- جۇغلانما
 - 1143
 
 UID44532
 
تىزىملاتقان2014-7-21
 
ئاخىرقى قېتىم2015-4-23
 
توردا497 سائەت
 
 
 
ئالىي ئەزا 
  
 
- نادىر
 - 0
 
	- جۇغلانما
 - 1143
 
- ئاقچا
 - 0 
 
 
 
 
 | 
	
    
 
تېلىفۇنغا ياتلىق بولدى ئادەملەر 
 
 
يىراقلاشتى ساپ ھاۋانىڭ لەۋلىرى ، 
تېرىكمەكتە زوكام تېگىپ پەسىللەر . 
پارچىلاندى بىر ئائىلە گەۋدىسى ، 
قىيسايماقتا تۆت تامدىكى غەزەللەر . 
 
بوران كىرەر پۈرۈشتۈرۈپ لېۋىنى ، 
غېرىپ كۆڭۈل يازار مۇڭلۇق ۋەسىيەت . 
ئېڭىشىدۇ ئالقىنىغا ئادەملەر ، 
قولتىقىدىن يىرتىلماقتا مۇھەببەت . 
 
غېرىپسىنار ئىككى ياندا پەرشتە ، 
يىقىنلىشار زامان ئاخىر قىرغىقى . 
ساپىقىدا يىگىلەيدۇ تەببەسسۇم ، 
ئاجىزلايدۇ مۇھەببەتنىڭ تىنىقى  . 
 
ئادەملەرنىڭ خىسلىتىدىن ئۆرگۆلۈپ ، 
قوروق چۈشتى جەمىيەتنىڭ يۈزىگە . 
ئېتىقادنىڭ مىۋىسىدە كېسەل بار ، 
ئاق چۈشمەكتە سەبىي روھنىڭ كۆزىگە . 
 
تېلىفۇنغا ياتلىق بولدى ئادەملەر . 
توڭلاتقۇغا كىرمەكتىمىز بىر بىرلەپ . 
تۇيۇقسىزلا ئۈششىمەكتە ئىشەنچ ، 
چىن سۆيگۈنى قويماقتىمىز قەبىرلەپ . 
 
تېلىفۇنغا ياتلىق بولدى ئادەملەر ، 
ئەتىمىزنى  بىر ئېكرانغا تىگەشتۇق . 
كۆز يېشىدا زېدە بولدى دەقىقە ، 
بۇرۇنقىدەك نە ئامانلىق سوراشتۇق ؟ 
 
 
تېلىفۇنغا ياتلىق بولدى ئادەملەر ، 
جۆمىكىدە قاغجىرايدۇ خۇشاللىق . 
ساختا رەڭدە ئالدانماقتا  تېنىمىز  ، 
نۆۋىتىدە سەل قارالدى ساغلاملىق . 
 
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن |   
 
باھالاش
- 
باھا خاتىرىسى
 
 
 
 
 
 |