناۋاتىدۇ

node.js قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟
node.js نىڭ ئەڭ موىھم ئدىيەسى بولسا:بۇ non-blocking, event-driven I/O ئۇقۇمىنى ئىشلەتكەن بولۇپ ھەرخىل ئۈسكۈنىلەرنى كىسپ ئۆتۈپ ئىجرا بولىدىغان سانلىق مەلۇمات مىقدارى يۇقىرى ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئۇلىنىدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ناھايتى ياخشى ئىجرا بولۇش ئۈنۈمى ۋە يىنىكلىكنى ساقلاپ قالغان يۇقارقى ئىنىقلىمىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەنىسى بار.

تېخىمۇ مەنىلىكى node.js تور دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا خوجايىنلىق رولىنى ئۆتەۋاتقان سۇپا ئەمەس (سۇپا دىگەن بۇ سۆز ھەرخىل ئۈسكۈنىلەردىكى ھەرخىل سېستىمىغا قارىتىلغان مەسىلەن،ئاندىرويىد سۇپىسى،ios سۇپىسى ياكى بولمىسا windows,ۋە linux لارنىڭ ئۆزىمۇ ئايرىم بىر سۇپا)بەلكى بۇيڭى خاس بىر تەلەپنى قامدايىدىغان سۇپىدۇر
تېخىمۇ مەنىلىكى node.js تور دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا خوجايىنلىق رولىنى ئۆتەۋاتقان سۇپا ئەمەس (سۇپا دىگەن بۇ سۆز ھەرخىل ئۈسكۈنىلەردىكى ھەرخىل سېستىمىغا قارىتىلغان مەسىلەن،ئاندىرويىد سۇپىسى،ios سۇپىسى ياكى بولمىسا windows,ۋە linux لارنىڭ ئۆزىمۇ ئايرىم بىر سۇپا)بەلكى بۇيڭى خاس بىر تەلەپنى قامدايىدىغان سۇپىدۇر دىگەن بۇ سۆزنى چۈشىنىش تولىمۇ موھىم،سىز Node.js يۇقىرى دەرىجىدە cpu مىقدارى تەلەپ قىلىدىغان مەشغۇلاتلارغا ئىشلەتمەيسىز ،ئەمىليەتتە Node.js نى مەشغۇلات مىقدارى ئىغىر بولغان تەلەپلەرگە ئىشلىتىش Node.js نىڭ بارلىق ئىقتىدارلىنى بىكار قىلىۋتىدۇ. Node.js نىڭ ئەڭ يورۇق نوقتىسى تىز سۈرئەتلىك scalable تور يۇمشاق دېتالى قۇرۇش بولۇپ، Node.js ناھايتى كۆپ ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەقلىدى ئۇلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھەر بىر ئۇلىنىش تەلىپى يىڭى لىنىيە بۆلۈپ(يەنى كۆپ لىنىيەلىك) سېستىمىنىڭ ram بوشلۇقىنى ئىگەللەيدىغان،بولۇپمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان Ram بوشلۇقىنىڭ مىقدارىدىن ھالقىلىپ كىتىدىغا ئەنئەنىۋى تور مۇلازىمىتىر تېخنكىسىغا سىلىشتۇرغاندا,node .js تاق-لىنىيەدە مەشغۇلات ئىلىپ بارالايدۇ(single-thread) , شۇنداقلا non-blocking I/O ئۇقۇمىنى ئىشلىتىپ 10مىڭلىغا ئارقىمۇ-ئارقا ئۇلىنىشنى قوللايدۇ

