- جۇغلانما
- 703
UID41275
تىزىملاتقان2014-5-17
ئاخىرقى قېتىم2015-4-8
توردا126 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 703
- ئاقچا
- 0
|
ۋاڭيى تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا ئامېرىكا تېلېگىراف مۇلازىمەت شىركىتى Boost Mobile يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ يەككە سېتىلىش باھاسىنى 100 دوللار تۆۋەنلىتىپ تۇنجى قېتىم iPhone 6 نىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ ساتقان مۇلازىمەت شىركىتىگە ئايلانغان ھازىر iPhone 6 نىڭ كېلىشىم باھاسىمۇ ئوخشاشلا تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن.
چەتئەل تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان بىر پارچە تەشۋىقات ماتىرىيالىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئامېرىكىدىكى زەنجىرسىمان پارچە سېتىش دۇكىنى Sam's Club نۆۋەتتە”قارا رەڭلىك ئازنە “ كۈنى iPhone 6 نىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ سېتىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ بۇ قېتىمقى باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىش پائالىيىتىدە ھەممىدىن بەك دىققەتنى تارتىدىغىنى iPhone 6 نىڭ كېلىشىم باھاسى تەشۋىقات ماتىرىيالىدا چۈشەندۈرۈشىچە iPhone 6 نىڭ ئىككى يىللىق كېلىشىم باھاسى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا 100دوللار چۈشۈرۈلگەن 16/64/128GB نۇسخىلىق iPhone 6 نىڭ ئىككى يىللىق كېلىشىم باھاسى ئايرىم ھالدا 99/199/299 دوللار قىلىپ بېكىتىلگەن.
بۇ پائالىيەت 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاياقلىشىدىغان بولۇپ ھەر قايسى پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىكى قالدۇق ماللارمۇ كۆپ ئەمەس ئىكەن. تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە Sam's Club دۇكىنى ”قارا رەڭلىك ئازنە “ كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن iPhone 6 نىڭ سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن ئەمما بۇ دۇكان ھەرگىزمۇ باھانى تۆۋەنلەتكەن بىردىن-بىر دۇكان ئەمەس ئىكەن مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسىدىكى بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن دۇكانلار iPhone 6 نىڭ سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
|
|