toptal-blog-1_B.png


npm بولاق باشقۇرغۇچى
node.js مۇنازىرىسىنى قىلىغاندا سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغان يەنە بىر نەرسە بولسا node.js بۇلاق باشقۇرغۇچىسى(npm module) بولۇپ بۇ بولاق باشقۇرغۇچ node.js بىلەن بىرگە كىلىدۇ،يەنى سىز node.js نى كومپيۇتىرغا قاچىلغان ھاما بۇ بولاق باشقۇرغۇچ تەڭلا كۈچكە ئىگە ،node.js دىكى npm مودىلى ئىديەسى رۇبي(Ruby بۇ قوليازما تىلى بولۇپ ئىشلەتكۈچىلىرى ناھايتى كۆپ)تىلدىكى rubygem ئۇقۇمىغا ئوخشايدۇ،يەنى بولاق باشقۇرغۇچ مودىلىنى ھەممە كىشى قوللىنالايدىغان بولۇپ ھەمدە بۇبىر قايتا قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان زاپچاس ھىسابلىنىدۇ،node.js مەخسۇس بۇلاق باشقۇرۇش بىكىتى بولۇپ سىز node.js سۇپىسىنى كومپيۇتىرىڭىزغا ئورنىتىپ بولغاندىن كىيىن توربىكىتگە كىرىپ دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەر ھەقسىز تارقاتقان npm مودىلىغا ئىرىشەلەيسىز ياكى كومپيۇتىرىڭىزنىڭ ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە (ئىجرا قىلىش كۆزنىكى بولسا ۋىندوۋىس مەشغۇلات سېستىمىسدىكى بۇيرۇق ئارقىلىق كومپيۇتىرنىڭ نورغۇنلىغان ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان قارا كۆزنەكلىك پىروگىرامما)كىرىپ npm install <مودىل ئىسمى=""> شەكلىدە يىزىپ node.js بولاق بىكىتىدە بار بولغان ھەرقانداق بىر مودىلنى ئورنىتالايسىز،بۇ خۇددى ئاندرويد تېلىفونى بار كىشىنىڭ گوگىل ئەپ بازىرىغا كىرىپ خالىغان بىر ئەپنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش،npm بولاق بىتىگە بۇ ئادرسىتىن كىرگىلى بولىدۇ https://npmjs.org/،بۇ ھەرقانداق بىر كىشىگە ئوچۇق . .
بىر قانچە داڭلىق node.js مودىلى
Express.js بۇ تىز سۈرئەتتە توربىكەت ئىچىش رامكىسى بولۇپ بۆگۈنكى كۆپلىگەن node.js سۇپىسىدا ئىجرا بولۇۋاتقان توربىكەتلەرنىڭ ئاساسلىقى بۇنىڭ بىلەن ئىچىلغان
socket.io ۋە sockjs بۇ ئىككىسى بۆگۈنكى نورغۇنلىغان كىشىلەرگە تونۇلغان مۇلازىمىتىر تەرەپ زاپچىسى.
Jade ئۇسلۇپ ماتورى ،haml دىن ئىلھام ئىلىنغان بولۇپ express دا گە قوشۇۋىتىلگەن يەنى سىز express رامكىسدا jade ئۇسلۇب ماتورىنى قوللىنالايسىز.
mongojs بولسا ئويبكىتلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا api تەمىنلەيدۇ،يەنى mongodb ئويبكىتلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى node.js دا قوللىنالايسىز
kolayjs بۇ مەن ئۆزۈم يازغان مودىل بولۇپ بۇ يۇقارقى داڭلىقلارنىڭ ئىچىدە يوق،شۇنداقتىمۇ بۇيەرگە قىتىپ قويدۇم ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە داڭلىق بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،بۇنىڭ بىلەن بىز سانلار گۇرۇپپىسى ۋە ھەرىپلەر تىزمىسىغا قارىتا نورغۇنلىغان ئالگورىتىملىق مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارالايمىز،يەنە ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە،كىيىنچە ئاللاھ خالىسا كۆپلىگەن ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ.

node.js ھەققىدىمۇ مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق،ئەمدى بۇنى قانداق قاچىلايمىز؟
قاچىلاش ئۇسۇلى تەپسىلى سىنلىق دەرسلىك قىلىپ يوللاندى،دەرسلىك ئادرىسى

http://tormahiri.github.io/blog/nodejs/2014/11/23/nodejs-ni-kaqilash.html

5

تېما

121

يازما

531

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1801
ئاقچا
1
dihan0998 ۋاقتى: 2014-11-23 20:06:38 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  مول  بىلىم  ئىكەن

8

تېما

377

يازما

442

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2021
ئاقچا
0
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2014-11-23 21:28:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگەـ قېنى دەرىسلىكنى بىر كۈرۈپ باقاي.

2

تېما

394

يازما

331

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1212
ئاقچا
0
Gerip520 ۋاقتى: 2014-11-23 23:07:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋەككۇل يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 21:28
رەھمەت سىزگەـ قېنى دەرىسلىكنى بىر كۈرۈپ باقاي.

مۇشۇ پىروگراممىرلارنى تېخىمۇ كۆپەيسىكەن دەيمەن جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىن.

0

تېما

79

يازما

189

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
850
ئاقچا
0
murat.. ۋاقتى: 2014-11-23 23:09:22 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنچىلك.ياخشى .بىلمڭىز .بۇ يەردە.....زايا كەتكۈدەك .قىرندىشىم...... يىزىلغان.ئنكاسقا .قاراپللا بىلۋالدىم...

0

تېما

5

يازما

7

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
27
ئاقچا
0
karluk007 ۋاقتى: 2014-11-24 21:13:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۆپ قىسىم كىشلىرمىز بۇ مەزمونلارنى چۈشىنىپ بۇلالمىغۇدەك،لىكىن تېما ئىگىسىنىڭ قالتىسلىقىغا قول قويدۇم.ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن قېرىندىشىم.

28

تېما

99

يازما

916

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2077
ئاقچا
1
tormahiri  ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-4 14:54:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Gerip520 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 23:07
مۇشۇ پىروگراممىرلارنى تېخىمۇ كۆپەيسىكەن دەيمەن جۈمل ...

ئەلۋەتتە بۇ سىز ۋە مەن ھەر بىرىمىزنىڭ كۈچىشى بىلەن بولىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش